'دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ چۈشىدىن ئويغىنىپ كەتتى'

يېقىندا "ئاسىيا ۋاقتى" گېزىتىدە "دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ چۈشىدىن ئويغىنىپ كەتتى" ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە خىتاينىڭ دۇنيانىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك كۈچلۈك دۆلىتى بولۇش ئارمىنىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغان - ئاشمايدىغانلىقى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلگەن.

0:00 / 0:00

ئاپتور ماقالىدە، ھازىرقى دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك دۆلەت بولغان ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا سېلىشتۇرما ئېلىپ بارغان.

"دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ چۈشىدىن ئويغىنىپ كەتتى" ماۋزۇلۇق ماقالىنى ئىتالىيىدە نەشردىن چىقىدىغان داڭلىق گېزىت بولغان "لا ستامپا" نىڭ ئاسىيا بۆلۈمى مۇھەررىرى فرانسېسكو سىسىي يازغان. ئۇ ماقالىسىدە نۇرغۇنلىغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ بىر كۈنى دۇنيادىكى بىرىنچى دەرىجىلىك كۈچلۈك دۆلەت بولۇشىنى خىيال قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خەلقئارا سىياسەتتە بىرىنچى بولۇش ئۈچۈن ھەربىي كۈچنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

فرانسېسكو سىسىي مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ:

-- خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى ئامېرىكىنىڭكىگە يېتىشەلەمدۇ. ئەگەر شۇنداق بولسا قاچان؟

بېيجىڭدىكى نۇرغۇن ئىستىراتېگىيە مۇتەخەسسىسلىرى مۇشۇنىڭغا جاۋاب ئىزدىمەكتە. ئۇلار بۇنى ئىقتسادىي كۈچ ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. خىتاينىڭ ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغاندا، تەبىئىي ھالدا خىتاينىڭ ھەربىي خىراجىتى ئۆرلەپ بارىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ھەربىي كۈچىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ. ئەمما بۇنىڭغا مۇنداق بىر توسالغۇ بار، ئۇ بولسىمۇ تېخنىكا مەسىلىسى. خىتاي نۇرغۇنلىغان تېخنىكا تۈرلىرىدە ئامېرىكىنىڭ كەينىدە. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭغا يېتىشىۋېلىشمۇ ئىنتايىن قېيىن.

ئامېرىكا بەلكىم ئىقتىسادىي كۈچ جەھەتتىن "ئىككىنچى ئورۇن"غا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمما خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئامېرىكىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەندىن نەچچە ئون يىل كېيىنمۇ، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ تېخنىكا جەھەتتىكى ئالاھىدە ئۈستۈنلۈكىنى يەنىلا ساقلاپ قالىدۇ. خىتاينى ھەربىي جەھەتتىن ئامېرىكىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتىمۇ دەيلى، ئەمما ئۇ پىكىردە يېڭىلىق يارىتىپ يېڭى نەرسىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارغاندا ۋە شۇنداقلا زور تەسىر قوزغايدىغان تېخنىكىلارنى ياراتقاندىلا ئاندىن ھازىرقى ئامېرىكىدەك دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ بولالىشى مۇمكىن.

ئاپتور فرانسېسكو سىسىي يالغۇز ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۈكسېلىشنىڭلا مەسىلىنى ھەل قىلىشقا يەتمەيدىغانلىقىنى، خىتاينى ئىقتىسادىي جەھەتتە ئامېرىكىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى دېگەن تەقدىردىمۇ، ئامېرىكىغا ھەربىي جەھەتتىن جەڭ ئېلان قىلغۇدەك ھالەتكە مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىمۇ يېتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئۆز رايونىدا يالغۇز ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بولغان ياۋروپا، ياپونىيە، ھىندىستان ۋە باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قارشى يىگانە ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: "خىتاي كەلگۈسىدە قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان جىددىيچىلىكلىرىنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج" دەپ كۆرسىتىدۇ.

ئۇ مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ: "بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ زورىيىپ كېتىشىدىن قورقۇدۇ. چۈنكى خىتاي "يېڭى كەلگەن بىرى"، ئۇنىڭ نېمىلىكى ئېنىق ئەمەس. ئۇ بەك چوڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەك ئىتتىك زورايغان بىر دۆلەت. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي زامانىۋى دىپلوماتىيە ئۈچۈن تېخى بەكلا خام.

ھەممىدىن مۇھىمى، بۇ دۆلەتلەر خىتاينىڭ سىياسىتىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدىن ۋە دوستانە ئەمەسلىكىدىن قورقۇدۇ. بىر سۆزگە يىغىپ ئېيتقاندا، خىتاي دېموكراتىك بىر دۆلەت ئەمەس.

