خىتاينىڭ لوپنۇردىكى يادرو سىناقلىرىدا 1 مىليون 400 مىڭ ئادەم ئاتوم زەربىسىگە ئۇچرىغان

خىتاي 1964 ‏- يىلدىن 1996 ‏- يىلغىچە لوپنۇردىكى "مىرەن" يادرو تەجرىبە مەيدانىدا يەر ئاستى - يەر ئۈستى بولۇپ جەمئىي 46 قېتىم يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغان ئىدى. دائىرىلەر بۇ سىناقلارنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى سىرلارنى ئاشكارىلاپ باقمىغان. پەقەت يېقىندا ياپونىيىلىك فىزىكا ئالىمى جۇن فاكادانىڭ تەتقىقات دوكلاتى بۇ ساھەدىكى بوشلۇقنى مەلۇم دەرىجىدە تولدۇرغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009-04-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺟﯘﻥ ﺗﺎﻛﺎﺩﺍﻧﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺩﻭﻛﻼﺗﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ، ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ "ﺗﺎﻳﻤﯩﺰ" ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺟﯘﻥ ﺗﺎﻛﺎﺩﺍﻧﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺩﻭﻛﻼﺗﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ، ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ "ﺗﺎﻳﻤﯩﺰ" ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
www.timesonline.co.uk ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ. ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ Michael Sheridan.

جۇن فاكادا لوپنۇردىكى يادرو سىناقلىرىدا بىر مىليون 400 مىڭ ئادەمنىڭ رادىئاتسىيىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ياپونىيىلىك فىزىكا پروفېسسورى جۇن تاكادا خىتاينىڭ لوپنۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان يادرو سىناقلىرىنىڭ رادىئاتسىيىلىك تەسىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، بۇ سىناقلاردا يەرلىك پۇقرالار، ئەتراپتىكى رايونلار خەلقى ۋە يادرو سىنىقىغا قاتناشقان خىتاي ئەسكەرلىرىدىن بولۇپ 1 مىليون 400 مىڭ ئادەمنىڭ رادىئاتسىيىلەنگەنلىكىنى، 190 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
تاكادا خىتاينىڭ 1976 ‏- يىلى 17 ‏- نويابىر كۈنى ئېلىپ بارغان يادرو سىنىقىنى "ھاۋادىكى سۇنامى" دەپ تەرىپلىگەن. تاكادا شۇ قېتىمقى يادرو سىنىقىنىڭ كۈچى ئامېرىكا 1945 - يىلى خىروشىماغا تاشلىغان ئاتوم بومبىسىنىڭ كۈچىدىن 320 ھەسسە قۇدرەتلىك ئىكەنلىكى، ھاۋا بوشلۇقىدىكى تەجرىبىدە ئەتراپتىكى رايونلارغا يېيىلغان رادىئاكتىپ ماددىلارنىڭ چېرنوبىلدىكى يادرو ۋەقەسىدە تارقالغان رادىئاكتىپ ماددىلاردىن 4 مىليون ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكىنى ھېسابلاپ چىققان.
جۇن تاكادانىڭ تەتقىقات دوكلاتى خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، ئەنگىلىيە "تايمىز" گېزىتى ئالدىنقى كۈنكى سانىدا مەلۇمات بېرىپ، ياپونىيىلىك پروفېسسورنىڭ تەتقىقات دوكلاتى توغرىسىدا تەپسىلى ئۇچۇر بەرگەن.

"تايمىز" گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئەسكەرتىشىچە، تاكادانىڭ تەتقىقات دوكلاتىدىن خىتاينىڭ لوپنۇردىكى يادرو سىناقلىرى ۋە ئۇنىڭ تەسىرىدە ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ سانى، باشقا ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ يادرو سىناقلىرىدا ئۆلگەن ئادەم سانىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولغان.

