ياڭ جيەنلى: غەرب دۆلەتلىرى خىتاينىڭ قىلمىشلىرىغا تەدبىر قوللىنىشى كېرەك

يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ۋە كانادا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدە خىتاي تىلىدىكى گېزىت-ژۇرنال ھەتتا تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنى قۇرۇشنى تېزلەشتۈرگەن.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى غەرب ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرى مۇخبىرلىرىنىڭ خىتايدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىنى ئۈزلۈكسىز چەكلەپ كەلمەكتە. بۇ مەسىلە غەرب دۆلەتلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەم چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى قاتارلىقلار تەرىپىدىن تەنقىدلەنمەكتە.

بولۇپمۇ، خىتايدىكى سەزگۈر ۋەقەلەرنى خەۋەر قىلغان غەرب مەتبۇئاتلىرى مۇخبىرلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ خىتايدا ساقچىلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنىپ، بۇ مۇخبىرلارنىڭ ھەر خىل زەربىلەرگە ئۇچرىشى ھەمدە بۇ يىل 8-ماي كۈنى يۈز بەرگەن، «ئەلجەزىرە» تېلېۋىزىيىسىنىڭ، ئامېرىكا دۆلەت تەۋەلىكىدىكى بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى مېلىسسا چاننىڭ خىتايدا تۇرۇش ۋىزىسىنى ئۇزارتىپ بېرىشنى رەت قىلىنىپ، ئۇنى خىتايدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلاش قىلمىشى قاتارلىقلار بىر ئايدىن بۇيان ئاخبارات ئەركىنلىكى ئورگانلىرىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ بىر ئىپادىسى دەپ ئەيىبلەنمەكتە.

خىتاي دېموكراتچىلىرىدىن ئامېرىكىدىكى «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ياڭ جيەنلى ئەپەندى قارىشىنى بايان قىلىپ، خىتاي غەرب دۆلەتلىرىدە خىتاي تىلىدىكى گېزىت-ژۇرنال ھەتتا تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنى قۇرۇشنى تېزلەشتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما چەتئەل مەتبۇئاتلىرى ھەم مۇخبىرلىرىنىڭ خىتايدىكى پائالىيەتلىرىگە قاراتقان چەكلىمىنى بارغانچە كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ياڭ جيەنلى: «يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى تاشقى سىياسىتىدە، غەرب مەتبۇئاتلىرىدىكى ئاخباراتتا ئەركىن بولۇش سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ، زور مەبلەغ سېلىش يولى بىلەن، كانادا، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدە، خىتاي تىلىدىكى گېزىت-ژۇرنال، تېلېۋىزىيە قاتارلىقلارنى قۇرۇشنى تېزلەتتى. بۇ ئارقىلىق خىتاي ئۆزىنىڭ غەربكە قاراتقان تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىشكە تىرىشتى. ئەمما خىتايدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان غەرب مەتبۇئاتلىرىغا قاراتقان كونتروللۇق ھەم چەكلىمىنى بارغانچە كۈچەيتمەكتە. مەسىلەن، بۇ يىل 8-ماي كۈنى يۈز بەرگەن، ئەل جەزىرە تېلېۋىزىيىسىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى مېلىسسا چاننىڭ خىتايدا تۇرۇش ۋىزىسىنى ئۇزارتىپ بېرىشنى رەت قىلىپ، ئۇنى خىتايدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلىشى بىر ئايدىن بۇيان ئاخبارات ئەركىنلىكى ئورگانلىرىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ بىر ئىپادىسى دەپ ئەيىبلەنمەكتە. مانا بۇنىڭدىن، يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ ئاخباراتقا قاراتقان چەكلىمىنى يەنە بىر بالداق كۆتۈرگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.»

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلار ھەم چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغىچە خىتايدا تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر ژۇرنالىست مۇخبىرلىرى، تور يازارلىرى ھەم تور باشقۇرغۇچىلىرى ئىچىدە كىملىكى ئېنىقلانغانلىرىنىڭلا سانى 20دىن ئاشقان.

ياڭ جيەنلى ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەرب مەتبۇئاتلىرىغا قاراتقان قامالنى كۈچەيتكەنلىكىنى مىساللار ئارقىلىق بايان قىلدى.
ياڭ جيەنلى: «يېقىندىن بۇيان خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ غەربتىكى مۇخبىرلىرىنى بارغانچە كۆپەيتتى. ئەمما غەرب مۇخبىرلىرىنىڭ خىتايدىكى پائالىيەتلىرىگە قاراتقان چەكلىمىلىرىنى بارغانچە كۈچەيتتى. ھەتتا غەرب ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەرلىرىنىمۇ قاتتىق كونترول قىلماقتا. مەسىلەن ئالايلۇق، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خىتايدىكى ئاڭلىتىشى داۋاملىق توسقۇنلۇققا ئۇچراپ كەلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى تىبەت ھەم ئۇيغۇرلار رايونىدا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خەۋەرلىرىنى ئاڭلىغۇچىلارمۇ جازالىنىدۇ.»

ياڭ جيەنلى ئەپەندى زىيارىتىمىز ئاخىرىدا، خىتايدىكى مەتبۇئات ئەركىنلىكى مەسىلىسىگە غەرب دۆلەتلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىلا ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭمۇ دىققەت قىلىپ، بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشى زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

ياڭ جيەنلى: «خىتايدا چەتئەل مۇخبىرلىرىغا قارىغاندا خىتاي ئىچىدىكى مۇخبىرلار تېخىمۇ ئېغىر ئەھۋالدا. خىتاي نۆۋەتتە ھوقۇق ئالمىشىش باسقۇچىدا تۇرغان بولغاچقا دۆلەت ئىچىدىكى ئاخبارات قاتتىق كونترول قىلىنىپ، خىتاي مۇخبىرلىرىغا بولغان بېسىممۇ كۈچەيتىلمەكتە. خىتايدىكى مەتبۇئاتلار خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپلا قالماي، ئۆز پىكرىنى ئەركىن ئىپادىلىگەن ھەرقانداق يازغۇچى-شائىر، مۇخبىر-ژۇرنالىستلار جازاغا تارتىلىپ كەلمەكتە. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىلا ئەمەس، بەلكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىمۇ بۇ ئەھۋالغا دىققەت قىلىشى ھەم تەدبىر ئېلىشى كېرەك.»