خىتاي 2003 - ۋە 2008 - يىلى ئوربىتىغا ئادەم چىقىرىپ، بۇ ساھەدە ئامېرىكا ۋە رۇسىيىلەردىن قالسا 3 - ئورۇنغا ئۆتتى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي ئالەم قاتنىشى دائىرىلىرى مۇشۇ ئاينىڭ 1 - كۈنى ئاي شارىنى تەكشۈرگۈچى سۈنئىي ھەمراھىنى ئوربىتىغا چىقارغان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بۇ ئارقىلىق ئاي شارىغا ئادەم چىقىرىش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى توپلايدىكەن.
بەزى مەلۇماتلاردا خىتاينىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئايغا ئادەم چىقىرىش غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى كۆزلەۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئايغا ئادەم چىقىرىش پىلانى ھەققىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قاراشلىرى ھەر خىل. ئامېرىكىدىكى ھۆكۈمەتسىز تېخنىكا جەمئىيەتلىرىدىن - مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بولىدىغان ئالىملار بىرلەشمىسى، دۇنياۋى بىخەتەرلىك پروگراممىسىدىكى خىتاي ئىشلار تەتقىقاتچىسى گرېك كۇلاكى خىتاينى يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە ئايغا چىقالمايدۇ دەپ قارايدىغان كىشىلەردىن بىرى.
ئاۋسترالىيە رادىئوسىدا بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتە كۇلاكى ئەپەندى خىتاينىڭ ئايغا چىقىش پروگراممىسى ھەققىدە مۇنداق دېدى: "ئۇلارنىڭ بەش يىل ئىچىدە ئايغا چىقىش ئېھتىماللىقىنى نۆلگە تەڭ دېسەممۇ بولىدۇ. چۈنكى خىتاينىڭ تېخى ئايغا چىقىشقا قارىتىلغان مەخسۇس پروگراممىسى يوق. ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئالەمگە ئۇچقۇچىلىق ئالەم كېمىسى چىقىرىش ۋە چاڭئې ئاينى تەكشۈرۈش ماشىنىسى پروگراممىلىرى 2020 - يىلى ئاخىرلىشىدۇ. ئەگەر خىتاي ئايغا ئادەم چىقىرىمەن دەيدىكەن. بەلكىم ئۇ 2020 - يىلىدىن كېيىن بولۇشى مۇمكىن."
ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئىنجېنېرى ئالىم ئەركىن سىدىقنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىيات سۈرئىتى بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا، خىتاي بەلكىم 2017 - يىلىدىن كېيىن ئايغا ئادەم چىقىرالىشى مۇمكىن ئىكەن. ئامېرىكا 1969 - يىلى ئايغا ئادەم چىقارغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئەينى چاغدا ئامېرىكا بىلەن بۇ جەھەتتە رىقابەتلىشىۋاتقان سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ ئايغا ئادەم چىقىرىش پىلانىنى توختاتقان.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئالەمدىن تىنچ يوسۇندا پايدىلىنىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئايغا چىقىشقا ئالدىرىشىدا ھەربىي مۇددىئامۇ بار ئىكەن.
ئەركىن سىدىق ئۆزى بۇ ھەقتە كۆرگەن ماتېرىياللاردىن نەقىل ئېلىپ، خىتاينىڭ ئايغا چىقىش مۇددىئاسى ھەققىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بەزى قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خىتاينىڭ ئالەم تېخنىكىسىنى جىددىي تەرەققىي قىلدۇرۇشى باشقا ئەللەرنىمۇ تېخنىكا يېڭىلاشقا مەجبۇرلايدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر بۇ خىلدىكى مۇسابىقىنىڭ ئاخىرىدا يەنىلا خىتاينىڭ خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەركىن، يۇقىرىقى ئېھتىماللىقنى ھەربىي ئىستراتېگىيە نەزەرىيىسى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا "مۇمكىن" دەپ قارىغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئالەم تېخنىكىسىدا ئىلگىرىلىشى باشقا دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا قارشى ئىتتىپاق تۈزۈشى ۋە ھەربىي كۈچىنى زورايتىش ھالىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەركىن ئەكرەم تۈركىيىدىكى ھاجى تۆپە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دوتسېنتى.
دەرۋەقە خىتاي ئالەم قاتنىشى تېخنىكىسى بارغانچە يۈكسەلدۈرۈۋاتقان بىر پەيتتە ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان ئارىسىدا ئالەم تېخنىكىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
25 - ئۆكتەبىر "دۇنيا سىياسەت كۆزەتچىلىكى" تور بېتىدە بېرىلگەن بىر پارچە خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئالەم تېخنىكىسى ساھەسىدە ھىندىستان بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە كېلىشكەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا ۋە ھىندىستان دائىرىلىرى ئالەم بوشلۇقىدا قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىش ساھەسى بويىچە ھەمكارلىق ھاسىل قىلغان. بۇنىڭ كەلگۈسى ئامېرىكا - ھىندىستان مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ھىندىستان، ياپونىيە ۋە خىتاي ئاسىيادىكى ئالەم قاتنىشىغا قىزىقىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەردىن ھېسابلىنىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئالەم قاتنىشى مۇسابىقىسى 2007 - يىلىدىن باشلاپ بىر قەدەر يۇقىرى چەككە يەتكەن.
2007 - يىلى 5 - ئۆكتەبىر ياپونىيە ئۆزىنىڭ ئاينى تەكشۈرۈش سۈنئىي ھەمراھىنى ئاي ئوربىتىسىغا چىقارغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، خىتاي ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي يەنى شۇ يىلى 5 - نويابىر، "چاڭئې - 1" تىپلىق ئاينى تەكشۈرۈش سۈنئىي ھەمراھىنى ئاي شارى ئوربىتىسىغا چىقارغان.
ھىندىستانمۇ 2008 - يىلى 22 - ئۆكتەبىر ئۆزىنىڭ تۇنجى ئاينى تەكشۈرۈش سۇنئىي ھەمراھىنى ئوربىتىغا چىقارغان ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.