تۈنۈگۈن خەلقئارا ژۇرنالىستلار فېدىراتسىيونى بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ 2009 - يىلى ئىچىدە ئېلىپ بارغان 62 قېتىملىق ئاخبارات چەكلىمىسىنى ئاشكارىلىغان.
دوكلاتتا، جاۋ زېياڭنىڭ ماتەم مۇراسىمىنى خەۋەر قىلماسلىقتىن تارتىپ، 5 - ئىيۇل ۋەقەىسىنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلماسلىققا قەدەر ھەر خىل مەزمۇندىكى ئۇقتۇرۇشلار ۋاقىت تەرتىپى بويىچە كۆرسىتىلگەن. ئاشكارىلانغان ئۇقتۇرۇشلارنىڭ يانۋار ئېيىغا ئائىت قىسمىدىكى بىر ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دىيىلگەن: ئاخبارات ئورۇنلىرى سىچۈەندىكى يەر تەۋرەشنىڭ زىيىنى ھەققىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماسلىقى كېرەك، پەقەت ھۆكۈمەتنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش كېرەك. يەر تەۋرەشتە ئۆرۈلگەن مەكتەپ قۇرۇلۇشلىرى ھەققىدە ئاخبارات ئورۇنلىرى شەخسىي كۆز قاراشلارغا ئورۇن بەرمەسلىكى؛ بايقالغان مەسىلە ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلىنىشى، ئەمما ئاخباراتتا ئېلان قىلىنماسلىقى كېرەك.
ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي يەنە شەنشىدىكى گاز پارتلاش ۋەقەسى، سەنلۇ سۈت پاراشوكى دېلوسى، ئاۋمىن ۋە خوڭكوڭلاردا ئۆتكۈزۈلگەن سايلام ھەققىدە خەۋەر قىلماسلىقنى بۇيرىغان؛ شەنشيا توسمىسى ھەققىدە ھۆكۈمەتكە تەۋە بولمىغان مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ پىكىر بايان قىلىشىنى چەكلىگەن. خىتاي ئۇقتۇرۇشلىرىدا خەۋەرنىڭ مەزمۇنىدىن باشقا، خەۋەرنىڭ ھەجىمى، ھەتتا گېزىتتىكى ئورۇنلىرىنىمۇ كونترول ئاستىغا ئالغان. مەسىلەن، ئەمەلدارلارنىڭ زور خىيانەتچىلىك دېلولىرى، دېھقانلارنىڭ يەر ماجىرالىرىغا ئالاقىدار ۋەقەلەردە ۋەقەنى قىسقارتىپ خەۋەر قىلىش، تەپسىلىي بايان قىلماسلىقنى ۋە خەۋەرنى ئورۇنلاشتۇرغاندا دىققەتنى تارتمايدىغان ۋاقىت ۋە ئورۇنغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بۇيرىغان.
ئامېرىكا دۆلەت ئەرباپلىرى خىتاينى زىيارەت قىلغان چېغىدا، خىتاي يالغۇز شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان ئۇچۇردىن پايدىلىنىشىنى ۋە چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا يەر بەرمەسلىكىنى بۇيرىغان. ئوباما خىتاينى زىيارەت قىلغاندا، مۇخبىرلارنىڭ ئوباماغا ئىنتېرنېت ئارقىلىق سوئال قويۇشى چەكلەنگەن.
دوكلاتتا، خىتاينىڭ شاۋگۈەن ۋەقەسى ھەققىدە چىقارغان 4 قېتىملىق ئۇقتۇرۇشى ئاشكارىلانغان. بىرىنچى قېتىملىق ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلگەن: ئاخبارات ئورگانلىرى ۋەقەنى ئېنىقلاش ئۈچۈن شاۋگۈەنگە مۇخبىر ئەۋەتمەسلىكى كېرەك. ھۆكۈمەت تەمىنلىگەن ئۇچۇر بويىچە خەۋەر بېرىشى كېرەك.
ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قېتىملىق ئۇقتۇرۇشتا ۋەقەگە ئالاقىدار خەۋەرلەرنى بەك داغدۇغا قىلىۋەتمەسلىكنى، قىسقا ۋە كۆزگە چېلىقماس شەكىلدە بېرىشنى بۇيرىغان.
4 - قېتىملىق ئۇقتۇرۇشتا، شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە گۇاڭدۇڭدا چىقىدىغان جەنۇب تو ربېتىگىلا خەۋەر قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەن. باشقا ھەر قانداق ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشى چەكلەنگەن.
خىتاينىڭ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" ھەققدىكى ئۇقتۇرۇشى تېخىمۇ ھەيران قالارلىق بولۇپ، بىر قېتىملىق ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلگەن: ئاخبارات ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىلا خەۋەر قىلىشى كېرەك؛ ۋەقەنىڭ كېلىپ - چىقىش سەۋەبى ھەققىدە ئېغىز ئاچماسلىقى كېرەك. ئاخبارات ئورۇنلىرى يالغۇز شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرىنى خەۋەر قىلىشى كېرەك؛ ئۆز ئالدىغا مۇخبىر ئەۋەتمەسلىك كېرەك.
5 - ئىيۇل ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشلاردا، بۇيرۇققا بويسۇنمىغان ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ جازالىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلگەن ئۇقتۇرۇشلارنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، مىللىي مەسىلىلەرگە قارىتا چەكلىمىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكى كۆرۈلمەكتە.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، خىتايدىكى تۈرمىلەرنىڭ ئەھۋالى ۋە پىلانلىق تۇغۇت مەسىلىسىدە بالا چۈشۈرۈش ئەھۋالىنىڭ خىتاي دۇنياغا ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئەڭ سەزگۈر مەسىلىلەر ئىكەنلىكى بايقالماقتا. ئۇقتۇرۇشلارنىڭ بىرىدە، تۈرمىدىكى مەھبۇسلارنىڭ ھاياتى، مەھبۇسلارنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالى ۋە مەھبۇسلارنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ قەتئىي چەكلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.