خىتاي دائىرىلىرى كانادانىڭ ئالاھىدە قۇتقۇزۇش ئەترىتىنى رەت قىلدى

كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە قۇتقۇزغۇچى قىسمىنى سىچۈەندىكى ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتىش تەلىپى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىندى. كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،سىچۈەندە يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، كانادا دەررۇ خىتاي تەرەپكە،ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كانادانىڭ ئالاھىدە قۇتقۇزغۇچى قىسىمىنى ئەۋەتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن،ئەمما خىتاي دائىرىلىرى بۇ تەلەپنى رەت قىلغان.

0:00 / 0:00

كانادا غەرب دۆلەتلىرى ئىچىدە خىتاينى قۇتقۇزۇش ياردەم پۇلى بىلەن ئەڭ كۆپ تەمىنلىگەن دۆلەت

خىتاينىڭ سىچۇەن ئۆلكىسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش بىلەن كانادادا ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە ياردەم بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلماقتا. كانادا دائىرىلىرى خىتايدا يۈز بەرگەن ئاپەتكە كۆڭۈل بۆلدى ، كانادا مەدەنىيەت مىنىستىرى جاسون كېننېينىڭ بىلدۈرۈشىچە،سىچۈەن ئۆلكىسىدە قاتتىق يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، كانادا باش مىنىستىرى ستېپھېن ھارپېر ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماخىمې بېرنىئېر خىتاي كەسىپداشلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، كانادانىڭ ئەڭ كەسىپلەشكەن ئاپەتتىن قۇتقۇزغۇچى ئالاھىدە قىسمىنى،قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن، ئاپەت رايونىغا ئەۋەتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى قوبۇل قىلمىغان. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە،بۇ ياردەملەر ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا كېرەكلىك كەسپى تېخنىكا، ئۈسكۈنە ۋە كانادانىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزغۇچى ئالاھىدە قىسمىنى يەر تەۋرىگەن رايونغا ئەۋەتىش شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھەر قانداق كەسپىي خاراكتېرىدىكى ياردەم بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماخىمې بېرنىئېر خىتايدا يەر تەۋرىگەن كۈننىڭ ئەتىسى خىتاينىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق ۋاكالەتچى باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ،كانادانىڭ خىتايدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقتىن ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئوتتاۋانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە كېرەكلىك ھەر قانداق ياردەمنى بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. كانادا فېدېرال ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مىنىستىرى جاسون كېننېينىڭ دەلىللىشىچە، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى يول قويسا، بېرمىدىكى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىش ئۈچۈن، ئىجازەتنامە كۈتۈپ،تايلاندتا تۇرۇۋاتقان كانادانىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزغۇچى ئالاھىدە قىسمىنى دەررۇ سىچۈەنگە يۆتكىمەكچى بولغان. كانادانىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئالاھىدە قىسمى مول تەجرىبىگە ۋە ئىلغار ئۈسكۈنىلەرگە ئىگە بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھەر خىل ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان ئىكەن.

ھامۇتكام ئاچچىق، ئامۇتى تاتلىق

جاسون كېننېي خىتاي ھۆكۈمىتى كانادانىڭ تېخنىكا ۋە كەسپى خادىم تەرەپتىكى ياردىمىگە سوغۇق مۇئامىلە قىلغانلىقتىن،كانادانىڭ پەقەت ئىقتىسادى ياردەم بېرىش يولىنى تۇتۇشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى،كانادانىڭ نۆۋەتتە دۇنيادا خىتايغا ئەڭ كۆپ پۇل ئىئانە قىلغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى:خەلقارا قىزىل كرىست جەمئىيىتى خىتايدىكى ئاپەت ئۈچۈن دۇنيادىن تەلەپ قىلغان 9 مىليون دوللارنىڭ %10 نى كانادا ئۈستىگە ئالدى.نۆۋەتتە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قىلغان ئىئانىسى ئامېرىكىنىڭ ياردىمىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، دېدى. ئۇ سۆزىدە كانادادىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار تەرىپىدىن يىغىلغان كۆپ مىقداردىكى پۇلنىڭمۇ خىتايغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

خىتاي يەنىلا دىكتاتور دۆلەت

كانادا مەتبۇئاتلىرىدىكى مۇلاھىزىلەردە بولسا،خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا تاڭشەندە يەر تەۋرىگەندە، چەتئەلنىڭ ھەر قانداق ياردىمىنى رەت قىلىپ،240 مىڭ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى،بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنىڭ سىياسىتىدە بىر ئاز ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ-تىرىلىشى بىلەن كارى بولماستىن،يەنىلا ئەنئەنىۋى "تەپەككۈر ئۇسلۇبى"نى داۋام قىلىۋاتقانلىقى ۋە خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ خەلقنىڭ ھاياتىدىن ھاكىمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ئۈستۈن قويۇۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىنماقتا.

ئەمما خىتاينىڭ كانادادىكى ئەلچىخانىنىڭ باياناتچىسى چەتئەل قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنى قوبۇل قىلماسلىقتا سىياسى سەۋەبلەرنىڭ يوقلۇقىنى،يەر تەۋرىگەن رايوننىڭ چەتئەللىك قۇتقۇزۇش ئەترىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇيغۇر رايونى خىتاي ئۈچۈن نازۇك رايون

بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاي دائىرىلىرى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ پەيزىۋات ناھىيىسىدە يەر تەۋرىگەندە، چەتئەلدىن كېلىدىغان ياردەمنىمۇ رەت قىلغانىدى. كانادادىكى سىياسى پائالىيەتچى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى،پەيزىۋات ۋە مارالبېشى ناھىيىلىرىدىكى يەر تەۋرەشتە ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى،خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ روھى ھالىتى ۋە بۇ رايوننىڭ سىياسى ۋەزىيىتىنى چەتئەللىكلەردىن يوشۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

كانادا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كانادانىڭ خۇسۇسىيلاردىن تەشكىل قىلىنغان بىر خالىسانە قۇتقۇزۇش ئەترىتى خىتايغا كىرىش ۋىزىسى ئۈچۈن، خوڭكوڭدا 7 كۈن كۈتكەندىن كېيىن، ئىجابىي جاۋاب ئالالماي ئاخىرى ئالدىنقى كۈنى، كاناداغا قايتىپ كەلگەن. كانادا مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ توسالغۇلىرى سەۋەبىدىن ھوڭكوڭدا كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ئەنگىلىيىنىڭ قۇتقۇزۇش ئەترىتىمۇ ئەنگلىيىگە قايتىشقا مەجبۇر بولغان.