مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ خەلقىنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلىشى قىيىنلاشسا، دۇنيا ئاشلىق بازىرىدا كرىزىس پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى

خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى 60 يىلدىن بۇيان، ئاشلىقتا ئۆز ئۆزىنى تەمىنلەشنى دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئورنىدا كۆرۈپ كەلگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

لېكىن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئالدىمىزدىكى يىللاردا خىتاي ئاشلىقتا ئۆز ئۆزىنى تەمىنلەشكە ئامالسىز قېلىشى مۇمكىن. ب د ت نىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى بىر دوكلاتىدا خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇ يىل خىتاينىڭ قۇرغاقچىلىق، سانائەتلىشىش، تېرىلغۇ يەرنىڭ كېمىيىتىپ كېتىشى قاتارلىق بىر قاتار سەۋەبلەر تۈپەيلى ئاشلىق يېتىشمەسلىك مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. مۇتەخەسسىسلەر، ئەگەر خىتايدا ئاشلىق يېتىشمەي ئىمپورت قىلىشقا توغرا كەلسە، دۇنيا ئاشلىق بازىرىدا كرىزىس يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.

خىتاينىڭ ئاشلىق بىلەن ئۆز ئۆزىنى تەمىنلەش -تەمىنلىيەلمەسلىك مەسىلىسى يالغۇز خىتايدىكى بىر مىليارد 300 مىليون ئاھالىنى بېقىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلە بولۇپلا قالماي، بۇ يەنە دۇنيا ئاشلىق بازىرىنىڭ مۇقىملىقىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلە بولۇپ قالدى. خىتاي ھازىرغا قەدەر ئاشلىق بىلەن ئاساسەن ئۆز ئۆزىنى تەمىنلەشكە تىرىشىپ كەلگەن. لېكىن، بۇ ئەھۋال ئالدىمىزدىكى يىللاردا ئۆزگىرىپ، خىتاي ئاشلىق ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەتكە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. ئەگەر خىتاي ئاشلىق ئىمپورت قىلىشقا يۈزلەنسە، بۇ دۇنيا ئاشلىق بازىرى ۋە ئاشلىق باھاسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ ؟ بۇنىڭ دۇنيا ئاشلىق بازىرىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھازىردىن باشلاپ ب د ت ۋە ئاشلىق مۇتەخەسسىسلىرىنى ئەندىشىگە سېلىشقا باشلىدى. ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى بىر دوكلاتىدا، خىتاي خەلقىنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسى ئالدىمىزدىكى يىللاردا جىددىي مەسىلە بولۇپ قالىدىغانلىقى، بۇ ئەھۋالغا تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ چۆللىشىشى، قۇرغاقچىلىقلار، زىرائەت مېيىنى يېقىلغۇ قىلىش، يېزا ئىگىلىك دورىلىرىغا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئارتىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ سەۋەب بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ب د ت نىڭ ئاشلىق بىلەن تەمىنلىنىش ھوقۇقى ئىشلىرىغا مەسئۇل ئالاھىدە كۆزەتكۈچى ئەمەلدارى ئولىۋېر دې شوتتېر، ب د ت غا يوللىغان بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا «مۇنبەت تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ئازىيىپ كېتىشى، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ زور كۆلەملىك چۆللىشىشى خىتايدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھازىرقى ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيىسىنى ساقلاپ قېلىشىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شەھەر بىلەن يېزا ئارىسىدىكى پەرقنىڭ چوڭىيىشى خىتايدا ئاشلىق بىلەن تەمىنلىنىش ھوقۇقىغا تەھدىت سېلىۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرىدۇر» دەپ تەكىتلىگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا، نۇرغۇن مەبلەغ ئاجرىتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى، دېھقانلارغا ياردەم بېرىدىغان بەزى تەدبىرلەرنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئامېرىكا يەر شارى سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى لەستېر بروۋېن، خىتاي ھۆكۈمىتى بەزى تەدبىرلەرنى يولغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يولغا قويغان يەنە بەزى تەدبىرلەرنىڭ ئىزچىللىقى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ، دائىرىلەرنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداپ، بۇ رايوندىكى قۇرۇلۇش ۋە سانائەت كارخانىلىرىنى شىمال ۋە غەربتىكى رايونلارغا يۈزلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ۋە شۇنداقلا ئوتلاقنىڭ كۆلىمىگە قارىماي چارۋا مالنىڭ نوقۇل سانىنى قوغلاشقانلىقىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ «گەرچە شەرقى ۋە جەنۇبى ئۆلكىلەردىكى تېرىلغۇ زېمىنلارغا سانائەت ئەسلىھەلەر كۆپلەپ قۇرۇلۇپ، نۇرغۇن تېرىلغۇ زېمىن نابۇت قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بۇ رايونلاردىكى قالغان تېرىلغۇ يەرلەرنى قۇتقۇزۇپ قېلىشنى قارار قىلغان ئىدى. بىراق، ئۇلار يۇقىرىقى ئۆلكىلەردىكى كارخانىلارنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇلارنى خىتاينىڭ شىمالى ۋە غەربىدىكى رايونلارغا بېرىپ، يەر سېتىۋېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بېرىشقا ئىلھاملاندۇردى. ھالبۇكى، بۇ رايونلاردىكى زېمىنلار ئېكولوگىيىسى ئاجىز، ئاسان چۆللىشىدىغان قۇرغاق رايونلار ئىدى. دىققەت قوزغايدىغان يەنە بىر مەسىلە، خىتاي ھۆكۈمىتى چارۋا ماللارنىڭ كۆپىيىش كونتروللۇقىنى يوقىتىپ قويدى. بۇ ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشكە باشلىغان ۋاقتى 1975‏-يىللىرىغا توغرا كېلىدۇ. خىتايدىكى قوي ۋە كالىلارنىڭ سانىدا پارتلاش خاراكتېرلىك كۆپىيىش بار. چۈنكى، ھۆكۈمەت چارۋىچىلارغا ھېچقانداق سان چەكلىمىسى قويغان ئەمەس. بۇ ئەھۋال ئوتلاقلارغا بېسىم پەيدا قىلماقتا. ئامېرىكىدا 82 مىليون تۇياق كالا بار. خىتايدا بولسا بۇ سان 97 مىليون تۇياقتۇر. ئامېرىكىدا قوي‏-ئۆچكىلەر سانى 9 مىليون تۇياق بولسا، خىتايدا 284 مىليون تۇياق قوي ۋە ئۆچكە بار» دەپ كۆرسەتتى. لەستېر بروۋېننىڭ ئەسكەرتىشىچە، يۇقىرىقى ئەھۋال خىتايدا ھەر يىلى 14 مىليون كۋادرات مىل ئوتلاقنىڭ چۆللىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا ئىكەن.

ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئاشلىق يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارنىڭ يەنە بىرى، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ئۈنۈمسىزلىشىپ كېتىش مەسىلىسىدۇر. ب د د ت كۆزەتكۈچى ئەمەلدارى ئولىۋېر دې شوتتېرنىڭ ئەنگلىيە «كۆزەتكۈچىلەر» گېزىتىگە بەرگەن يېقىنقى بىر مەلۇماتىدا، خىتايدىكى ئومۇمى تېرىلغۇ يەرنىڭ 37% ئىنىڭ ئۈنۈمسىز يەرلەرگە ئايلانغانلىقىنى، 1997‏-يىلدىن بۇيان 8 مىليون 200 مىڭ گېكتار تېرىلغۇ يەرگە شەھەر قۇرۇلۇشى، سانائەت رايونى ۋە ئورمان تىكىلىپ، نابۇت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لېكىن مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى قانداق ساقلاش مەسىلىسىنى توغرا بىر تەرەپ قىلالمايۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئامېرىكا يەر شارى سىياسەت ئىنستىتۇتىدىكى لەستېر بروۋېن ئەپەندى، خىتاينىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئۆز ئۆزىنى تەمىنلەش ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى قالايمىقان ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ شىمالىي جۇڭگودىكى رايونلاردا ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. ئۇ رادىئومىزغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسىدە دۇنيا بانكىسىنىڭ بۇنىڭغا دائىر يېقىنقى بىر دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، «دۇنيا بانكىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر تەپسىلىي تەتقىقات دوكلاتىدا، خىتاينىڭ شىمالىي قىسمىدىكى سۇ بايلىقى ھەققىدە توختىلىپ، ئەگەر سۇ ئىشلىتىش ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەش ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق دەرھال ساقلانمىسا، بۇ كەلگۈسى ئەۋلادلارغا ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، دېيىلگەن. شۇڭا سۇ مەسىلىسى خىتايغا نىسبەتەن رېئال بىر مەسىلىدۇر. ستاتىستىكىمىزغا قارىغاندا 130 مىليون خىتاي يەر ئاستى سۇغا تايىنىپ ئۆستۈرۈلگەن ئاشلىقنى ئىستېمال قىلىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ئەگەر خىتاي ئاشلىق يېتىشتۈرەلمەي دۇنيا بازىرىدىن كۆپلەپ ئاشلىق ئىمپورت قىلىشقا باشلىسا، بۇ ئاشلىق باھاسىنىڭ ھازىرقىدىنمۇ شىددەتلىك ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاشلىق ئىمپورت قىلىشقا تايىنىدىغان باشقا دۆلەتلەرگە جىددىي مەسىلە يارىتىشى مۇمكىن. شۇڭا خىتاي يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى باشقا دۆلەتلەرنى، بولۇپمۇ ئاشلىق ئىمپورت قىلىشقا تايىنىدىغان دۆلەتلەرنى يېقىندىن جەلپ قىلىدىغان بىر مەسىلىدۇر.

يەر شارى سىياسەت ئىنىستۇتىدىكى لەستېر بروۋېن، خىتاي يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ دۇنيا يېزا ئىگىلىك بازىرىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى چۈشەندۈرۈپ، خىتاينىڭ ھازىر نوقۇت ئىمپورت قىلىشقا تايىنىدىغانلىقىنى، لېكىن بۇ ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېسىم پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىۋاتقانلىقىغا قارىماي، 1995‏-يىلدىن باشلاپ نوقۇت ئىشلەپچىقىرىشتىن ئاساسەن ۋاز كەچكەن ئىدى. تۆۋەندىكى ستاتىستىكىلار بىزگە مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشكە يېتىدۇ. 1995‏-يىلى خىتاي 14 مىليون توننا نوقۇت ئىشلەپچىقىراتتى ۋە 14 مىليون توننا نوقۇت ئىستېمال قىلاتتى. لېكىن 2010 ‏-يىلى 15 يىلدىن كېيىن، داۋاملىق 14 مىليون توننا نوقۇت ئىشلەپچىقارغان بولسىمۇ، لېكىن نوقۇت ئىستېمالى 70 مىليون توننىغا يەتتى. بۇ، ئۇلار 56 مىليون توننا نوقۇت ئىمپورت قىلىدۇ دېگەنلىك. بۇ 140 مىليون توننا ئاشلىق ئىمپورت قىلىش بىلەن باراۋەر. دېمەك خىتاي ھازىر نوقۇت ئىمپورت قىلىشقا تايىنىدۇ دېگەنلىكتۇر. خىتاينىڭ نوقۇت ئىمپورت قىلىش مىقدارىدىكى بۇ ئارتىش شىمالىي ئامېرىكىدىكى دۆلەتلەرنى ئۆزىنىڭ يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە مەجبۇر قىلدى. ئامېرىكىدا ھازىر ئاشلىقتىن كۆپ نوقۇت ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. برازىلىيە ئاشلىقتىن كۆپ نوقۇت ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئارگىنتىنادا ئۆتكەن يىلى نوقۇت تېرىلىدىغان زېمىن ئاشلىق تېرىلىدىغان زېمىننىڭ 2 ھەسسىگە توغرا كەلدى. نۆۋەتتە پۈتۈن غەربىي يېرىم شاردىكى دۆلەتلەردە نوقۇت ئاشلىقتىن كۆپ ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. دۇنيادىكى ئىشلەپچىقىرىلغان ئومۇمى نوقۇتنىڭ 80 % نى ئامېرىكا، برازىلىيە ۋە ئارگېنتىنا ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ. دۇنيا مىقياسىدىكى ئېكسپورت قىلىنغان نوقۇتنىڭ 60 % ئى خىتايغا بارىدۇ. خىتاي نوقۇت ئىمپورت ۋە ئېكسپورتىنى پۈتۈنلەي مونوپول قىلىۋالدى».