پروفېسسور جۇن تاكادا خىتاي يادرو سىنىقى يولغا قويغان 32 يىلدا بىر مىليون 480 مىڭ ئادەمنىڭ رادىئاتسىيىلەنگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 190 مىڭ ئادەمنىڭ رادىئاتسىيىلىنىشكە مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن ئۆلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پروفېسسور تاكادا "يادرو چاڭ توزانلىرى" نىڭ قەدىمى يىپەك يولى بويىدىكى يېزا - كەنتلەرگە تارقالغانلىقىنى، يادرو سىناقلىرىنىڭ قۇربانى يەرلىك ئۇيغۇرلار، خوشنا رايونلاردىكى تىبەتلەر ۋە خىتايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، يادرو سىناقلىرىنىڭ تەسىرى يىراقتىكى قازاقىستانغا قەدەر يېتىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئۈرۈمچى تۆمۈريول دوختۇرخانىسىنىڭ سابىق دوختۇرى، ھازىر ئەنگىلىيىدە ياشايدىغان ئەنۋەر توختى ئەپەندى بۇ ساھەدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، تۇرپان ۋە قۇمۇللار يادرو سىنىقىنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان جايلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي 1990 ‏- يىلى 5 ‏- ئايدا پاكىستان ئۈچۈن يادرو سىنىقى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، تاكادا خىتاينىڭ 1976 ‏- يىلى 17 ‏- نويابىر كۈنى ئېلىپ بارغان يادرو سىنىقىنى "ھاۋادىكى سۇنامى" دەپ تەرىپلىگەن. تاكادا شۇ قېتىمقى يادرو سىنىقىنىڭ كۈچى ئامېرىكا 1945 - يىلى خىروشىماغا تاشلىغان ئاتوم بومبىسىنىڭ كۈچىدىن 320 ھەسسە قۇدرەتلىك ئىكەنلىكى، ھاۋا بوشلۇقىدىكى تەجرىبىدە ئەتراپتىكى رايونلارغا يېيىلغان رادىئاكتىپ ماددىلارنىڭ چېرنوبىلدىكى يادرو ۋەقەسىدە تارقالغان رادىئاكتىپ ماددىلاردىن 4 مىليون ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكىنى ھېسابلاپ چىققان. ئەنگىلىيىدىكى ئەنۋەر ئەپەندى يادرو سىنىقىنىڭ تەسىرى ئۇزۇن يىللار داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پروفېسسور تاكادا، لوپنۇردىكى يادرو سىناقلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار يالغۇز پۇقرالار بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. ئۇ دوكلاتتا يادرو سىنىقىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن خىتاي 8023 ‏- ھەربىي قىسىمىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ سالامەتلىكى ۋەيران بولغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ پارتلاش مەيدانىغا كىرىشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى، 8023 ‏- قىسىمدىكى ئەسكەرلەرنىڭ ئېغىر دەرىجىدە رادىئاتسىيىلىنىپ، كۆپ قىسىمى ئۆلگەن، ھايات قالغانلىرىنىڭ بولسا ھازىر تۆلەم تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ئەنگىلىيىدىكى ئەنۋەر ئەپەندى يەرلىك خەلقنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈۋاتقان نەرسە يالغۇز يادرو سىنىقى ئەمەسلىكى، بۇنىڭدىن باشقا يەنە خىتاينىڭ رايوندىكى بىئولوگىيىلىك تەجرىبىخانىلىرىنىڭمۇ رولى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

" تايمىز " گېزىتىنىڭ بۇ ھەققىدىكى خەۋىرىدە يەنە خىتاي ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ لوپنۇردىكى پارتلاش مەيدانىنىڭ ئەتراپىغا بېيجىڭ يەر ئاستى پويىز ئىستانسىسىغا ئوخشىتىپ، مەخسۇس پويىز ۋوگزالى سالغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق يەر ئاستى پويىز ئىستانسىسىنىڭ يادرو ھۇجۇمىغا قانچىلىك بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقى ئۈستىدىن سىناق ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئەسكەرلەرنىڭ " ئات ئۈستىدە پەقەت گاز ماسكىسى تاقاپلا تەجرىبە مەيدانىغا يوللانغانلىقىنى" بىلدۈرگەن. ئەنۋەر ئەپەندى، بۇنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندا جىددى تەدبىرلەرنى قوللىنىشى زۆرۈر مەسىلە بولۇپ قالغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

خىتاي ئۆزىنىڭ لوپنۇردىكى يادرو سىنىقىنى 1996 ‏- يىلى توختاتقان بولۇپ، بۇ 32 يىلدا جەمئىي 46 قېتىم تەجرىبە ئېلىپ بارغان. بۇ تەجرىبىلەرنىڭ 22 قېتىملىقى يەر ئاستىدا 23 قېتىملىقى ھاۋادا ئۆتكۈزگەن. تاكادا خىتاينىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىكى يادرو سىنىقى ئاخىرقى قېتىم 1980 ‏- يىلى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، لېكىن يەر ئاستى يادرو سىنىقىنىڭ 1996 ‏- يىلغا قەدەر داۋاملاشقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت