[ خەلقئارا مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىنى باھالاش نەتىجىسىOpens in new window ]
، مۇشۇ چارشەنبە كۈنى 21 - ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، 2008 - يىلى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 2009 - يىلى 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگە قەدەر بولغان ئارىلىقتىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەھۋالى باھالاپ چىقىلغان.
بۇ نۆۋەتلىك باھالاشتا ئالدىنقى 5 دەرىجىگە ئېرىشكەن دۆلەتلەر، شىمالى ياۋروپادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر بولۇپ، رەت تەرتىپى بويىچە، دانىيە، فىنلاندىيە، ئىرېلاندىيە، نورۋېگىيە ھەم شۋېتسىيە بولغان، ئاخبارات ئەركىنلىكى ناچار بولغان 3 دۆلەت تۈركمەنىستان، شىمالى كورېيە، ھەم شىمالى ئافرىقىدىكى سۇدان بىلەن ئېپوپىيە چېگرىسىدىكى ئېرىترېئا دۆلىتى بولغان. بۇ 3 دۆلەتتە چەتئەللەرنىڭ ئاخبارات ئۇچۇرلىرى پۈتۈنلەي قامال قىلىنغان بولۇپ، پۇقرالار ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ خەۋەر - ئۇچۇرلىرىنى ئاڭلىيالمايدىكەن.
بۇ نۆۋەتلىك باھالاشتا خىتاي ئارقىدىن سانىغاندا 8 - ئورۇندا تۇرغان بولۇپ،خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى كۇبا، لائوس، بېرما، ھەم ئىران قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن باراۋەر تۇرغان. خەلقئارا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا بۆلۈملىرى مەسئۇلى، ۋىنچېنت بروسسېل ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى يەنە 1 دەرىجە ئارقىغا چېكىنگەنلىكىنى بايان قىلغان.
ۋىنچېنت بروسسېل خىتاينىڭ بۇ يىل بۇقەدەر ناچار باھا ئېلىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " خىتايدىكى بىر قانچە مۇستەقىل يازغۇچى ۋە مۇخبىرلارنىڭ مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە ئارقا - ئارقىدىن قولغا ئېلىنىپ، ئۇلارنىڭ تور بېكەتلىرىنىڭ تاقىلىشى ؛ "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىن،گەرچە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئۈرۈمچىگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن زىيارەت جەريانىدا چەتئەللىك مۇخبىرلارغا بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىپ، مۇخبىرلارنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تەقىب قىلىنغانلىقى، ھەتتا خوڭكوڭ، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايون مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەت جەريانىدا، ساقچىلارنىڭ ئۇرۇپ ھاقارەتلىشىگە ئۇچرىشى؛ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن بۇيان ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي تاقالغانلىقى، ئۇيغۇر ئىلىدىكى پۇقرالارنىڭ چەتئەللەر بىلەن بولغان نورمال تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت ئالاقىسىنىڭ قامال قىلىنىپ، ئەركىن ئۇچۇر يولىنىڭ پۈتۈنلەي ئېتىلگەنلىكى؛ خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىنىڭ 60 يىللىقىنى بىخەتەر ئۆتكۈزۈش باھانىسىدە،ئاخبارات ۋاستىلىرىغا قاراتقان زىيادە چەكلەش سىياسىتى قاتارلىقلار خىتاينىڭ بۇ يىللىق باھالاشتا بۇلتۇرقىدىن يەنە بىر دەرىجە ناچار ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان ئاساسى ئامىللار ھېسابلىنىدۇ".
