چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، بۇ بەلگىلىمىنىڭ رايونغا ئېقىپ كېلىدىغان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى چىقارغان ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدە، ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى ھەرقانداق بىر جايغا سىرتتىن ئىشلەمچىلىككە كەلگەن پۇقرالارنىڭ شۇ جايدا سېتىۋالغان مۇقىم ئولتۇراق ئۆيىنىڭ كىنىشكىسى ھەم شۇ جايدىكى ئىش ئورنىنىڭ ئىسپات قەغىزى بولسىلا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە نوپۇسقا ئورۇنلىشالايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ھالبۇكى، ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى تەرىپىدىن چىقىرىلغان بۇ بەلگىلىمە ھېچقاچان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەر ئۈچۈن چىقىرىلمىغان بولۇپ، بۇ بەلگىلىمە ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ جىق خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا يەرلىشىپ، رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك ئاھالە نوپۇسىنىڭ شالاڭلىشىشىنى تېزلىتىدىكەن.
بۇ قېتىمقى نوپۇس تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بەلگىلىمە چىقىرىپ، باشقا جايلاردىن خىزمەت ۋە ئوقۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچىگە كەلگەن كۆچمە نوپۇسلارنىڭ، ئەگەر ئۈرۈمچى شەھىرىدە مۇقىم خىزمەت ئورنى ھەم سېتىۋالغان ئۆيى بولسىلا، ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچى نوپۇسىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقى، ھەتتا ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭمۇ ئۈرۈمچىدە نوپۇسقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەمما، بۇلتۇر "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن، ئۈرۈمچىنىڭ بەيگە مەيدانى، يامالىق تېغى، تاشبۇلاق (خىتايچە: خېيجاسەن)، شامالباغ (خىتايچە: يەنئەن كوچىسى) قاتارلىق مەھەللە رايونلىرىدىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىدىن كېلىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار " ئاقما نوپۇس" دەپ تارقاقلاشتۇرۇلۇپ، ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇلغان ئىدى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە ھەر خىل كەسىپلەر بىلەن تىجارەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈرۈمچى نوپۇسىغا ئورۇنلىشالمايلا قالماستىن، بەلكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنى مەجبۇرى ھالدا ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇش قىلمىشىنىڭ، ئۆزى چىقارغان قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە پۈتۈنلەي خىلاپ ئىكەنلىكىنى، شۇڭا "باشقا جايلاردىن كەلگەن كۆچمە نوپۇسلارنى ئۈرۈمچى نوپۇسىغا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى" ئەمەلىيەتتە ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
زىيارىتىمىز ئاخىرىدا، ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە، گەنسۇ ئۆلكىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ گەنسۇدىكى سۇ ئاپىتى بولغان رايوندىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كۆچمەن يۆتكەش پىلانى ھەققىدە توختالدى. ئۇ، مەزكۇر پىلاننىڭ خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ پۇقرالارنىڭ نامراتلىق مەسىلىسىدىكى مەسئۇلىيەتتىن قېچىش ھەم شەرقىي تۈركىستان زېمىنىغا تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
بۇ نۆۋەتلىك نوپۇس تەكشۈرۈش بۇ يىل 6 - ئايدا باشلانغان بولۇپ، نوپۇس تەكشۈرۈش 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئاياغلىشىدىكەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا كۆچۈرۈلۈپ كېلىنىپ، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ تىرىكچىلىك مۇھىتىنىڭ بارغانچە تارلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى مەسىلىسى، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن نارازىلىقىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان ئەڭ ھالقىلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.