بوشۈن تورىدا 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئېلان قىلىنغان "باي - كەمبەغەللەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بايلارنى قورقۇتماقتا" ناملىق خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى بايلارنىڭ مەبلەغلىرىنى چەتئەلگە يۆتكىگۈچىلەرنىڭ سانى ئۆتكەن بىر يىلدا بىر ھەسسە كۆپىيىپ، 2008 - يىلى 500 كىشى بولغان بولسا، 2009 - يىلى مىڭ كىشىگە يەتكەن. كۆپىنچە بايلار پۇللىرىنى ئامېرىكا، كانادا ۋە ياۋرۇپا ئەللىرىگە يۆتكەشكە باشلىغان.
خىتايدا بايلارنىڭ چەتئەلگە قېچىشىغا، بارغانسېرى ئېغىر ۋەزىيەتتە قىلىۋاتقان نامراتلارنىڭ قوزغىلىشىدىن ئەنسىرەش، بايلىقلىرىنىڭ ھەرخىل باھانە - سەۋەبلەر بىلەن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنىشىدىن ئەنسىرەش، ھاكىمىيەتتە بىرەر ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن تەقدىردە، بايلىقلىرىنىڭ تالان - تاراج قىلىنىپ نامراتلارغا تەقسىملەپ بېرىلىشىدىن ئەنسىرەش قاتارلىقلار سەۋەب بولغان بولۇپ، خىتايدا بۇنداق ھادىسىلەرنىڭ تارىختا يۈز بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا باي بولغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى سىياسىي ھوقۇققا تايانغان كۈچلەر ياكى سىياسىي ھوقۇقى چوڭلارنىڭ ھىماتى ئاستىدا باش كۆتۈرگەنلەر بولۇپ، ئۆز ئەجرى، تېرىشچانلىقى بىلەن قەد كۆتۈرگەنلەر ئىنتايىن ئازكەن. پاكىز ئەمگەك بىلەن بېيىمىغان بۇ بايلارنىڭ ھەر قاچان بىر قورقۇنچ ئىچىدە ياشىشى مۇقەررەر ئىكەن.
5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى يەنە بوشۈن تورىدا ئېلان قىلىنغان "خىتايدىكى باي - كەمبەغەللەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى بولسا سىياسىي ھوقۇقتىكى تەڭسىزلىكتۇر" ناملىق خەۋەردە، بايلارنى بارغانسېرى بېيىتىپ، كەمبەغەللەرنى بارغانسېرى نامراتلاشتۇرۇۋاتقان كۈچنىڭ سىياسىي ھوقۇقتىكى تەڭسىزلىك ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.
خەۋەردە شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان ماقالىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، بايلار بىلەن كەمبەغەللەر ئارىسىدىكى پەرقنى چوڭايتقان 4 تۈرلۈك ئاساسى ئامىلنىڭ بىرى، سىياسىي ھوقۇقتىكى تەڭسىزلىك تۈپەيلى مىللىي دارامەتنىڭ تەقسىم قىلىنىشىدىكى تەڭسىزلىك ئىكەن.
ئۇيغۇر ۋەتىنىدە مىللىي دارامەتنىڭ تەقسىم قىلىنىشىدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تەڭسىزلىك تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى بىلەن خىتاي خەلقىگە پەرقلىق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر پۇقرالىرى بىلەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىدىمۇ زور پەرق بارلىقىنى، ئۇيغۇر مائارىپى بىلەن خىتاي مائارىپى ئارىسىدىكى پەرقنى خىتاينىڭ ئادالەتسىز سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىشماقتا. ياۋروپادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەركىنئاي خانىم بۇ ھەقتە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
بايلار بىلەن نامراتلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئۇيغۇر ۋەتىنىدە تېخىمۇ چوڭ بولۇپ، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى 27 نامرات ناھىيىدە ياشاۋاتقان 2 مىليون 530 مىڭ يوقسۇلنىڭ 96 % ى يەرلىك خەلقتۇر. ئۇيغۇر ۋەتىنىدە باش كۆتۈرگەن 7 مىلياردىرلار قاتارىدا بىرمۇ ئۇيغۇر يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ مىلياردىر خىتايلار ئۇيغۇر ۋەتىنى ئومۇمى ئىقتىسادىنىڭ 30% ىنى ئۆز كونتروللۇقىغا ئېلىۋالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا ۋاڭ لېچۈەننىڭ يېقىنلىرى ئىكەنلىكى خىتاي ئاخباراتلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ۋەتىنىم تورىدا ئېلان قىلىنغان "بايلىق دېڭىزىدا بوغۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار" ناملىق ماقالىدە خىتاي ئاخباراتلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ۋەتىنىدە 6758 شىركەت مەۋجۇت بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۇيغۇر شىركەتلىرىنىڭ سانى 20 گە يەتمەيدىكەن. ماقالىدە ئەينەن ھالدا "شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىر 160 دۆلەت ۋە رايون بىلەن سودا ئالاقىسى بار. بۇ سودىلار ئۇيغۇرلارسىز ئېلىپ بېرىلماقتا" دەپ يېزىلغان. ئۇيغۇر ۋەتىنىدە نامراتلاردىن سىرت، يەنە 250 مىڭغا يېقىن ئىگە - چاقىسىز بالىلارنىڭ سەرسانچىلىق ئىچىدە ھايات كەچۈرۈۋاتقانلىقىمۇ تىلغا ئېلىنغان.
ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ئىقتىسادىي تەڭسىزلىكتىنمۇ ئارتۇق، سىياسىي تەڭسىزلىكنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە بۇ تەڭسىزلىكنىڭ 60 يىلدىن بىرى ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەنلىكى، بۇلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىشتىن ئىبارەت زۇلۇم سىياسىتىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى تەرىپىدىن تەكىتلىنىپ كەلمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.