يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كرىزىس جەريانىدا نېمە ئۈچۈن خىتايدا بىرمىلياردلىق بايلار ناھايىتى تېز كۆپەيدى؟

يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كرىزىستا، غەرب دۆلەتلىرىدە بايلارنىڭ سانى كۆپەيمىگەن، بەلكى مۈلكى ئازايدى. خىتايدا بولسا، گەرچە مىلليونېرلارنىڭ سانى 11% ئازايغان بولسىمۇ، ئەمما بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق بايلارنىڭ سانى بۇلتۇر قىدىن 30% كۆپەيدى.

0:00 / 0:00

ئۆتكەن بىر قانچە يىل ئىچىدە، يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كرىزىس جەريانىدا، غەرب دۆلەتلىرىدىكى بايلارنىڭ سانى كۆپەيمىدى، بەلكى مۈلۈك قىممىتى ئۆزلۈكسىز ئازلاپ ماڭدى. ئەمما خىتايدا بولسا بىرمىلياردلىق بايلار ناھايىتى تېز كۆپەيدى. 'شاڭخەي مالىيە گېزىتى' دە ئاشكارىلانغان سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، خىتايدا 1999‏ - يىلىدىكى ئەڭ چوڭ باينىڭ مۈلۈك قىممىتى 500 مىليۇن يۇەن ئىدى. 2003‏ - يىلى بىر مىلياردلىق بايلاردىن بىرى پەيدا بولدى. 2009‏ - يىلىدا بىر مىلياردلىق بايلارنىڭ سانى 1 مىڭغا، ھەر بىرىنىڭ مۈلۈك قىممىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 8 مىليارد 880 مىڭ يۇەنگە يەتتى.

ھازىر خىتايدا بايلار ئەڭ كۆپ شەھەر بېيجىڭ، ئۇنىڭدا 143 مىڭ نەپەر مىليونېر بار، 8800 نەپەر يۈز مىليون ۋە بىر مىلياردلىق بايلار بار، ئۇنىڭدىن قالسا، شاڭخەي، گۇاڭجۇ. بۇ شەھەرلەردىكى بايلار پۈتۈن مەملىكەتتكى بايلىقنىڭ 48% نى ئىگىلەپ تۇرۇۋاتىدۇ.

خىتايدىكى ئەڭ چوڭ باينىڭ 91% ى ئەمەلدار جەمەتى

ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان ئىقتىسادشۇناس خې چىڭليەننىڭ رادىئومىز ئارقىلىق ئېلان قىلغان ئوبزورىدا بايان قىلىنىشىچە، 2008‏ - يىلنىڭ ئاخىرىدا نەشر قىلىنغان 'ھازىرقى زامان جۇڭگو تەتقىقاتى' دا "خىتايدا 2006‏ - يىلى يۈز مىليون يۇەنلىك بايلارنىڭ سانى 3220 گە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى 91%نى تەشكىل قىلىدۇ؛ خىتايدا پۈتۈن ئائىلە سانىنىڭ 0.4% نى تەشكىل قىلىدىغان بىر مىليون 500 مىڭ ئائىلىنىڭ قولىدىكى بايلىقنىڭ سانى پۈتۈن مەملىكەتتىكى بايلىقنىڭ 70% نى تەشكىل قىلىدۇ" دەپ بايان قىلىنغان ئىدى. گەرچە 'خەلق گېزىتى' بۇ سانلىق مەلۇماتنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما، ئوتتۇز يىللىق ئىسلاھاتتا ئالدى بىلەن بېيىغان كىشىلەر دېگەن قاتارغا كىرىدىغانلار ئەمەلدارلارنىڭ بالىلىرى ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلدارلارنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلانغانلىقى ھەممە ئادەم ئېنىق كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان ئەمەلىيەت.

ئىقتىسادشۇناس خې چىڭليەننىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا 'ئەڭ تېز مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەر' دەپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان بايلارنىڭ تولىسى، خىتاينىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارى بو شىلەينىڭ قوللىشىغا ئىرىشىپ تېز بېيىغان كىشىلەر. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئالدى بىلەن ئېرىشكەن بىر ئىككى يۈرۈش تورالغۇنى دەستەك قىلىپ تېز بېيىپ كەتكەن.

شىنجاڭدىكى 7 خىتاي مەملىكەتتىكى 1000 نەپەر ئەڭ چوڭ باينىڭ ئالدىنىقى 10ى دېگەن قاتارىغا ئوتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۈگۈن 'شىنجاڭ تور بېتى' ۋە 'يانفون خەۋەرلىرى'دە، بۇ يىل شىنجاڭدىكى جاڭ يەنفۇ قاتارلىق 3 خىتاينىڭ مۈلۈك قىممىتى25 مىليارد 700 مىليون يۇەنگە ئۆرلەپ، خىتايدىكى 1 ‏- دەرىجىلىك ئەڭ چوڭ بايلار دەرىجىسىگە يەتتى، سۈن گۇاڭشىن قاتارلىق 5 خىتاي ئىككىنچى دەرىجىلىك ئەڭ چوڭ بايلار دەرىجىسىگە يەتتى، شىنجاڭدا 7 باينىڭ مەملىكەتتكى 1000 نەپەر ئەڭ چوڭ بايلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقى بەلكى 10‏ - ئورۇنغا ئۆرلىگەنلىكى 'شىنجاڭدىكى ئاتمىش يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئالاھىدە ئۆزگىرىش'، دەپ تەسۋىرلىدى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئەڭ چوڭ بايلارنىڭ كۆپىنچىسى شاڭخەي، بېيجىڭدا، شېنجېن، خاڭجۇ، گۇاڭجۇ، چېڭدۇ، خوڭكوڭ، دۇڭۋەن قاتارلىق شەھەرلەردە تۇرۇپ شىنجاڭدا تىجارەت قىلىدىكەن.

ئىقتىسادشۇناس خې چىڭليەننىڭ بايان قىلىشىچە، يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كرىزىستا، غەرب دۆلەتلىرىدە بايلارنىڭ سانى كۆپەيمىدى، بەلكى مۈلۈك قىممىتى ئازايدى، ئەمما خىتايدا بولسا بايلار، بۇ كرىزىس جەريانىدا ھۆكۈمەتكە تايىنىپ يەر ئىگىلەشكە، زېمىن-تۇرالغۇ تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا كىرىشىپ، بانكىلارنىڭ ھېساباتى ئېنىق بولمىغان ھالەتتىن پايدىلىنىپ، قەرز مۇئامىلە ساھەسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، مۇشۇ بىر نەچچە يىل ئىچىدىلا بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئەڭ چوڭ بايلارغا ئايلىنىۋالدى. بۇنداق بايلارنىڭ سانى مۇشۇ بىر يىل ئىچىدىلا 30% كۆپەيدى. ئەمما مىلليونېرلارنىڭ سانى 11% ئازلىدى. بۇنداق ئازلاش، ئاساسەن ئۇلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ قوللىشىغا ئىرىشەلمىگەن ياكى سىياسىي جەھەتتىن نامەلۇم بەدناملار بىلەن زەربە بېرىلىپ، مۈلكى بۇلاش - تالاڭ قىلىنغانلىقىدىن بولغان.