خىتاي كومپارتىيىسى ھەر يىلى 1 - ئۆكتەبىر تۈرلۈك مۇراسىملار بىلەن ئۆز ھاكىمىيىتىنى تەبرىكلەپ كەلمەكتە. بۇ يىل ئۆكتەبىردە، خىتاينىڭ دۆلەت ئاخباراتى- خەلق گېزىتى "ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ غەلىبىسىنى مەدھىيىلەپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 61 - يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز" سەرلەۋھىلىك باش ماقالە ئېلان قىلدى.
ماقالىدە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 61 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى، ئۇرۇش غەلىبىسىدىن تارتىپ، يەر تەۋرەش ۋە كەلكۈن ئاپەتلىرىدىن قۇتۇلۇپ، دۇنيا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزگەنلىكىگە قەدەر جەريانلار، ئىسلاھات تەرەققىياتى، خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كاپالەتكە ئېلىنغانلىقى قاتارلىقلار تىلغا ئېلىنغان. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە، "بۇ، خۇ جىنتاۋ رەھبەرلىكىدىكى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىقىدا ۋۇجۇدقا چىققان 61 يىل" دەپ، تەرىپلەنگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا بىرلىكىدىكى ئالاھىدە ۋەكىلى مەمەت توختى ئەپەندى، خىتاينىڭ "1 - ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمى" مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان باش ماقالىغا قارىتا سىياسىي مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، بۇنىڭ، پۈتكۈل خىتاي خەلقى جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ بىر پارتىيىلىك دىكتاتورىسى ئاستىدا ئەركىنلىكتىن مەھرۇم ھالدا ھايات كەچۈرگەن 61 يىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مەمەت توختى ئەپەندى مۇلاھىزىسىدە يەنە، 61 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن سىياسىي ۋەزىيەت، يەنى 1949 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ، تارىختا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان خورلۇق ۋە باستۇرمىچىلىق سىياسىتى ئاستىدا ياشاپ كەلگەنلىكى، بۇ تۈپەيلى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە نىسبەتەن ئۆچمەنلىك ۋە غەزەپ - نەپرىتىنىڭ تولۇپ تاشقانلىقىنى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىمىغان ھېچ بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەمەت توختى ئەپەندى "1 - ئۆكتەبىر خىتاي دۆلەت بايرىمى" كۈنىنى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى قانداق تەنتەنە قىلىشى ۋە مەتبۇئاتلىرى ئارقىلىق تەشۋىقاتلىرىنى قانچىلىك كۈچلۈك ئېلىپ بېرىشتىن قەتئىي نەزەر، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدە ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن قان يىغلايدىغانلىقىنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ "1 - ئۆكتەبىر" كۈنىنى، "شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ماتەم كۈنى" قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
مەمەت توختى ئەپەندى ئاخىرىدا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قانۇنسىز سىياسەتلىرى ئۈستىدىن، نارازىلىق بىلدۈرۈشنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ "باش تارتىپ بولمايدىغان مۇقەددەس بۇرچى" ئىكەنلىكى، شۇڭا يىللاردىن بۇيان د ئۇ ق نىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دەل 1 - ئۆكتەبىر، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بېرىش، نۇتۇق سۆزلەش ۋە تەشۋىقات ۋەرەقىلىرى تارقىتىش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ھەقىقىي ئەپتى - بەشىرىسىنى ئاشكارىلاپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.