ئاساسىي قانۇنىنىڭ 35 - ماددىسى ئىجرا قىلىنمىغىلى 28 يىل بولدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.10.12
2010.10.12

news.sina.com.cn دىن ئېلىندى.
بۇ ئوچۇق خەتتە ئۇچۇرلارغا نازارەت قىلىش بۇيرۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىق 8 تۈرلۈك تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتايدا 10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى جەمئىيەتتىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ 35 - ماددىسىنى ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلىپ يوللانغان بىر پارچە ئوچۇق خەتكە 500 ئادەم ئىمزا قويغان. بۇ تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى 23 نەپەر پېشقەدەم ئەمەلدار باشلىغان. ئوچۇق خەتنى ماۋزېدۇڭنىڭ سابىق كاتىبى، سابىق مەركىزى كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، 12 - نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېت ئەزاسى، 12 - ۋە 13 نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېت مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى رۈي بىلەن خەلق گېزىتىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى، 6 - ۋە 7 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتېيىنىڭ ۋەكىلى، مەملىكەتلىك ئۇچۇر - ئاخبارات ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى خۇ جىۋېي ئىككىسى يېزىپ چىققان. بۇ ئوچۇق خەتكە ئىمزا قويغانلارنىڭ ئىچىدە ھازىرقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك قانۇن مەسلىھەتچىلىرىمۇ بار.
دېموكراتىيە تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ رەسۋالىق
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 1982 - يىلى ماقۇللانغان ئاساسىي قانۇنىنىڭ 35 - ماددىسىدا 'جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ پىكىر بايان قىلىش، نەشرىيات، توپلىنىش، نامايىش قىلىش ئەركىنلىكى بار' دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن ئىدى، ئەمما بۇ ماددا ئىجرا قىلىنمىغىلى 28 يىل بولدى. ئاساسىي قانۇننىڭ بۇ ماددىسىنى كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ مەمۇرى ئورگانلىرى ئىنكار قىلىپ دېموكراتىيىنى يالغانغا ئايلاندۇرۇۋالدى. بۇ، دېموكراتىيە تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ رەسۋالىق، - دەپ باشلىنىدۇ خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا يوللانغان بۇ ئوچۇق خەت.بىز 'دۆلەتنىڭ خوجايىنى' دېگەن نام ئاستىدا ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قالدۇق
بۇ ئوچۇق خەتنى يازغان كىشى، بىز 61 يىلدىن بۇيان 'جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرى دۆلەتنىڭ خوجايىنى' دېگەن نام ئاستىدا تۇرۇۋاتىمىز، ئەمما بىز پىكىر بايان قىلىش، نەشرىيات ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قالدۇق' دەپ قەيت قىلىدۇ. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، خىتايدا خەلقتە خوڭكوڭلۇقلارچىلىكمۇ ئەركىنلىك يوق. خوڭكوڭ ھازىر ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولمىسىمۇ، ئەمما خوڭكوڭلۇقلار يەنىلا مۇستەملىكە ۋاقتىدا ئەنگلىيە خانىشى بەرگەن ئەركىنلىكتىن ۋاز كەچمەيۋاتىدۇ.قەدىمقى زاماندىكى خىتاي پادىشاھلىرى ئاچارچىلىقتا قالغان كىشىگە ناننىڭ رەسىمىنى تۇتقۇزۇپ قويغانىكەن
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ 35 - ماددىسى يىللاردىن بۇيان، خۇددى 'قەدىمقى زاماندىكى خىتاي پادىشاھلىرى ئاچارچىلىقتا قالغان پۇقرالارنىڭ قولىغا ناننىڭ رەسىمىنى سىزىپ تۇتقۇزۇپ قويغان' غا ئوخشاپ قالدى، - دەپ كۆرسىتىلىدۇ بۇ ئوچۇق خەتتە. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، ھازىر خىتايدا خەلقنىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى چەكلەۋاتقان كونكرېت ئادەمنى تاپقىلى بولمايدۇ، بۇ بىر نامەلۇم قارا قول. ھەر قايسى جايلارغا قايسى ئۇچۇرنى قانداق چەكلەش ھەققىدە ئاۋاز كېلىدۇ، ئۇنى ئىجرا قىلمىساڭ يوقۇلىسەن، ئۇنى پاش قىلاي دېسەڭ، بۇ قارا قولنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاپ چىقالمايسەن. ھۆكۈمەت بۇ قارا قولنى تاپالمايدۇ ئەمەس، بەلكى ئۇنى تاپمايدۇ.خۇ جىنتاۋ بىلەن ۋېن جياباۋغا ئەسلەتمە
بۇ ئوچۇق خەتنى يازغان كىشىلەر جۇڭگو دېگەن ھازىر قانداق دۆلەت بولۇپ قالدى؟ دەپ سۇئال قويغان ۋە بۇ دۆلەتنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئۆزىگە، 2003 - يىلى 'ئۇچۇر - ئاخباراتقا قويۇلغان چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىش، خەلقنىڭ پىكىر بايان قىلىش يولىنى ئېچىۋېتىش، بۇ، جەمئىيەتنىڭ ئاساسى ئېقىمى ۋە تەلىپى. بۇنى قانۇن شەكلى بىلەن ھەل قىلىش كېرەك. ئەگەر كوممۇنىست پارتىيە ئۆزىدە ئىسلاھات ئېلىپ بارمىسا، ھايات كۈچىنى يوقىتىپ قويىدۇ' دەپ جاكارلىغانلىقىنى ئەسلىتىپ قويغان.بۇ دۆلەتنىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ ئۆزىگىمۇ، 2010 - يىلى 10 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئامېرىكىنىڭ س ن ن تېلېۋىزىيىسىدە 'پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكى ھەر قانداق دۆلەتتە كام بولسا بولمايدۇ، خىتاينىڭ قانۇنىدا خەلققە پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكى بېرىلگەن، خەلقنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىككە بولغان ئارزۇ - ھەۋەسلىرىنى توسۇش مۇمكىن ئەمەس' دەپ جاكارلىغانلىقىنى ئەسلىتىپ قويغان.
ئۇچۇر ئەركىنلىكىگە تاجاۋۇز قىلىدىغان كوممۇنىست پارتىيە تارماقلىرىنى بىكار قىلىش كېرەك
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ 35 - ماددىسىنى ئىجرا قىلىش ھەققىدە 500 ئادەم ئىمزا قويۇپ، تۈنۈگۈن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا يوللىغان بۇ ئوچۇق خەتتە، ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىدىغان كوممۇنىست پارتىيە تارماقلىرىنى بىكار قىلىش، ئىنتېرنېتنى توسىۋالىدىغان 'بەش ماۋ'چىلارنى تارقىتىۋېتىش، خوڭكوڭ، ماكاۋلارنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتا گېزىت - كىتابلارنى ئەركىن نەشر قىلىشىغا چەكلىمە قويماسلىق قاتارلىق سەككىز تۈرلۈك تەكلىپ قويۇلغان.يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.