خىتاي ئارمىيىسى ئۇزۇن مۇساپىلىك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتكەن ئىدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ خىتاي ئارمىيىسى سەيشەنبە كۈنى ئۇزۇن مۇساپىلىك ۋە بىر قەدەر زور كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى.

0:00 / 0:00

مەزكۇر مانېۋىردا خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلى قاتارلىق رايونلارغا زور كۆلەمدە ئەسكەر يۆتكەيدىكەن.

خىتاينىڭ بۇ ھەربىي ئىستراتېگىيىسى 8 - ئاۋغۇستتىكى خىتاي - ھىندىستان چېگرا سۆھبىتىدىن كېيىن ھەمدە ئامېرىكا ئافغانىستاندىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىشكە باشلىغاندىن كېيىن مەيدانغا كەلدى.

خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى 11 - ئاۋغۇست باشلىغان " ئاتلاش - 2009 " ناملىق ھەربىي مانېۋىرغا 50 مىڭ ئەسكەر قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، خىتاي ئاخباراتلىرىدا بۇ " ئەڭ چوڭ تاكتلىق ھەربىي مانېۋىر" دەپ كۆرسىتىلمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مانېۋىرغا خىتاينىڭ لەنجۇ، شېنياڭ، جىنەن، گۇاڭجۇ قاتارلىق تۆت چوڭ ھەربىي رايونىدىن كەلگەن ھەر خىل قىسىملىرى قاتناشتۇرۇلغان.

شىنخۇا ئاخباراتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى 13 كۈن داۋام قىلىدىغان مەزكۇر مانېۋىردا ئەسكەرلەرنى بىر ھەربىي رايوندىن باشقا ھەربىي رايونلارغا يۆتكەپ ئۇزۇن مۇساپىلىك جەڭ قىلىش مەشىقى قىلدۇرىدىكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاي مەزكۇر مانېۋىر ئارقىلىق يەنە ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتلەردىكى ھەربىي قىسىملىرىنى كۈچەيتىشنىمۇ مەقسەت قىلغان.

خەۋەردە نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، شاڭخەي ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي قانۇن ئىنستىتۇتىدىكى ھەربىي مۇتەخەسسىس نى لىشوڭ مانېۋىرىنىڭ ئەسكەرلەرنىڭ ماددىي ئەشيا يەتكۈزۈش ۋە تەبىئىي ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇشتا ئوينايدىغان رولىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن ۋە: "بۇ ئەلۋەتتە تىبەت ۋە شىنجاڭدا تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە تىز ئىنكاس قايتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان" دېگەن.

ھالبۇكى، تۈركىيىدىكى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشى ئۆزگىچە بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ مەزكۇر مانېۋىر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، بەلكى خىتايغا قوشنا ئەللەرگىمۇ ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

باراك ئوباما ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، ئىراقتىن بىر قىسىم ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ ئافغانىستاندا تالىبان قالدۇق قوشۇنلىرىغا قارىتا ئۇرۇش سېپىنى كېڭەيتكەن ئىدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، گەرچە خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىدىن بىئارام بولسىمۇ، ئامېرىكىغا ئوچۇق تەھدىت سالالمايدىكەن.

بۇ ھەقتە توختالغان ئەركىن ئەكرەم خىتاينىڭ كۈچ جەھەتتە ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرالمايدىغانلىقى، شۇڭا بۇ مانېۋىرنى نوقۇل ئامېرىكىغا قارشى ئېلىپ بارمىغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

13 - نۆۋەتلىك خىتاي - ھىندىستان چېگرا سۆھبىتى باشلىنىشتىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى،ئامېرىكا ھىندىستانغا ئىلغار ھەربىي تېخنىكىسىنى سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەگەر مەزكۇر توختام ھاسىل قىلىنسا ھىندىستان ئامېرىكىدىن كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە 30 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى 126 دانە رېئاكتىپ كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىۋالىدىكەن.

ئامېرىكا خىتاي بىلەن بۇ يىل ئىيۇلدا ئېلىپ بارغان ئامېرىكا ‏ - خىتاي ئىستراتېگىيىلىك سۆھبىتىدە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا تاشىقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتوننىڭ 20 - ئىيۇلدىكى ھىندىستان زىيارىتىدىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ھىندىستان بىلەن ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى مەيدانغا چىقتى.

بۇ ھەقتە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئەركىن ئەكرەم، دۆلەت تۈزۈمى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، ھىندىستاننىڭ غەرب ئەللىرىگە يېقىن تۇرىدىغانلىقىنى، ئىستراتېگىيە جەھەتتىن بولسا ھىندىستاننىڭ خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشىنى باستۇرۇشقا ھەربىي قىسىملىرىنى ئىشقا سالغان ۋە لەنجۇ قاتارلىق رايونلىرىدىن ھەربىي يۆتكىگەن ئىدى. بۇ نۆۋەت مانېۋىرغا قاتناشقان قىسىملاردىن بىر قىسمىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ياكى تىبەت رايونلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.