ۋاخان كارىدورىنى ئامېرىكىغا ئېچىپ بېرىش ياكى بەرمەسلىك ھەققىدىكى خىتاي ئىنكاسلىرى

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ھەر ئىككى تەرەپ، 12 - ئاينىڭ 4 ‏- كۈنى، ۋاخان كارىدورىنى ئېچىۋېتىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتىدۇ، دەپ جاكارلىغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ مۇزاكىرىنىڭ نەتىجىسى ھەققىدە ھۆكۈمەت تەرەپتىن تېخىچە ھېچقانداق ئۇچۇر يوق.

0:00 / 0:00

ئەمما بۇ مەسىلە ھەققىدە خىتايدىكى ھەرخىل تور بەتلىرىدە، بولۇپمۇ ھەربىيشۇناسلىق ھەققىدە مۇھاكىمە بولىدىغان تور بەتلەردە ئۆزلۈكسىز مۇنازىرە بولۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆز قارىشى يىغىپ كەلسە ئۈچ خىل.

12 - ئاينىڭ 4 ‏- كۈنى، ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى فىلىپس، ئامېرىكا ئافغانىستاندىكى ھەربىي قىسىملىرىغا تەمىنات يەتكۈزۈش لىنىيىسى ئۈچۈن خىتاي بىلەن ۋاخان كارىدورىنى ئېچىۋېتىش ھەققىدە سۆزلىشىۋاتىدۇ، دەپ جاكارلىغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىنلا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسىمۇ 'بۇ مەسىلە مۇزاكىرە قىلىنىۋاتىدۇ، ئەمما بۇ ھەقتە تېخى قارار چىقمىدى ' دەپ ئىنكاس قايتۇرغان ئىدى.

12 - ئاينىڭ 5 ‏- كۈنى، شىمالى كورىيىنىڭ 'چاۋسېن گېزىتى' ئامېرىكا ئافغانىستاندىكى قىسىملىرىغا تەمىنات يولى ئېچىش ئۈچۈن شىنجاڭنى ئارىيەت ئالماقچى، دەپ خەۋەر ئېلان قىلدى. خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى'دە ئامېرىكىغا يول بېرىش كېرەكمۇ، دېگەن مەسىلىنى ئويلاپ خىتاينىڭ بېشى قاتتى' سەرلەۋھىلىك مۇلاھىزە ئېلان قىلىندى.

بىر ھەپتىدىن بۇيان، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ۋاخان كارىدورى ھەققىدىكى مۇزاكىرىسىنىڭ نەتىجىسى ھەققىدە تېخىچە ھۆكۈمەت تەرەپتىن ھېچقانداق ئۇچۇر يوق. ئەمما خىتايدىكى ھەرخىل تور بەتلىرىدە، بولۇپمۇ ھەربىيشۇناسلىق جەھەتتە مۇھاكىمە بولىدىغان تور بەتلەردە، ۋاخان كارىدورىنى ئامېرىكىغا ئېچىپ بېرىش ياكى بەرمەسلىك ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر، ئىنكاسلار داۋاملىشىۋاتىدۇ. مۇنازىرىلەر بارغانسىرى چوڭقۇرلاۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ۋاخان كارىدورى مەسىلىسى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ھازىرقى بىر مۈشكۈل مەسىلە.

ۋاخان كارىدورىنى ئامېرىكىغا ئېچىۋېتىش كېرەك، دېگۈچىلەرنىڭ كۆز قارىشى

ۋاخان كارىدورىنى ئامېرىكىغا ئېچىۋېتىش كېرەك، دېگۈچىلەرنىڭ قارىشى مۇنداق: ۋاخان كارىدورىنى ئېچىۋېتىش ئامېرىكا ئۈچۈنمۇ، خىتاي ئۈچۈنمۇ پايدىلىق. بىرىنچىدىن، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا ئەسكەر كۆپەيتىش پىلانى ئورۇنلانسا، ئامېرىكىنىڭ ئافغانسىتاندىكى ئەسكەر سانى 100 مىڭغا، ناتونىڭ ئەسكەر سانى 50 مىڭغا يېتىدۇ. ئافغانىستاندىكى شۇ قەدەر كۆپ ئەسكەرگە يەتكۈزۈپ بېرىدىغان تەمىناتنى ۋاخان كارىدورى ئارقىلىق ئورۇنلاش، ئامېرىكا ئۈچۈن ئېيتقاندا، شىمالدىن ۋە جەنۇبتىن ھاۋا يوللىرى ئارقىلىق ئورۇنلىغاندىن كۆپ قولايلىق ھەم تەننەرقى ئەڭ تۆۋەن.

