خىتاي ھازىر ئاڭلاشنى خالىمايۋاتقان تارىخ

11 ‏ - ئاينىڭ 19 ‏ - كۈنى نيۇيورك تايمىس گېزىتىدە 'خىتاي ئاڭلاشنى خالىمايۋاتقان تارىخ' ماۋزۇلۇق بىر ماقالە ئېلان قىلدى. - شىنجاڭ مۇزىيىنىڭ كۆرگەزمىسىگە ئېسىپ قويۇلغان ھەشەمەتلىك تاختايدىكى'شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى' دېگەن سۆزنى، بۇ كۆرگەزمىنىڭ ئىچىگە قويۇلغان قەدىمقى مومىيالار ئىپادىلىگەن تارىخ ئىنكار قىلىدۇ،‏ - دەپ ماقالىسىنى باشلايدۇ 2003 ‏ - يىلىدىن 2007 ‏ - يىلىغىچە ئىراق ئۇرۇشىدا مۇخبىرلىق قىلغان 'نيۇيورك تايمىس' گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئېدۋارد ۋوڭ ئەپەندى.

0:00 / 0:00

كروران گۈزىلى' نى ھېچكىم خىتاي دېمەيدۇ

'كروران گۈزىلى' دەپ ئاتىلىۋاتقان قەدىمقى مومىيانى ھېچكىم خىتاي دەپ قارىمايدۇ، بۇ - دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئېدۋارد ئەپەندى، - شىنجاڭ مۇزىيىنىڭ كۆرگەزمىسىگە قويۇلغان 200 مومىيانىڭ بىرى. بۇ كۆرگەزمىگە قويۇلغان مومىيالار بىر نەچچە ئون يىلدىن بۇيان بۇ رايوندىكى چۆل - جەزىرىلەردىن تېپىلىپ كېلىۋاتقان مومىيالار ئىدى. بۇ تىپتىكى ئىنسانلار قەدىمدە بۇ رايوننىڭ ئاساسى ئاھالىلىرى بولغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇر مىللەتچىلىرىنىڭ بۆلۈنۈش ھەرىكەتلىرىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ

- خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر 'شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى' دېگەن بۇ جاينى كىم كونترول قىلىشى كېرەكلىكىنى بەلگىلىمەكچى بولۇۋاتىدۇ. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر بۇ رايوندىكى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان 9 مىليون ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدىكى مىللەتچىلەرنىڭ ئۆزلۈكسىز ھالدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۆلۈنۈش ھەرىكەتلىرىگە دۇچ كەلگەن ئىدى، ‏ - ‏ دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئېدۋارد ئەپەندى، - شۇڭلاشقا ھازىر تارىمدىن تېپىلغان مومىيالار ئۈستىدە سىياسى مۇنازىرە قوزغالدى.

بۇ چەكسىز زېمىنگە كىم ئەڭ بۇرۇن كەلگەن؟

- ھازىر پەيدا بولغان سوئال، - دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئېدۋارد ئەپەندى، - بۇ چەكسىز زېمىنگە كىم ئەڭ بۇرۇن كەلگەن؟ نېفىت بايلىقى مول بولغان بۇ رايون قاچاندىن تارتىپ خىتاي سۇلالىلىرىگە تەۋە بولغان دېگەندىن ئىبارەت. ھازىر بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش كېرەك.

- ئۇيغۇر مىللەتچىلىرى بۇ رايوندىن تېپىلغان مومىيالارنى، بۇ رايوننىڭ نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلاغا تەۋە بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ پاكىتى قىلىپ كۆرسەتمەكتە، - دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئېدۋارد ئەپەندى، - ئۇلارنىڭ بۇ كۆز قارىشى ھەتتا 'كروران گۈزىلى'نى مەدھىيىلەيدىغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ناخشىلىرىغىمۇ سىڭىپ كەتكەن.

مومىيالارنى قېزىش ئىشىغا قاتنىشىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئارخېئولوگ ئىدرىس ئابدۇرۇسۇل ' ئوتتۇرا دېڭىزدىن شەرققە سوزۇلغان يىپەك يولى ئېلىپ كەلگەن ھەر خىل مەدەنىيەت بۇ رايوندا ئۆز - ئارا قوشۇلغان' دەپ قارايدۇ.

چەتئەل ئالىملىرى بولسا، بۇ رايونغا ئەڭ بۇرۇن كەلگەنلەر، غەربتىكى يۇرتلاردىن ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق كەلگەن، خۇددى تارىم ئويمانلىقىدىن تېپىلغان كروران گۈزىلىگە ئوخشاش بۇنىڭدىن 3800 يىل بۇرۇنقى ئاھالىلەردۇر دەپ قارايدۇ.

