خىتايدىكى شەھەر - يېزا نوپۇس ئايرىمىچىلىقى تەڭسىزلىكنىڭ مۇھىم بىر ئامىلى دەپ قارالماقتا
2012.12.14
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتى كېيىنكى 30 يىلدا ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئاسىيادىكى رىقابەتچىسى ياپونىيىنىمۇ كەينىدە قالدۇرۇپ، دۇنيادا ئامېرىكىدىن قالسىلا، ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي كۈچكە ئايلاندى. ئەمما خىتاي ئومۇمىي خەلقنىڭ تۇرمۇش ساپاسى جەھەتتە يەنىلا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ كەينىدە. خىتاي دۆلىتى دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، سەھىيە - مائارىپ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق قاتارلىق نۇرغۇن مۇھىم جەھەتلەردىمۇ خەلقئارا ئۆلچەملەردىن ئۇزاق.
يېقىندا ئېلان قىلىنغان رەقەملەردە، خىتاينىڭ كىرىم تەڭپۇڭسىزلىقى جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. خىتاي، دۇنيا بانكىسىنىڭ 2010 - يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىدىكى كىرىم تەڭپۇڭسىزلىقى ئەڭ ئېغىر 16 دۆلەت تىزىملىكىدىمۇ ئالدىنقى ئورۇندا يەر ئالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ پۈتۈن دۇنيادا مەۋجۇت بىر ئەھۋاللىقىنى، خىتاينىڭ ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى، خىتايدا نوپۇسنىڭ ئىنتايىن كۆپلۈكىنى ۋە ھەممە كىشىنى بىراقلا باي قىلىپ كېتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، ئەمما كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ سەۋەبىنى خىتايدىكى سىياسي تۈزۈلمە بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ ۋە بۇنىڭغا نۇرغۇن سەۋەبلەرنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىدۇ. يېقىندا لوس ئانجېلىس ۋاقتى گېزىتىدا ئېلان قىلىنغان بىر مۇلاھىزىدە خىتايدىكى نوپۇس دەپتەر بۇ پەرقنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىدىكى مۇھىم ئامىل، دەپ كۆرسىتىلگەن.
«خىتايدا ئىجتىمائىي پەرق كىچىك بىر قىزىل دەپتەرگە پۈتۈلگەن» ماۋزۇلۇق مۇلاھىزە ماقالىسىدە «ماۋ زىدۇڭ خەلقنى تېخىمۇ ياخشى كونترول قىلىش ئۈچۈن بۇندىن 54 يىل ئاۋۋال نوپۇس دەپتىرى ئارقىلىق پۇقرالارنى شەھەر نوپۇسى ۋە يېزا نوپۇسى دەپ ئىككىگە ئايرىپ، كىمنىڭ نەدە ياشايدىغانلىقى، كىمنىڭ نەدە ياشىيالمايدىغانلىقى، كىمنىڭ قەيەردە مەكتەپكە، ئىشقا بارالايدىغانلىقى ياكى بارالمايدىغانلىقىنى بەلگىلەپ بەرگەن. ھالا بۈگۈنگە كۈنگە كەلگەندىمۇ، خىتايدا يەنىلا شەھەر - يېزا نوپۇسى سېستىمىسى يولغا قويۇلۇپ كەلمەكتە» دەپ يېزىلغان.
ماقالىدە، ھەر يىلى يېزىلاردىن ھاياتلىق يولى ئىزدەپ شەھەرلەرگە كىرىۋاتقان ئاققۇنلار گەرچە ھاياتى بويىچە شەھەرلەردە ئىشلىسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئەسلا شەھەر نوپۇسىغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقى، بالىلىرىنى شەھەردە مەكتەپكە تىزىملىتالمايدىغانلىقى ياكى خالىغان جايدا ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرالمايدىغانلىقى ۋە سۇغۇرتىغا قاتنىشالمايدىغانلىقىدەك ئەھۋاللار بايان قىلىنىپ، شەھەر نوپۇسىغا كىرەلمىگەن بۇ كىشىلەرنىڭ تەقدىرىنىڭ مەڭگۈ مۇشۇنداق بولۇشقا مەھكۇم بولغانلىقى، شەھەرگە كىرىپ ئىشلەيدىغانلارنىڭ بالىلىرى ۋە قېرى - ئاتا - ئانىسىنى يىلدا بىر قېتىم چاغاندا كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولىدىغانلىقى، كۈن بويى ئىشلىسىمۇ يەنىلا جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلمىدا ياشايدىغانلىقى بايان قىلىنغان ۋە تېخى يېقىندا گۇيجۇ ئۆلكىىسدە ئىسسىنىش ئۈچۈن ئەخلەت ساندۇقىدا ئوت يېقىپ ئۆلۈپ قالغان بالىلارنىڭمۇ ئاتا - ئانىسى شەھەردە ئىشلەيدىغانلار ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.
ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى نوپۇسنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى شەھەر نوپۇسى بولغاننىڭ سىرتىدا، نوپۇسنىڭ قالغان قىسمى ھەممىسى يېزا نوپۇسى دەپ ئايرىۋېتىلگەن. كۆزەتكۈچىلەر بۇ خىل نوپۇسنى بۆلۈش ئۇسۇلىنى خىتايدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ يىلتىزى دەپ قارايدىغان بولۇپ، ئۇلار «خىتايدىكى يېزا نوپۇسلۇقلار ئۆز دۆلىتىدە، ئۆز ۋەتىنىدە خۇددى قانۇنسىز كۆچمەنلەردەك مۇئامىلىگە ئۇچرايدۇ، شەھەرلىكلەر تەرىپىدىن قارشى ئېلىنمايدۇ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سېستىمىسىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلىدۇ ۋە بۇ مانا بۇ، خىتايدىكى باي - كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ زورىيىپ كېتىشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى» دېگەن پىكىرنى ئالغا سۈرىدىكەن.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن :
خىتاي بەلكىم ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادى كۈچ بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئۇ ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيىگە ئوخشاش پاراغەتلىك بىر دۆلەت بولىمەن، دەيدىكەن، چوقۇم ئالدى بىلەن ئاۋام پۇقرانىڭ ھالىنى ياخشىلىشى كېرەك. خىتاي ئاۋام پۇقرانىڭ ئىستىمال كۈچىنى ئاشۇرغاندىلا ئىقتىسادتا ئەزان مال ئېكىسپورتىغا تايىنىشتەك ئەھۋالدىن قۇتۇلالايدۇ.
شوتلاندىيە بانكىسىنىڭ ئىقتىساد مۇتەخەسسىسى لوس ئانجېلىس ۋاقتى گېزىتىگە بەرگەن مۇلاھىزىىسدە، پۇقرالارنى شەھەرلىك قىلغاندا، نەدە ئىش جىق بولسا، پۇلنى قەيەردە كۆپ تاپسا شۇ يەرگە كۆچۈپ بېرىشىغا، ئولتۇراقلىشىشىغا يول قويغاندىلا ئاندىن ئۇلارنىڭ نورمال بىر ئىستىمالچىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشتىكى رولىغا سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئۇيغۇر ئېلىدە بولسا يۇقىرىقىدا تىلغا ئېلىنغان ئەھۋال بولسا تېخىمۇ ئېغىر. رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلىرىدىن كېلىپ ئۈرۈمچىدە تۈرلۈك تىرىكچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كىشىلەر قاتتىق كونترول ئاستىغا ئېلىنغانلىقى، ئۇلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەر تۈزلىنىپ، بىردەك يۇرتىغا قوغلانغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى باشقا يۇرتلۇقلارنىڭ مەھەللىلىرىنى چېقىش، ئۇلارنى قوغلاش خىزمىتىنى «شەھەر قىياپىتىنى ئوڭشىغانلىق» دەپ خەۋەر قىلغان. ئەمما كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ يەردە خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئوخشىمايدىغان بىر ئەھۋال مەۋجۇت. ئۇ بولسىمۇ، خىتايدىكى باشقا ئۆلكىلەرنىڭ ئەكسىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي يېزا نوپۇسلۇقلىرى قارشى ئېلىنىدۇ.
دەرۋەقە، بۇ يىل 6 - ئايدا ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىشكە دەۋەت قىلىدىغان بىر ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدە چەتكە قېقىلىدىغان بۇ كۆچمە نوپۇسلۇقلارغا «سەن شىنجاڭغا كەلسەڭلا، شىنجاڭلىق بولالايسەن» دەپ ۋەدە بەرگەن ۋە ئۇلارنى تۈرلۈك ئىجتىمائىي كاپالەتلەرگە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى، بالىلىرىنى دەرھال مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرالايدىغانلىقىنى ھەتتا خىزمەت تاپقۇچە ياردەم پۇلى ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر ئەينى چاغدا بۇ قارارغا نارازى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتىدا چەتكە قېقىلىپ، ئۆزى خالىغان جايغا بېرىش، ياشاش، تىرىكچىلىك قىلىش ھوقۇقىنىڭ ئېغىر دەخلىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي كۆچمەنلەرگە بېرىلگەن بۇ ئىمتىياز خىتاينىڭ ئاسسىملىياتسىيە سىياسىتىنىڭ ئوچۇق - ئاشكارا بىر ئىپادىسى، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.