ئاپتور خىتاينىڭ ئۆزىگە ئىتتىپاقداش ھەقىقىي دوست تېپىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن چوقۇم دېموكراتىيىلىشىشى كېرەكلىكىنى، ئەمما بۇنىڭ چوڭ دۆلەت بولۇش ئۈچۈن پەقەت كېرەكلىك بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ ۋە خىتاينىڭ چوقۇم ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

فرانسېسكو سىسىي ماقالىسىدە يەنە، تەيۋەن مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئالغان بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇشىنىڭ مەقسىتى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ مۇنداق دەيدۇ:

-- خىتاي ھازىر نېمىشقا ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. خىتاي بۇ قوراللىرى ئارقىلىق تەيۋەننى بېسىۋالماقچىمۇ ياكى جەنۇبىي دېڭىزغا ئۆزىنىڭ تەسىرىنى يايماقچىمۇ؟

خىتاي كەلگۈسىدە ھەر ئىككى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىشى مۇمكىن. ئەگەر خىتاي شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇ ناھايىتى تېزلا ھەم ئىقتىسادىي، ھەم سىياسىي جەھەتتىن قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ. خىتايمۇ بۇنى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇ بۇنداق قىلىش ئارقىلىق چوڭ دۆلەت بولۇش خىيالىدىن بىراقلا قۇرۇق قالماسلىققا تىرىشىدۇ.

ئاپتور شۇنداق تۇرۇقلۇق خىتاينىڭ تەيۋەنگە تەھدىت قىلىشتىن توختاپ قالمايۋاتقىنىنى، بۇنىڭغا خىتايدىكى رىئاللىقنى كۆرمەيدىغان، خىتاينىڭ قانداق قىلغاندا زور دۆلەت بولالايدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ۋە ئەمەلىي پىكرى بولمىغان "مىللەتچىلەرنىڭ" بېسىمىنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئۇ يەنە، خىتاينىڭ زور دۆلەت بولۇشىنى چەكلەيدىغان ئامىللارنىڭ خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئىچىدىمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ:

-- دەرۋەقە، خىتاينىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك كۈچ بولۇشىغا توسالغۇ بولىدىغان نۇرغۇن كۈچلەر بار. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يەنە شۇ ئۆزىنى خىتاي دەپ ئاتايدىغانلار. مەسىلەن، ماۋزېدۇڭنى ئېلىپ ئېيتساق، خىتايدىكى ماۋچىلار ئۇنى قەھرىمان دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ. لېكىن ئۇ دۆلەت باشقۇرغان 30 يىل جەريانىدا خىتاينىڭ ئىقتىسادى بىر ئىزدا توختاپ قالغان ئىدى. بۇنىڭغا ئەڭ ئاددىي بىر مىسال بەرسەك، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندا، خىتاي بىلەن ياپونىيىنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئوخشاش ئىدى. بىز مانا مۇشۇنى بىر ئۆلچەم قىلىپ ئالساق، ماۋ بولمىغان بولسىدى، خىتاينىڭ ھازىرقى يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 1980 - يىللارنىڭ ئاخىرىدىلا ئامېرىكىنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتكەن بولاتتى. بۇ كۆز قاراش بەلكىم مۇلاھىزە قىلىشقا تېگىشلىك، ئەمما بۇ بىزنىڭ خىتاينى تونۇشىمىز ئۈچۈن پايدىلىق.

ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا خىتايدىكى "قىزىل قوغدىغۇچىلار" نىڭ ھاكىمىيەتنى ئىگىلەپ كېتىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ۋەزىيەت ھەققىدە مۇنداق مۇلاھىزە يۈرگۈزىدۇ:

-- خىتاينى 50 يىل كەينىدە قالدۇرۇپ قويغانلىقى ئۈچۈن ماۋزېدۇڭغا رەھمەت. ئۆتمۈشتىن ھېسابلىغاندا، ماۋ خىتاينىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ ياخشى دوستى ھېسابلىنىدۇ ۋە ھازىرمۇ خىتاينىڭ دۈشمەنلىرى يەنە ئىككىنچى بىر ماۋزېدۇڭنى يارىتىشى مۇمكىن.

2012 - يىلى ئېچىلىدىغان كوممۇنىست پارتىيىنىڭ قۇرۇلتىيىدا ھەممە رەھبەرلەر سابىق "قىزىل قوغدىغۇچىلار" غا ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇ چاغدا ئۇلار ماۋزېدۇڭچە ئىدىيە بولغان "ئىلاھنىمۇ، قانۇننىمۇ تونۇماسلىق" دەيدىغان ئىدىيە بويىچە بارلىق ئىمكانلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن، ئۇنىڭ چۈشلىرىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ھەر قانداق ئىش قىلىشتىن يانمايدىغان ھالغا كېلىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.