قەشقەردىكى ئۇيغۇر ساياھەت يېتەكچىلىرىنىڭ بەزىلىرى 'كروراندىن تېپىلغان مومىيالار ئۇيغۇر' دەپ چۈشەندۈرىدۇ. بەزىلىرى بولسا ھۆكۈمەتنىڭ جازالىشىدىن ئەندىشە قىلىپ بۇ تېمىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار بۇ رايونغا 10 ‏ - ئەسردىن كېيىن كەلگەن، دەپ تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ

- خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا، - دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئېدۋارد ئەپەندى، - ئۇيغۇرلار بۇ رايونغا 10 ‏ - ئەسردىن كېيىن كەلگەن ، مىلادىدىن بۇرۇن 1 ‏ - ئەسىردە، خەن سۇلالىسىنىڭ گېنىرالى جاڭ چىيەن بۇ رايونغا ھەربىي يۈرۈش قىلغاندىن بۇيان، بۇ رايون خىتاينىڭ تەۋەلىكىدە بولۇپ كەلمەكتە، دەپ تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. (ئىزاھات: جاڭ چيەن تارىم ۋادىسىغا ھەربىي يۈرۈپ قىلغان خەن گېنىرالى ئەمەس، بەلكى مىلادىدىن كېيىن 1 ‏ - ئەسىردىكى بەنچاۋ) ئەمەلىيەتتە، شۇ دەۋردىكى ھەربىي ھەرىكەتتە كەلگەن خەن كۆچمەنلىرىنى بۇ رايونغا ئەڭ بۇرۇن كەلگەنلەر دېگىلى بولمايدۇ، چۈنكى بۇ رايوندىن تېپىلغان مومىيالار بۇنىڭدىن بۇرۇن ئاللىقاچان بۇ رايونغا كېلىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئاھالىلەر ئىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر بۇ پاكىتلار ئىپادىلىگەن تارىخنى ئاڭلاشنى خالىمايۋاتىدۇ.

'قىزىل چاچلىق چەرچەن ئادىمى'

ئېدۋارد ئەپەندى بايانىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ئامېرىكىدىكى پەنسېلۋېنىيا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي تىلى پروفېسسورى مەير ئەپەندى تەتقىقات جەريانىدا توپلىغان 52 ئەۋرىشكىنى خىتاي ھۆكۈمىتى توسۇپ قالدى. ئۇ تارىم مومىيالىرىنى 'قىزىل چاچلىق چەرچەن ئادىمى' دەپ ئاتىغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى مومىيالارنى تەتقىق قىلىشقا خىتاي ئالىملىرىنى تەكلىپ قىلىشقا باشلىدى.

'تارىمدىن تېپىلغان مومىيالاردا شەرقى - جەنۇبىي ئاسىيالىقلارغا خاس ئالامەتلەر بار'

ئېدۋارد ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، شاڭخەيدىكى فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى جىن ئەپەندى 2007 ‏ - يىلى 'تارىمدىن تېپىلغان مومىيالاردا شەرقى - جەنۇبىي ئاسىيالىقلارغا خاس ئالامەتلەر بار، ئەمما بۇ مەسىلە داۋاملىق تەتقىق قىلىنىۋاتىدۇ' دەپ ئېلان قىلدى. ئەمما مەير ئەپەندى بۇ كۆز قاراشقا قوشۇلمايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ رايوندىن تېپىلغان شەرقىي ئاسىيا ئالامەتلىرى بار جەسەتلەر كېيىنكى دەۋىرلەرگە مەنسۇپ، تارىم ۋادىسىدىن تېپىلغان مومىيالار ئاساسەن قەدىمقى توخرىلاردۇر.

ناھايىتى ئېنىقكى، تارىم ۋادىسىدىن تېپىلغان مومىيالار ياۋرۇپا ئېرقىدىن

خىتايدا مەخسۇس قەدىمىي ئىنسانلارنى تەتقىق قىلىدىغان خەن كاڭشىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، تارىم ۋادىسىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى ئاھالىلەر ئاسىيالىق ئەمەس، ناھايىتى ئېنىقكى، تارىم ۋادىسىدىن تېپىلغان مومىيالار ياۋروپالىق. لوپنۇرنىڭ يېڭپەن دېگەن يېرىدىن تېپىلغان مومىيالاردا ياۋروپاچە ھېلىنسكى مەدەنىيەت ئالامەتلىرى بار.

ئېدۋارد ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە يەنە، مەخسۇس توقۇمىچىلىقنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىس ئېلزابىت مايلاندنىڭ 'ئۈرۈمچى مومىيالىرى' دېگەن كىتابىدا، ئۈرۈمچىدىن تېپىلغان قەدىمقى توقۇلمىلار كاۋكازلىقلار (ئاق تەنلىكلەر) نىڭ مەھسۇلاتلىرى دەپ جاكارلىدى.

ئېدۋارد ئەپەندىنىڭ بۇماقالىسى ھازىر ئۇيغۇر ئىچىدىمۇ مۇنازىرە قوزغىماقتا.