خىتاي ئارمىيىسىنىڭ بىر گېنېرالى دەرھال ئوتتۇرىغا چىقىپ، ھۆكۈمەتنى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىدىغان بىر يېڭى ئورگان قۇرۇشقا چاقىردى.
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ گېنېرال مايورى خۇاڭ يۇڭيىن بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى دەرھال بىر يېڭى ئورگان قۇرۇپ، ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىپ، ئۇچۇرلارنى سۈزۈش - تەكشۈرۈش ۋە تورلارغا خاككېر بىلەن ھۇجۇم قوزغاپ تۇرۇشقا چاقىرغان.
خىتاي گېنېرالى خۇاڭ بۇ چاقىرىقىنى، نيۇيوركتا چىقىدىغان 'مالىيە ۋاقىت گېزىتى' بۈگۈن، گۇگۇل تورىغا ھۇجۇم قوزغىغان خاككېرلار ھەققىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىنلا ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ھۆكۈمەتنى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىدىغان بىر يېڭى ئورگان قۇرۇشقا چاقىرغان سۆزىدە، خىتاي مەركىزى پارتىيە مەكتىپىنىڭ كادىرلار مۇنازىرە مۇنبىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان 'ئىنتېرنېت ئەمدى پوروخ ھېدى يوق جەڭ مەيدانىغا ئايلىنىدۇ' دېگەن سۆزنى بىۋاستە قوللانغان.
خاككېرلار شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن سەندۇڭ ئالىي پەن - تېخنىكا مەكتىپىدىكى كومپيۇتېرلاردىن چىققانلىقى ئېنىقلاندى
بۈگۈن 'مالىيە ۋاقىت گېزىتى' دە ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرى مۇھىم ئىنتېرنېت ماتورى بولغان گۇگۇل تورىغا ۋە غەرب شىركەتلىرىگە ھۇجۇم قوزغىغان خاككېرلارنىڭ ئاپتورى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان ۋە بۇنىڭ جەريانىنى تەپسىلىي بايان قىلغان ئىدى.
گۇگۇل تورىغا ھۇجۇم قوزغىغان خاككېرلار خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى، ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى 'ئەركىن كەسىپ' دەپ ئاتىۋالغان 30 نەچچە ياشلىق مەلۇم بىر كىشى تەرىپىدىن لايىھىلىگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان ئامېرىكا ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى مۇتەخەسسىسى مايكېل كېۋېننىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدا لايىھىلىگەن بۇ خىل خاككېرلار، تور ئەھلىنىڭ كومپيۇتېرىدا ئىنتېرنېت پائالىيىتىنى يۈرۈشتۈرۈپ بېرىدىغان 'ئىنتېرنېت كەزگۈچى' Internet Explorer يۇمشاق دېتالىغا چاپلىشىۋېلىپ، ئىنتېرنېتكە كىرگەن باشقا كۆپ شەخسىنىڭ پائالىيىتىنى ئۆزىنىڭ غەرەزلىك ھۇجۇمى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرى پۈتۈن دۇنيادا 'پىلەك بويلاپ خەمەك ئىزلەش' ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، لايىھىلەنگەن بۇ خاككېرلارنىڭ شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن سەندۇڭ ئالىي پەن - تېخنىكا مەكتىپىدىكى كومپيۇتېرلاردىن چىققانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان.
خىتاي گېنېرالى جىنايەتنى ئىقرار قىلىپ سەتلەشكەندىن كۆرە، ئاشكارا ھالدا ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىدىغان بىر يېڭى ئورگان قۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ
شاڭخەيدىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپتە كومپيۇتېر ئىلمى بۇيىچە دوكتور كاندىداتى بولۇپ ئوقۇۋاتقان جاڭ فامىلىلىك ئەپەندىنىڭ رادىئومىز ئارقىلىق ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسىدە بايان قىلىنىشىچە، شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن سەندۇڭ ئالىي پەن - تېخنىكا مەكتىپى كومپيۇتېر تېخنىكىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا دۆلەت مۇداپىئە قىسىملىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملار بىلەن زىچ مۇناسىۋەت باغلاپ كېلىۋاتقان مەكتەپ. بۇ مەكتەپلەردىن ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر ئادەتتە بىۋاستە ھەربىي قىسىملارغا تەقسىم قىلىنىدۇ. 'مالىيە ۋاقىت گېزىتى' دە ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمى مۇشۇ مەكتەپلەرنىڭ كومپيۇتېرلىرىدىن باشلانغان دېگىنى ئىشەنچىلىك.
بۇ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئىنتېرنېتكە خاككېر بىلەن ھۇجۇم قىلغان جىنايىتىنى دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدا ئېتىراپ قىلماي مۇمكىن ئەمەس. بۇ جىنايەتنىڭ خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بار. شۇڭلاشقا بۈگۈن بۇ مەسىلە دۇنياغا ئېلان قىلىنغان ھامان، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ گېنېرالى دەرھال ئوتتۇرىغا چىقىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى جىنايەتنى ئىقرار قىلىپ سەتلەشكەندىن كۆرە، بىراقلا ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈش ۋە خاككېر بىلەن ھۇجۇم قوزغاپ تۇرۇش ئارقىلىق ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىدىغان بىر يېڭى ئورگان قۇرۇپ چىقىشقا چاقىردى.
بۇ، خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىن يەنە داۋاملىق ھالدا، ئىنتېرنېتتىكى ئۇچۇرلارنى سۈزۈش - تەكشۈرۈش ۋە دۇنيانىڭ ئىنتېرنېت سىستېمىسىغا خاككېر بىلەن ھۇجۇم ئارقىلىق ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىۋالماقچى بولۇۋاتقانلىقىدىن، ئىنتېرنېتنى ئەمدى پوروخ ھېدى يوق جەڭ مەيدانىغا ئايلاندۇرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىپلا قالماستىن، بەلكى خىتايدا ھازىر ئىجتىمائىي ئەخلاق، پارتىيە، ھۆكۈمەتتىن تارتىپ، ھەربىي قىسىملارغىچە پۈتۈنلەي بۇزۇلۇپ ئەسەبىلەشكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.