ئىككىنچىدىن، ئافغانىستاننىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. سوۋېت ئىتتىپاقى ھىندى ئوكيانغا كېڭىيىش ئۈچۈن ئافغانىستانغا ھۇجۇم قىلغاندا، خىتاي ئافغانىستاندىكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى جەڭ قىلىۋاتقان پارتىزانلارنىڭ تەمىنات ئارقا سېپى بولۇش ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلاشقان، بۇ قېتىم ۋاخان كارىدورىنى ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن يەنە بىر قېتىم ھەمكارلىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىيالايدۇ.

19 ‏- ئەسىردە، چار رۇسىيە ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭەيگەندە، خىتاي ۋاخان كارىدورىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پامىر ئېگىزلىكىدە رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلغان، تارىختىن قارىغاندا، ۋاخان كارىدورى خىتاي ئۈچۈن ھۇجۇم قىلىشقىمۇ، مۇداپىئە كۆرۈشكىمۇ قولايلىق جاي. ئامېرىكا بۇ قېتىم ئافغانىستاندىكى تالىبانلار بىلەن قىلغان ئۇرۇشتىن كېيىن، ئۇ جايدا تۇرمايدۇ، خىتاي ھازىر ۋاخان كارىدورىنى ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلاشسا، كېيىن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدا، خىتاينىڭ ئافغانىستاندىكى سانائەتلىرىنى قوغدىشى ۋە ئافغانىستاننى قايتىدىن قۇرۇش جەريانىدىكى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشلاردىن مەنپەئەت ئېلىشى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق. شۇنداقلا، خىتاي ۋاخان كارىدورىدا تۆمۈر يول ياساپ، ئەڭ يېقىن دوستى پاكىستان بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇشى ئۈچۈنمۇ شارائىت يارىتالايدۇ.

ئەگەر ھەر خىل قولايسىز شارائىتلار بولغانلىقتىن، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشى مۇرەككەپلىشىپ كەتسە، تالىبانلار ۋاخان كارىدورىدىن يوقالمىسا، خىتاي ھامان تالىبانلارغا قارشى ئەسكەر چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ ياكى شۇ ۋاقىتتا ۋاخان كارىدورىنى ئامېرىكىغا ئېچىپ بەرمەي مۇمكىن ئەمەس. ھەر ھالدا ھازىر ئابرويى بار ۋاقتىدا ئېچىپ بېرىپ، ئامېرىكىدىن يول پۇلى ئېلىپ تۇرغان تۈزۈك.

ۋاخان كارىدورىنى ئامېرىكىغا ئېچىپ بەرمەسلىك كېرەك، دېگۈچىلەرنىڭ بىر خىلى

ۋاخان كارىدورىنى ئامېرىكىغا ئېچىپ بەرمەسلىك كېرەك دېگۈچىلەر ئىككى خىل، بىر خىلىنىڭ كۆز قارشى مۇنداق: ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشى تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇش، يەنى ئەل قائىدىچىلەر ۋە تالىبانلار بىلەن بولغان ئۇرۇش. ئەل قائىدىچىلەر ۋە تالىبانلار ئافغانىستاندا چوڭقۇر ئاساسى بار تەشكىلات. خىتايغا قارشى تۇرمىغان. ئەگەر خىتاي ئامېرىكىغا ۋاخان كارىدورىنى ئېچىپ بەرسە، خىتايمۇ ئافغانىستاندا ئۇرۇش قىلغانغا ئوخشاش. ئۇنداقتا، خىتاي كېيىن ئافغانىستان بىلەن مەڭگۈ ئىناق ئۆتەلمەيدۇ. خىتاي نېمە ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ دوستىغا قارشى ئۇرۇش قىلىشى ئۈچۈن ۋاخان كارىدورىنى ئېچىپ بەرگۈدەك؟

گەرچە ۋاخان كارىدورىنىڭ ئافغانىستان تەرىپىدە قىرغىزلار، خىتاي تەرىپىدە تاجىكلار بولغانلىقى ئۈچۈن، ۋاخان كارىدورىنى ئامېرىكىغا ئېچىپ بېرىش ئامېرىكىنىڭ تىبەت، ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى قوللىشىغا ماسلاشقانلىق بولمىسىمۇ، ئەمما ھازىر ياۋروپادا خىتايغا قارشى توختىماي ھەرىكەت قىلىۋاتقان بۆلگۈنچى دالاي لاما بىلەن رابىيە قادىرنى مەبلەغ بېرىپ قوللاۋاتقان يەنە شۇ ئامېرىكا. بۇنداق ئەھۋالدا، خىتاي نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ دۈشمەنلىرىنى قوللاۋاتقان ئامېرىكىنى قوللىشى كېرەككەن؟

ئامېرىكا بۇ قېتىمقى تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلسا، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرى كۈچىيىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ دۇنيادىكى رەھبەرلىك ئورنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا بولغان كونتروللۇقى ئاجىزلايدۇ. ۋاخان كارىدورىنى ئامېرىكىغا ئېچىپ بېرىش، خىتاي ئۈچۈن ئېيتقاندا 'بۆرىنى قوتانغا تەكلىپ قىلغانلىق' بولۇپ قالمامدۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن ۋاخان كارىدورىنى تەلەپ قىلغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى ناھايىتى تەپسىلى چۈشەندۈرۈش ۋە بۇ سۇئاللارغا جاۋاب بېرىشى كېرەك.

