خىتاي ئامېرىكىنى قوللاپ چېگرىسىنى ئېچىپ بېرەمدۇ؟

ئامېرىكا خىتايدىن ئافغانىستاندىكى قىسىملىرىغا تەمىنات يەتكۈزۈش ئۈچۈن، خىتاي بىلەن ئافغانىستان چېگرىسىدىكى ۋاخان كارىدورىنى ئېچىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى. خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭمۇ بۇ مەسىلىدە 'ھازىر خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئىككى تەرەپ سۆزلىشىۋاتىدۇ' دەپ جاكارلىدى. تۈركىيىدىكى ئىستراتېگىيىنى چۈشىنىش تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇلاھىزە ئېلان قىلدى.

0:00 / 0:00

ئامېرىكا ئافغانىستانغا ئەسكەر كۆپەيتىشنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ب ب س، شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرى تۈنۈگۈندىن باشلاپ، خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلىرىنى خەۋەر قىلىشقا باشلىدى.

ئامېرىكا شىنجاڭ مەسىلىسىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسى دەپ قارىمايدۇ، بەلكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى دەپ قارايدۇ

خىتاي خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنىستىتوتىنىڭ تەتقىقاتچىسى جۇ فېڭنىڭ قارىشىچە، خىتاي پۈتۈن يەر شارىدا ئىسلام ئېكىستېرمىزمغا زەربە بېرىدىغان كۆرەشنىڭ مۇستەھكەم قوللىغۇچىسى. ئامېرىكا ئافغانىستانغا ئەسكەر كۆپەيتسە، ئافغانىستان ۋە پاكىستاندىكى ئېكىستېرمىزمچىلەر ئاجىزلىسا، بۇ، خىتاينىڭ شىنجاڭدا تېررورلۇققا قارشى كۆرىشگە پايدىلىق. ئەمما ئامېرىكا شىنجاڭ مەسىلىسىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسى دەپ قارىمايدۇ، بەلكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى دەپ قارايدۇ. شۇڭلاشقا ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا ئەسكەر كۆپەيتكەنلىكىنىڭ ئىجابى تەسىرىنى يۇقىرى مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ. خىتايغا نېسبەتەن ئېيتقاندا، بۇنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ.

ئافغانىستاندىكى تالىبانلار خىتاي چېگرىسى تەرەپكە قوغلىنىشىنى مۇمكىن

خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى سىياسەتلىرىنى تەتقىق قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋېن باش كاتىبى لى چىڭدۇڭنىڭ قارىشىچە، ئوبامانىڭ بۇ پىلانى بۇيىچە ئافغانىستاندىكى تالىبانلار خىتاي چېگرىسى تەرەپكە قوغلىنىشىنى مۇمكىن، بۇنداق بولسا، خىتاينىڭ غەربىي شىمال چېگرىسىدىكى ھەرىي بېسىم كۆپىيىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئافغانىستان ئىستراتېگىيىسى ئوساما بىنلادىننى تۇتۇش ۋە تالىبان تەشكىلاتلىرىغا زەربە بېرىشلا ئەمەس، بەلكى خىتايغا ۋە رۇسىيىگە قارىتىلغان ...

شاڭخەي فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى چى خۇەيگاۋنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئافغانىستان ئىستراتېگىيىسى ئوساما بىنلادىننى تۇتۇش ۋە تالىبان تەشكىلاتلىرىغا زەربە بېرىشلا ئەمەس، بەلكى خىتايغا ۋە رۇسىيىگە قارىتىلغان ئۇزۇن مۇددەت چوڭقۇر ئويلاپ -تەتقىق قىلغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىستراتېگىيە.

ئافغانىستان بىلەن پاكىستان چېگرىسىدا تالىبان قوراللىق كۈچلىرىنى تازىلايدىغان بۇ ئۇرۇشنىڭ خىتاينىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە يەتكۈزىدىغان سەلبىي تەسىرى بار

خىتاي خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنىستىتوتى جەنۇبىي ئاسىيا مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى ما جالى ئامېرىكا قىسىملىرى ئافغانىستان بىلەن پاكىستان چېگرىسىدا تالىبان قوراللىق كۈچلىرىنى تازىلايدىغان بۇ ئۇرۇش، گەرچە خىتاينىڭ ھازىر شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تېررورلۇققا قارشى كۆرىشىگە پايدىلىق بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ خىتاينىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە يەتكۈزىدىغان سەلبىي تەسىرى بار.

ئامېرىكا خىتايدىن ۋاخان كارىدورىدىكى چېگرىسىنى ئېچىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

بۈگۈن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياردەمچىسى فىلىپس خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى'نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىغاندا 'ئامېرىكا ئافغانىستاندىكى قىسىملىرىغا تەمىنات يەتكۈزىدىغان يول مەسىلىسىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ، شۇڭلاشقا ئافغانىستان ھازىر بۇ ھەقتە خىتاي بىلەن سۆزلىشىۋاتىدۇ' دېدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭ بولسا 'خىتاي بىلەن ئامېرىكا ھەر ئىككىسى ئافغانىستاندىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىشىنى قوللايدىغان دۆلەت'، 'ئەمما ئافغانىستاننىڭ مۇستەقىللىقىگە، ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۈرمەت قىلىنىشى كېرەك' دېدى.

مەزكۇر گېزىتتە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ۋە ناتو باشچىلىقىدىكى كۆپ دۆلەت قىسىملىرى ھازىر ئافغانىستان بىلەن پاكىستان چېگرىسىدا تالىبان قوراللىق كۈچلىرىنى تازىلىماقچى، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئامېرىكنىڭ ئافغانىستاندىكى قىسىملىرىغا پاكىستان پورتلىرى ئارقىلىق تەمىنات يەتكۈزۈش قولايسىز بولۈپ كېلىۋاتقان ئىدى، ۋاخان كارىدورىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن ئافغانىستاننىڭ بەدەخشان ئۆلكىسى ئارىسىدا 73 كىلومېتىرلىق چېگرا بار، ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ۋاخان كارىدورىنى ئۆز قىسىملىرىغا تەمىنات يەتكۈزىدىغان يول قىلىشى ئۈچۈن مۇشۇ چېگرىنى ئېچىۋىتىشنى تەلەپ قىلماقتا. ئوباما ئۆتكەن ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلغاندا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئافغانىستان ھازىر خىتايدىن مۇشۇ چېگرىنى ئېچىۋېتىشنى تەلەپ قىلماقتا.

ئوتتۇرا ئاسىيا ھازىر خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭلا كونتروللۇقىدىكى رايون ئەمەس ...

خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئافغانسىتاندىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللاش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ چېگرىسىنى ئېچىپ بېرىشى مۇمكىنمۇ؟ بۇ ھەقتە تۈركىيىدىكى ئىستراتېگىيىنى چۈشىنىش تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى مۇلاھىزە ئېلان قىلدى.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي بۇ چېگرىنى ئاسانلىقچە ئېچىۋەتمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما ئوتتۇرا ئاسىيا ھازىر يالغۇزلا خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭلا كونتروللۇقىدىكى رايون ئەمەس، كۆپ دۆلەتنىڭ كۈچ تەڭپۇڭلىقى شەكىللىنىپ بولغان رايون، بۇ قېتىم ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا ئەسكەر كۈپەيتىشى بىلەن ، غەربنىڭ قىممەت قارىشى ئوتتۇرا ئاسىياغىمۇ كىرىدۇ. بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا پايدىسى بار.