'خىتاي قولىدىكى ئامېرىكا خەزىنە چېكىنى كوزۇر قىلىپ ئامېرىكىغا بېسىم ئىشلىتەلمەيدۇ'

خىتايدىكى ناچار كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدىن باشلاپ خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىگە قەدەر بىر قاتار مەسىلىلەر ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى مۇھىم تېمىلاردىن بولۇپ كەلمەكتە ئىدى.

0:00 / 0:00

ئامېرىكا سودا دائىرىلىرى خىتاينىڭ ئۆز پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى قەستەن تۆۋەن تۇتۇش ئارقىلىق خىتايغا تاۋار ئېكسپورت قىلىدىغان ئامېرىكا شىركەتلىرىگە نىسبەتەن ئادالەتسىز رىقابەت مۇھىتى ياراتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مۇتەخەسسىسلەر، بۇ خىل سودا مۇھىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن خىتاي خەلق پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ھالقىلىق ئامىل ئىكەنلىكنى كۆرسەتكەن ئىدى.

خىتاينىڭ ئۆتكەن 30 يىللىق تاشقى سودا جەريانىدا ئىككى تىرىليون دوللاردىن ئارتۇق تاشقى پېرېۋوت جۇغلانمىسى توپلىغانلىقى ھەمدە بۇ پۇللارنىڭ بىر قىسىمنى ئامېرىكىغا قەرز بېرىپ ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم دۆلەت چىقىمىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقى مەلۇم.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكىدا، ئامېرىكا خىتايدىن كۆپ مىقداردا پۇل قەرز ئالغانلىقى ئۈچۈن خىتايغا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئاياغلاشتۇرۇش ۋە خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى ئۆستۈرۈش جەھەتلەردە بېسىم ئىشلىتىش كۈچىنى يوقاتتى، دېگەن پىكىرلەر ئۇلغايماقتا ئىدى.

جۈملىدىن خىتاي دائىرىلىرىمۇ بۇنى ئامېرىكا دىپلوماتىيىسىدىكى كوزۇر قىلىپ ئىشلىتىشكە تىرىشماقتا.

بۇ تېما 7- ئۆكتەبىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلار ئىجرائىيە كومىتېتلىرىدا ئېچىلغان "خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش" تېمىسىدا ئېلىپ بېرىلغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يىغىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كىرستوفېر سىمىت ئەپەندى، گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەردىن ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قەرزدار بولۇپ قالغانلىقى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى جەھەتتە خىتاينىڭ ئالدىدا ئامېرىكىنىڭ تىلىنى قىسقا قىلىپ قويامدۇ ‏- قانداق دېگەن تېمىدا سوئال سورىدى.

بۇ ھەقتە ئالدى بىلەن ئامېرىكا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن پروفېسسورى، خىتايدا بىر مەزگىل خىزمەت قىلغان قانۇن مۇتەخەسسىسى دونالد كلارك ئەپەندى پىكىر بايان قىلدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى مەسىلىلەردە تولۇق ھوقۇقلۇق مۇتەخەسسىس بولمىسىمۇ، نۆۋەتتىكى خىتاي ئىقتىسادى ۋەزىيىتى ۋە خىتاينى چۈشىنىدىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىرلىرىنى نەقىل ئېلىپ خىتاينىڭ ئامېرىكىغا بەرگەن قەرزلىرىنى كوزۇر قىلىپ ئامېرىكىغا بېسىم ئىشلىتىش كۈچى يوق ئىكەنلىكنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: "خىتاي بىزگە بۇ قەرزنى بەرمەي ئامالى يوق. ئۇلار ئامېرىكىغا بۇ پۇللارنى قەرز بەرمەسلىكنى تاللاش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئەمما ئۇلار شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان زور مىقداردىكى سودا ئالاقىسىنىمۇ توختىتىشى كېرەك. شۇڭلاشقا خىتاينىڭ بۇ تاشقى پېرېۋوتلىرىنىڭ باشقا بارىدىغان يېرى يوق. خىتاينىڭ باشقا تاللاش يولى يوق."

ئۇ يەنە، نۆۋەتتە ئامېرىكىدا پۇقرالارنىڭ بانكىدا پۇل قويۇش نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ باشقا چىقىملىرىنى كۆتۈرۈشتە بۇ پۇللاردىن پايدىلىنالايدىغانلىقىنى، شۇڭا خىتايدىن يەنە قەرز ئېلىشقا ھاجىتى چۈشمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردىن تاشقى مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات كومىتېتى ئاسىيا تەتقىقات ئىنستىتۇتنىڭ دىرېكتورى ئېلىزابىت ئېكونومي خانىم خىتايدىن قەرز ئېلىش مەسىلىسىدە دونالد كلارك ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، گەرچە خىتاي تاللاش ئۈستۈنلۈكىگە ئىگە بولمىسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىغا قەرز بېرىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا دىپلوماتىيىسىدىكى كوزۇر قىلىپ قوللىنىشقا داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە خىتايدىكى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش مەسىلىسىنى خىتاي بىلەن ئېلىپ بارىدىغان بارلىق دىئالوگلىرىغا سىڭدۈرۈشى لازىملىقىنى كۆرسەتتى.

19- ئۆكتەبىر نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايدىن ئالغان قەرز مەسىلىسى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ئوبزوردا، ئامېرىكىلىق ئىقتىسادشۇناس ۋە پىرنستون ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ئىلمىي پروفېسسورى پائۇل روبىن كرۇگمان ئەپەندىمۇ، خىتاينىڭ قەرز مەسىلىسىنى ۋە ئۆز قولىدىكى ئامېرىكا دۆلەت خەزىنە چېكىنى كوزۇر قىلىپ ئامېرىكىغا بېسىم ئىشلىتىلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ ئوبزورىدا، ئەكسىچە ئامېرىكىنىڭ يەنىلا خىتاينى خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى ئۆستۈرۈشكە قىستاش ئۈستۈنلۈكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.