ۋاخان كارىدورىنى ئامېرىكىغا ئېچىپ بەرمەسلىك كېرەك، دېگۈچىلەرنىڭ ئىككىنچى خىلى

ۋاخان كارىدورىنى ئامېرىكىغا ئېچىپ بەرمەسلىك كېرەك دەۋاتقان يەنە بىر خىل كۆز قاراشتىكىلەر بار. ئۇلارنىڭ كۆز قارىشى مۇنداق: ئافغانىستاننىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. ئافغانىستان شىمال تەرەپتىكى رۇسىيىنىڭ ھىندى ئوكيانغا ئۆتۈشىنى توسۇغىلى بولىدىغان جاي، جەنۇب تەرەپتىكى پاكىستان بىلەن ھىندىستاننىڭ كەشمىردىكى ھەرىكەتلىرىنى ياخشى كۆزەتكىلى بولۇدىغان جاي. بۇ دۆلەتنىڭ غەرب تەرىپى خىتاي بىلەن ( كونكېرت قىلىپ ئېيتقاندا بىۋاستە قەشقەر بىلەن) چېگرىداش. بۇرۇن سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستاندا پاتقاققا پاتقان، ئەمدى ئامېرىكىنىڭ بۇنداق پاتقاقنى خىتايغا تاشلاپ بېرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

ئەگەر خىتاي ھازىر ئامېرىكىنىڭ ۋاخان كارىدورى توغرىسىدىكى تەلىپىگە قوشۇلۇپ، ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشقا ئارىلىشىپ قالسا، خىتاينىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەردە، مەسىلەن تارىخىي مەسىلىلىرى تېخىچە بىرتەرەپ بولمىغان پاكىستان، بېنگال، ھىندىستان، كەشمىرلەردە، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 دۆلەتتە قاتتىق 'يەر تەۋرەش'كە ئوخشاش ئۆزگىرىش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. بۇنداق مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، خىتاينىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى كۈچى ئاجىز.

خىتاينىڭ ئەتراپىدىكى بۇ دۆلەتلەردە ياۋروپا مەدەنىيىتى، ئەرەب مەدەنىيىتى ۋە ھىندىستان مەدەنىيىتى ئۈستۈنلۈككە ئىگە. خرىستىيان ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئېتىقات قىلىنىش كۈچى ۋە كېڭىيىش كۈچى ناھايىتى يۇقىرى. خىتاي مەدەنىيىتى گەرچە قەدىمىي بولسىمۇ، ئەمما بۇ دۆلەتلەرگە كېڭىيەلمىگەن. بەلكى بۇنىڭ ئەكسىچە، بۇ دۆلەتلەردىكى مەدەنىيەتلەر خىتايغا كېڭىيىپ ئاللىقاچان كىرىپ بولغان. مەدەنىيەت توقۇنۇشىغا كەلگەندە خىتاي ئاجىز.

ۋاخان كارىدورى ئېچىلىپ كەتسە، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەتلىرى كېڭىيىدىغان يولى ئېچىلىپ كەتكەن بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى شىنجاڭدا، يەنى ئوتتۇرا ئاسىيادا خالىغانچە ئۇچۇپ يۈرسە، بۇ جەرياندا، سىرتنىڭ ئېھتىماللىقى بولغان مەدەنىيەت كېڭەيمىچىلىكىنى كونترول قىلىش قىيىن. ھازىر خىتاي ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھازىرقى ۋاقىتتا ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيانى مۇقىم قىلىش ھەممىدىن مۇھىم. ۋاخان كارىدورىنى ئېچىش مەسىلىسىدە ئامېرىكا قۇرۇدىغان 'قىلتاق'قا چۈشمەسلىك كېرەك.

ھالبۇكى، 12‏ - ئاينىڭ 4 ‏- كۈنىدىن بۇيان، ۋاخان كادىرورىنى ئامېرىكىغا ئېچىپ بېرىش ياكى بەرمەسلىك دېگەن مەسىلىدە خىتاينىڭ قانداق قارار ئالغانلىقى تېخى نامەلۇم، ئەمما خىتايدا ناھايىتى جىددىي مۇنازىرىلەر داۋاملىشىۋاتىدۇ. مۇنازىرە چوڭقۇرلاشقانسېرى كۆز قاراشلاردىكى قارىمۇ - قارشىلىقلار جىددى تۈس ئېلىۋاتىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.