دوكلاتتا خىتايغىمۇ ئالاھىدە يەر بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىغا تەھدىت يارىتىدىغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى پەنتاگون1 - فېۋرال كۈنى ئۆزىنىڭ 2010 - يىلى ئېلان قىلىنغان 4 يىللىق ئىستراتېگىيە بەلگىسىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر بەلگىدە بۇندىن 4 يىل بۇرۇنقى 2006 - يىللىق دوكلاتتا دېيىلگىنىنىڭ ئەكسىچە، ئامېرىكىنىڭ يالغۇز ئىككى نۇقتىدا ئۇرۇش قىلىشى ئەمەس، بەلكى كۆپ تەرەپلىمىلىك تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ بەلگىدە ئىنتېرنېت ھۇجۇملىرى، يەر شارى خاراكتېرلىك ئىسسىپ كېتىش، قوراللىق ئىسيانلار تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي قۇرۇلمىسىنىڭ يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان تەھدىتلەر بىلەن بىرلىكتە يەنە، دۇنيانىڭ ھەر قانداق بىر يېرىدىن كەلگۈسى تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە قاراپ شەكىللىنىشى نىشان قىلىنغان.
بەلگىدە "بۇندىن كېيىن ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇلمىسى، كۆلىمى ۋە شەكىللىنىشىدە پەقەت رايون خاراكتېرلىك توقۇنۇشلارنىلا ئۆرنەك قىلىش توغرا ئەمەس"، دەپ تەكىتلەنگەن بولۇپ، سۈنئىي ھەمراھ ۋە ئىنتېرنېت ھۇجۇملىرى، تېررور تەشكىلاتلىرى ۋە تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇش ئېھتىمالى ئامېرىكىغا كېلىدىغان بولغۇسى تەھدىتلەر ئارىسىدا كۆرسىتىلگەن.
ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان 2010 - يىللىق ئىستراتېگىيە پىلانىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، پەنتاگوننىڭ ئەڭ مۇھىم نىشانى يەنىلا ئامېرىكا ھازىر ئىراق ۋە ئافغانىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇرۇشلاردا غەلىبە قىلىش ۋە بۇ دۆلەتلەردىكى تېررور تەشكىلاتلىرىنى تار - مار قىلىش ئىكەن. شۇڭا بۇ نىشان بويىچە ھەر ئىككىلا ئۇرۇشتا مۇھىم رول ئويناۋاتقان تىك ئۇچارلار، ئۇچقۇچىسىز جەڭ ئايروپىلانلىرى ۋە ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترەتلىرىنى سەپلەش ئۈچۈن مەبلەغ ئاجرىتىلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى دۆلەت مەجلىسىگە 2011 - يىللىق مۇداپىئە خام چوتى ئۈچۈن 700 مىليارد دوللار تەكلىپ سۇنغان بولۇپ، بۇ ئۆتكەن يىلغا قارىغاندا 44 مىليارد دوللار يەنى 2 پىرسەنت كۆپ ئىكەن.
س ن ن ۋە ئا ب د قاتارلىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋەردە، پەنتاگوننىڭ 4 يىل ئىچىدە دۇنياغا بولغان كۆز قارىشىدا مۇھىم ئۆزگىرىشلەر بولغانلىقىنى، شۇڭا بۇ قېتىملىق بەلگىدە مۇھىم ئۆزگىرىشلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان 4 يىللىق پىلاندا خىتايغا ئالاھىدە يەر ئايرىلغان بولۇپ، خىتاي تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقان ئاساسىي دۆلەت دەپ قارالغان. خىتاينىڭ ھاۋا مۇداپىئە ۋە ھۇجۇم قىلىش سېستىمىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە، ئىران ۋە شىمالىي كورىيىنىڭمۇ ھۇجۇم ئىقتىدارىنى تەرەققى قىلدۇرۇۋاتقانلىقى يېزىلغان. بەلگىدە يەنە ناۋادا خىتاي، شىمالىي كورىيە، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەھدىت كەلگەن تەقدىردە، بۇنىڭغا قارشى ئامېرىكا دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيىلىرىنىڭ "بىرلىشىپ ئۇرۇش قىلىش پىلانلىرى" مۇ ماددىلار ھالىدا يېزىپ چىقىلغان ئىكەن.
بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ما چاۋشۈ مۇخبىرنىڭ: "دوكلاتتا خىتاي ھەققىدە دېيىلگەنلەرگە قانداق قارايسىز؟" دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: "ئامېرىكا كونا مۇقامنى توۋلاپ، خىتاينىڭ ئۆزىنى قوغداش خاراكتېرلىك دۆلەت مۇداپىئەسى توغرىلىق قالايمىقان سۆزلىمەكتە. ئۇلار ھەم بىزنىڭ ھەربىي ئىشلىرىمىزنى ئوچۇق - ئاشكارا ئەمەس دەيدۇ. بۇ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىز بۇنىڭدىن نارازى. خىتاي ئەزەلدىن بېرى تىنچ تەرەققىي قىلىش يولىدا مېڭىپ، ھەربىي ئىشلىرىدا ئوچۇق - ئاشكااە بولۇش ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلدى. بىز ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارىتا ئادىل پوزىتسىيە تۇتۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز " دېگەن.
گەرچە خىتاي دائىرىلىرى ھەربىي كۈچىنى تەرەققى قىلدۇرۇشىنىڭ "ئۆزىنى قوغداش خاراكتېرلىك" ۋە "تىنچلىقپەرۋەر" ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا نىسبەتەن گۇمانىي نەزەردە بولماقتا. چۈنكى، خىتاي يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان ھەربىي خام چوتىنى ھەر يىلى 10 نەچچە پىرسەنتتىن كۆپەيتىپ كەلدى. خىتاينىڭ بۇ يىلقى ئاشكارا ئېلان قىلغان ھەربىي خام چوتىنىڭ ئۆزىلا 71 مىليارد دوللار بولۇپ، ۋاشىنگتوندىكى ئانالىزچىلار بۇ رەقەمنى خىتاي ھەربىي خام چوتىنىڭ پەقەت ئاشكارىلانغان بىر قىسمىدىن ئىبارەت، دەپ قارىغان ئىدى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاينىڭ ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىنى تىز سۈرئەت بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇۋاتقانلىقىمۇ كىشىلەردە ئەجەبلىنىش پەيدا قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى شۈ چىلياڭنىڭ، خىتاي ھاۋا ئارمىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇلتۇر 11 - ئايدا خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتقان: "مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئالەم بوشلۇقىنى كونترول قىلىش يەر يۈزىنى، دېڭىز ۋە ئېلېكترون دۇنياسىنى كونترول قىلىش دېمەكلىكتۇر ۋە ئالەم بوشلۇقى ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىنىڭ يۈز بېرىشى'تارىخىي مۇقەررەرلىك'" دېگەن سۆزى، خەلقئارا مەتبۇئاتلار ۋە ھەربىي كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، خىتاينىڭ "تېنچلىق بىلەن تەرەققى قىلىش" ۋە "پەقەتلا مۇداپىئە خاراكتېرلىك ھەربىي تەرەققىيات" دېگەن سۆزلىرىگە قارىتا كۈچلۈك گۇمان پەيدا قىلغان ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.