خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدىن كېيىنكى بالا چۈشۈرۈش رېكوردى

يېقىندا، خىتاي ئايالنىڭ قۇرسىقىدىكى 7 ئايلىق بوۋاقنى مەجبۇرىي چۈشۈرۋېتىش ۋەقەسى خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدا قاتتىق مۇنازىرىگە سەۋەب بولغاندىن كېيىن، نورۋېگىيە مەتبۇئاتلىرىدىمۇ خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە دائىر بولغان بەزى ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان. نورۋېگىيىنىڭ كەچلىك پوچتا گېزىتىدە خىتايدا 1971 - دىن باشلاپ 323 مىليون ھامىلە چۈشۈرۋېتىلگەن دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىنغان.

0:00 / 0:00


مەزكۇر ماقالىدە، خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق بولغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئاقلاپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بىردىن ئارتۇق پەرزەنتلىك بولۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى، گەرچە بۇ قېتىمقى مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۋېتىش ئوپىراسىيىسىدىن كىشىلەر نارازى بولغان بولسىمۇ، لېكىن پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ زىيىنىدىن پايدىسى كۆپ ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ھۆكۈمەتنىڭ 400 مىليون ئادەمنىڭ يۈكىدىن قۇتۇلغانلىقى، پىلانلىق تۇغۇت ئېلىپ كەلگەن ئىجابىي تەرەپ دەپ يازغانلىقىنى نەقىل قىلغان .

ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي سەھىيە تارماقلىرىنىڭ ئاشكارىلىغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە پىلانىق تۇغۇت سىياسىتى يولغان قويۇلغان 1971 - يىلدىن باشلاپ 322 مىليون 500 نەپەر ھامىلە چۈشۈرۈۋىتىلگەن. ھۆكۈمەت ستاستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، كېيىنكى ئون يىلدا ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 7 مىليوندىن ھامىلە چۈشۈرۈۋىتىلگەن. 1991 - يىلى ھامىلە چۈشۈرۈۋىتىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن بولۇپ، 14 مىليون ھامىلە چۇشۇرۈۋىتىلگەن. بالا چۇشۇرۈۋىتىش ئوپراتسىيىسى مەجبۇرىي ۋە ئىختىيارىي ھالدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، شەخسى دوختۇرخانىلاردا چۈشۈرۈلگەن ھامىلىنىڭ سانى ھەر يىلى 1 يېرىم مىليونغا يېتىدىكەن ھەم بۇ سان ھۆكۈمەت ئېلان قىلىغان سانلىق مەلۇماتنىڭ ئىچىگە كىرمەيدىكەن.

خىتاينىڭ مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ئوپىراسىيىسى ھەققىدىكى خەۋىرىگە قارىتا ئۆز ئىنكاسىنى بىلدۈرگەن، لېكىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر خانىم مۇنداق دېدى:

خىتاي ھۆكۇمىتى ئېلان قىلغان بۇ سان - سىپىرلارنىڭ ئىچىدىكى كۆپ سان ئۇيغۇرلارغا ئائىت بولۇشى مۇمكىن. گەرچە ھۆكۇمەت مەجبۇرىي چۈشۈرگۈزۈۋەتكەن ھامىلىنىڭ جىنسى ۋە مىللەت تەۋەلىكىنى ئېيتمىغان بولسىمۇ، لېكىن پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى خىتايلارغا قارىغاندا ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ قەبىھ ۋە قاتتىق قوللۇق بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىدا ئېغىر دەرىجىدە چۆكۈش بولۇۋاتىدۇ.خىتاي كۆچمەنلىرى قانداقلا بولمىسۇن، ھەر يەرلەردە كۆچۈپ يۈرۈپ بىر نەچچە بالىنى ئارتۇق تۇغالايدۇ، ئۇيغۇرلارغا ئاسمانغا چىقسا ئاسمان يىراق، يەرگە كىرسە يەر قاتتىق بولغاچقا، قورساقتا پىلانسىز قالغان بالىنى ئۆلتۈرۈپ چۈشۈرمەكتىن باشقا ئامال يوق. بۇ خىتاي خوتۇننىڭ ۋەقەسىنى بىز ئىسسىق شامالغا ئۇچراپ كەتتى دەپ ئېيتساق بولىدۇ، چۈنكى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بېشىغا مۇنداق كۈنلەر قەدەمدە بىر كېلىپ تۇرىدۇ. ھۆكۈمەت پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويغاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئاياللىرى ناچار بولغان پىلانلىق تۇغۇت ئوپىراسىيىسىدىن كېيىن تۈرلۈك ئاياللار كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ كېسەل ئازابىدا قىينىلىۋاتىدۇ، ھەتتا ئۆلۈپ كەتكەنلەرمۇ بار. ھۆكۈمەت پەقەت ئوپراسىيە قىلىپ بالا چۈشۈرۈشنىلا تەشەببۇس قىلىدۇكى، ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن چارە - تەدبىر قوللانمايدۇ.

بۇ خانىمنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە يەنە مۇنداق پاجەلىك ۋەقە بۇ ئائىلىنىڭمۇ بېشىغا كەلگەن. ئۇنىڭ سىڭلىسى ئىككىنچى بالىغا ھامىلدار بولۇپ بالا 8 ئايلىق بولغاندا، بىرىنچى بالىسى تېخى ئىككى يېرىم ياشقا كىرمىگەن ۋە بۇ ئىش ئاشكارىلىنىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن شۇ يەردىكى پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسى،ئاياللار بىرلەشمىسى، ئەر - ئايال ئىككى تەرەپنىڭ ئىش ئورنى بولۇپ، بۇ ئايالنىڭ قورسىقىدىكى 8 ئايلىق بوۋاقنى بەلگۈلەنگەن مۇددەت ئىچىدە چۈشۈرۋېتىشكە قىستىغان، ئەگەر قارشىلىق قىلسا، ئېغىر دەرىجىدە جەرىمانە تۆلەتكەندىن سىرىت، ھەر ئىككەيلەننى خىزمەت ئورنىدىن ھەيدەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. بالىسى مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋىتىلگەن بۇ ئانا شۇنىڭدىن كېيىن تۈرلۈك ئەگەشمە كېسەلگە گىرىپتار بولغان، ھەتتا نورمال خىزمەتنىڭمۇ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان كېسەلچان بىر ئايالغا ئايلىنىپ قالغان.

نورۋېگىيىنىڭ كەچلىك پوچتا گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىنىڭ ئاخىرىسىدا يەنە مۇنداق كورسىتىلگەن: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى قىز - ئوغۇللارنىڭ سان نىسبىتىدە ئېغىر دەرىجىدىكى تەڭسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، سەۋەبى نۇرغۇن خىتاي ئائىلىلىرى بىرىنچى پەرزەنتىنىڭ ئوغۇل بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىكەن.