'مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىدىن ئاتالمىش ئاپتونومىيىگىچە' ماۋزۇلۇق ماقالە ھەققىدە

يېقىندا تۈركىيىدىكى تور بەتلىرىدە دوكتۇر ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى يازغان "مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىدىن ئاتالمىش ئاپتونومىيىگىچە" ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىندى.

0:00 / 0:00

دوكتۇر ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ماقالىدا، گومىنداڭ ۋە كوممۇنىست ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرگە بەرگەن ھەق ۋە ھوقۇقلىرى ۋە بۇلارنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى ئەتراپلىق مىساللار بىلەن بايان قىلىنغان.

ماقالىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى قەغەز ئۈستىدە بېرىپ قويۇپ، نېمە ئۈچۈن ئەمەلىيلەشتۈرمەيۋاتقانلىقى ئۈستىدە توختالغان. ئۇ ماقالىسىدا، ھەقىقىي ئاپتونومىيىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلالامدۇ؟ دېگەن سوئالغىمۇ جاۋاب ئىزدىگەن.

بىز بۇ ماقالە ھەققىدە ماقالىنىڭ دوكتۇر ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.