بۇ يىل ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ بېشىدا، خەلقئارا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئۇچرىشىش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلغان بولۇپ،يىغىندا خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ خىتاي ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى ئاخبارات ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ سۆزىگە قارىتا، ۋىنچېنت بروسسېل ئۆزىنىڭ گۇمانىي قارىشىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېگەن: "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەرب ئاخبارات ئورگانلىرىغا بەرگەن بۇ ۋەدىسى، غەرب مۇخبىرلىرىنىڭ خىتايدا زىيارەت قىلىش جەريانىدا ئۇچرىغان رېئال ئەھۋاللارغا زادىلا ماس كەلمەيدۇ. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ خىتايدىكى زىيارىتىگە قارىتا تېخىمۇ كەڭرەك سىياسەتنى يولغا قويۇشى، دۆلەت ئىچىدىكى مۇخبىرلارغىمۇ، چەتئەل مۇخبىرلىرىغا قاراتقان خەۋەردە ئەركىن بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇشى، خىتاي مۇخبىرلىرىغىمۇ ئاخباراتتا تېخىمۇ قۇلايلىق پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىشى كېرەك."
خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇچۇر كەسپى فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى لى جىڭچۈەن ئەپەندىمۇ، ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى ھەققىدە مۇنداق دېگەن:"خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى قورال كۈچى ۋە تەشۋىقاتىغا تايىنىپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، ھالبۇكى ئاخبارات مەيدانى بولسا ئۇلارنىڭ ئاخىرقى ئىستىھكامى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇچۇن بىر تەرەپلىمە ۋە يالغان خەۋەر بېرىش ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن، ئەگەر خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكىگە يول قويۇلمىسا، خىتاينىڭ ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرى غەرب دۇنياسىغا كىرگەن تەقدىردىمۇ، بۇنىڭ ھېچ ئەھمىيىتى يوق، چۈنكى خىتاينىڭ خەۋەرلىرىنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسى بەكلا تۆۋەن."
لى جىڭچۈەن ئەپەندى يەنە، خىتايدىكى ئاخبارات كونتروللۇقىنىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلەردىكى ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: "خىتاينىڭ يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيانقى ئاخبارات ساھەسىگە بولغان كونتروللۇقىنى سېلىشتۇرىدىغان بولساق، خىتاينىڭ شىمالىدىكى ئۆلكىلەردىكى ئاخبارات كونتروللۇقى، جەنۇبىي ئۆلكىلىرىگە قارىغاندا كۈچلۈك بولماقتا. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە ئىقتىسادىي جەھەتتە ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغانلىقى ھەم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆڭلى - كۆكسى كەڭ بولغىنى ئۈچۈن، ئۇچۇرغا بولغان قامالمۇ بىر قەدەر بوشراق، مەسىلەن"جەنۇبىي جۇڭگو شەھەر گېزىتى"، " جەنۇب ھەپتە ئاخىرى"قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدا خىتايدىكى پارىخورلۇق ھەم مۇھىت بۇلغىنىشى قاتارلىق جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن خەۋەرلەر بىر قەدەر كەڭ بېرىلدى، ئۇنىڭدىن باشقا، شاڭخەيدە چىقىدىغان"ئىقتىساد ژۇرنىلى"ھەم بېيجىڭدا چىقىدىغان "يېڭى بېيجىڭ گېزىتى"قاتارلىقلاردىمۇ بىر قەدەر ئەركىن پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. لېكىن بۇ بىر نەچچە گېزىت خىتاينىڭ بىر پۈتۈن ئاخبارات قۇرۇلمىسىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. خىتاينىڭ شىمالىدىكى ئۆلكىلەردە بولۇپمۇ تىبەت ۋە شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا ئاخبارات ئەركىنلىكىگە بولغان كونتروللۇق ناھايىتى كۈچلۈك بولماقتا."
"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" يۈز بەرگىنىگە 4 ئاي بولۇپ قالغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقىسىغا بولغان قامالىنى تېخىچە بىكار قىلمىغان بولۇپ،ھازىر ئۇيغۇر تىلىدىكى تور بېكەتلىرىدىن خىتاينىڭ " شىنخۇا تور بېتى"، " خەلق گېزىتى تور بېتى" قاتارلىق قىسمەن ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدىن باشقا بارلىق ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرى تاقىۋېتىلگەن بولۇپ، چەتئەللەردىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىمۇ توسۇۋېتىلگەن.