خىتاي، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ قاتتىق سوئاللارغا دۇچ كېلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە

9 - فېۋرال دۈشەنبە كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇقى كېڭىشىگە مەزكۇر تەكشۈرۈش ئۈچۈن يوللىغان كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا، ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك خاتىرىسىنى يوشۇرۇشقا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ بۇ نۆۋەتلىك تەكشۈرۈشتە ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ قاتتىق سوئاللارغا دۇچ كېلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

بىر قانچە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بايانات ئېلان قىلدى

3 - فېۋرال سەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈش يىغىنى باشلىنىش ئالدىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى ئامېرىكا ۋەكىللىرىگە مەزكۇر يىغىندا خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەردىن نېمىلەرنى سوراش جەھەتتە يوليورۇق بېرىشكە چاقىرغان ۋە تەكلىپلەرنى بەرگەن.

بۇ ھەقتە توختالغان ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتى رەئىسى فېلىس گىيىر خانىم مۇنداق دېدى : "بىز ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىللارىي كلىنتون خانىمنى مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىدىغان ئامېرىكا ۋەكىللىرىگە بۇ نۆۋەت تەكشۈرۈلىدىغان ھالقىلىق دۆلەتلەردىن قاتتىق ۋە ئۆتكۈر سوئاللارنى سوراش توغرىسىدا يوليورۇق بېرىشكە دەۋەت قىلىپ بۇ باياناتى ئېلان قىلدۇق."

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى باياناتىدا، خىتاينىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئەگرى دەپسەندە ئىلىپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىر ئىكەنلىكى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق دىنى ئىشەنگۈچى مىللەتلەرنىڭ دىنىي سورۇنلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىش، دىنىي ئىبادەت ئورۇنلىرىنى ئۆرىۋېتىش قاتارلىق قىلمىشلارنى سىستېمىلىق ھالدا ئېلىپ بارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بايانات ھەققىدە توختالغان ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى رەئىسى فېلىسى گىيىر خانىمى خىتاينىڭ 1999 - يىلى ئامېرىكا تاش ئىشلار مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش جەھەتتە ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئامېرىكا ۋەكىللىرىگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تۆۋەندىكى سوئاللارنى سوراش تەكلىپى بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

" بىز مەزكۇر باياناتىمىزدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىگە قارىتىلغان، دىنىي تەبلىخ قىلىشنى چەكلەش، دىنىي زاتلارغا قارىتىلغان سىياسىي ئۆگىنىش، رامىزان تۇتۇش ۋە ھەج قىلىشنى چەكلەش، ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىنى چەكلەش قاتارلىق سىستېمىلىق باستۇرۇشى ئاياغلاشتۇرۇش ھەققىدە تەكلىپ بەردۇق."

باياناتلاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان

باياناتتا يەنە، خىتاينىڭ ئىسلام دىنىنى دىنىي ئەسەبىيلىك، ۋە تېررورلۇق بىلەن باغلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچ يۈرۈيدىغان دىنىي رەھبەرلىرى ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنى قولغا ئالغانلىقى بۇ تەرەپلەرنىڭ ئامېرىكا ۋەكىللىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر دەپ قارايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەكشۈرۈش يىغىنى ئېچىلىشتىن ئىلگىرى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە يوللىغان دوكلاتىدا نۇرغۇن تەرەپلەرنىڭ چىقىرىۋېتىلگەنلىكى كۆرسىتىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: "خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت رايونىدىكى داۋام ئېتىۋاتقان كرىزىسلار، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەھشىيانە باستۇرۇشلىرىنى دوكلاتقا كىرگۈزمىگەن."

خىتاينىڭ بۇ خىل پوزىتسىيىسىدىن ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى رەئىسى فېلىسى گىيىر خانىم: خىتاينىڭ بۇنداق قىلىشى ھەيران قالارلىق ئەمەس، ئەمما بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىق، چۈنكى بىزمۇ نۇرغۇن ماتېرىياللارنى ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، ئۇلار ئۆزىنى قاچۇرۇپ يېقىن كەلمىدى."

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى، ئەسلىدىكى كىشىلىك كومىتېتى ئىناۋىتىنى يوقىتىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن، 2006 - يىلى ئاۋازدىن ئۆتۈپ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر كېڭەش تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان تەكشۈرۈش ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇش بولماسلىقى كېڭەش فۇنكسىيىسىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇش بولماسلىقىنى بەلگىلەيدىكەن.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى رەئىسى فېلىسى گىيىر خانىم بۇ نۆۋەتلىك تەكشۈرۈش مەزكۇر كېڭەش ئۈچۈن ئىناۋەت مەسىلىسىدىن دېرەك بەرسە، بۇنىڭ خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قاتناشقاندىن بۇيانقى بۇ خىلدىكى تۇنجى قېتىملىق تەكشۈرۈش بولۇش سۈپىتى بىلەنمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

" بۇ خىتاينىڭ ئۆز كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى دىپلوماتلاردىن تەشكىل تاپقان ھۆكۈمەتلەر ئارا كىشىلىك ھوقۇق خىزمەت گۇرۇپپسى ئالدىغا تەكشۈرۈشكە تاپشۇرۇشى. ئەلۋەتتە، خىتاي ئىلگىرى ب د ت نىڭ باشقا مۇستەقىل كومىتېتلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەن، ئەمما بۇ نۆۋەتتىكىسى ئوخشىمايدۇ، بۇ تۇنجى قېتىملىقى."

بۇ يىغىندا خىتاينى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەپسەن قىلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش مۇددىئا قىلىنماقتا

جەنۋە شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان مەزكۇر تەكشۈرۈش، شۇ خىلدىكى 4 - قېتىملىق تەكشۈرۈش بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك خىتاي، سەئۇدى ئەرەبىستان، كۇبا، رۇسىيە قاتارلىق 14 دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە قاراپ چىقىلىدۇ.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاسىيا تىنچ ئوكيان بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى روسەئانن رايف خانىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئېلىپ بارىدىغان بۇ نۆۋەتلىك تەكشۈرۈشنىڭ مەنتىق جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا تەسىرى ئىنتايىن زور تۈزۈلمە ئىكەنلىكى، بۇ نۆۋەتلىك تەكشۈرۈشتە ئۆز تەشكىلاتىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ خىتاي ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا ھەمدە خىتاي بەرگەن جاۋابلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى پاش قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە بىر دوكلات يوللىغان ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەكشۈرگەندە ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇش لارغا تۈرمىلەردە ئۇيغۇر سىياسىي جىنايەتچىلەرگە قارىتا بەكرەك يۈرگۈزۈلۈۋاتقان تەن جازىسى قاتارلىق قىيناشلارغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى توپ لانتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك باھاغا مەكتۇپ يوللاپ، بۇ نۆۋەتلىك ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى تەكشۈرۈشتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارىتا قاتتىقراق بولۇشىنى تەلەپ قىلغان ۋە خىتايلار تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئالغان ئىدى.