شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تەسۋىرلىشىچە، بېرما 10 پولك ئەسكىرىي كۈچى بىلەن كوكاڭ رايونىغا زەھەرلىك چېكىملىك ئاقتۇرۇش ئۈچۈن كىرگەندە ، قارىمۇ - قارشى تەرەپلەر ئۆز - ئارا ئېتىشىپ كەتكەندىن كېيىن، بۇ رايوندىكى خىتايلار پىتراپ كەتكەن. 1989 - يىلى بېرما ھۆكۈمىتى بىلەن بۇ رايون ئوتتۇرىسىدا يەرلىك قوراللىق قىسىملارنى ساقلاپ قېلىش شەرتى بىلەن كېلىشىم تۈزۈلگەندىن كېيىن داۋاملىشىۋاتقان چېگرا سودىسى ھازىر توختىغان.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بېرمىنىڭ كوكاڭ رايونىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر 27 - ئاۋغۇست كۈنى بېرمىنىڭ لائوس بىلەن چېگرىلىنىدىغان جايدىكى بىر ساقچى ئىدارىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئىشغال قىلىۋالغان. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ رايوندا ۋەزىيەت تېخىمۇ جىددىيلەشكەن.
چىن گاڭنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتى
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ بۈگۈن بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، قاتتىق تەلەپپۇز بىلەن 'بېرما ئۆزىنىڭ ئىچكى مەسىلىلىرىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشى لازىم' دېگەن ۋە يەنە 'بېرمىدىكى خىتاي پۇقرالىلىرىنى ياخشى قوغدىشى لازىم' دەپ تەكىتلىگەن.
بۈگۈنگە قەدەر بېرمىدىن خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسىگە قېچىپ كەلگەن ئادەم سانى 30 مىڭغا يەتتى
ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئاندىرەج ماخىجى بۈگۈن، بېرما قىسىملىرى بىلەن بېرمىنىڭ كوكاڭ رايونىدىكى خىتايلارنىڭ قوراللىق كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۈگۈنگە قەدەر بېرمىدىن خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسىگە قېچىپ كەلگەن ئادەم سانى 30 مىڭغا يەتكەن.
خىتاينىڭ بېرمىغا چېگرىداش بولغان يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ نەنسەن شەھەرچىسى بېرمىدىن قاچقان خىتاي مۇساپىرلارنى تورار جاي ۋە يېمەك بىلەن تەمىنلەشكە باشلىغان. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ب د ت نىڭ مۇساپىرلار مەھكىمىسى ھازىر يۈننەندىكى بۇ مۇساپىرلار لاگىرى بىلەن ئالاقە قىلىشقا باشلىغان.
بېرما دائىرىلىرى چۆكۈپ كەتكەن بىر بېلىقچىلىق پاراخوتىنى سۈزۈش جەريانىدا ئىككى نەپەر خىتاي پۇقراسىنىڭ جەسىتىنى بايقىغان
شىنخۇا ئاگېنتلىقنىڭ بايان قىلىشىچە، 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى دىلوۋا پورتىدىن 3 دېڭىز چاقىرىم يېراقلىقتا (رانگۇن شەھىرىدىن 10 چاقىرىم يېراقلىقتىكى دېڭىز يۈزىدە ) ، ھاۋا رايى نورمال ئەھۋال ئاستىدا چۆكۈپ كەتكەن بىر بېلىقچىلىق پاراخوتىنى بېرما دائىرىلىرى سۈزۈش جەريانىدا، ئىككى نەپەر خىتاي پۇقراسىنىڭ جەسىتىنى بايقىغان، يەنە 14 نەپەر خىتاي پۇقراسى تېخىچە تېپىلمىغان.
تۈنۈگۈن خىتاينىڭ بېرمىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئېنىقلىشىچە، بۇ پاراخوت خىتاينىڭ نىڭبو شەھىرىدىكى بىر بېلىقچىلىق شىركىتىنىڭ بېرما بىلەن ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان پاراخوتى ئىكەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار منىسىتىرلىقى بېرما - خىتاي چېگرىسىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەزىيەتنى جىددىي كۆزىتىۋاتىدۇ
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، بېرمىدا دۆلەتنىڭ ھەربىي قىسىملىرى بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى يەرلىك قوراللىق كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا جىددىي ئۇرۇش يۈز بېرىپ، بېرمىنىڭ كوكاڭ رايوندىكى چېگرا خەلقى خىتايغا قېچىشقا باشلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار منىسىتىرلىقى بۇ رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەزىيەتنى جىددىي كۆزىتىۋاتىدۇ.
'يەر شارى ۋاقىتى گېزىتى'نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ رايوندىكى توقۇنۇشنىڭ خىتاي رايونلىرىغا كېڭىيىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئاللىقاچان بېرما بىلەن چېگرىداش رايونلارغا قوراللىق ساقچى قىسىم ئەۋەتىپ بولغان . ھازىر بۇ رايوندا ئوق - زەمبىرەك ئاۋازى ئۈكسىمەيۋاتىدۇ.
بۇ ۋەزىيەت، مەيلى قايسى جەھەتتىن بولمىسۇن، خىتاينىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىنتايىن زىيانلىق
گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان ئوبزورىدا بايان قىلىنىشىچە، ھازىر خىتاي بېرمىدا سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، سۇ توسمىسى ياساۋاتقان ۋە چەتئەللەردىن ئالغان نېفىتلىرىنى بېرما ئارقىلىق ئەكىلىش ئۈچۈن نېفىت تۇرۇبىسى ياساشقا جىدىدىي تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىدى. يېقىندا بېرما ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن بېرمىنىڭ كوكاڭ رايونىدىكى قوراللىق كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش ئون مىڭلىغان ئادەمنىڭ خىتايغا ئېقىپ كېرىشگە سەۋەبچى بولدى.
گەرچە ۋەقە يۈز بەرگەن رايوندىكى كوكاڭلارنىڭ ئەسكىرىي كۈچى 1500 دىن ئاشمىسىمۇ، ئەمما ئۇلار ھازىر شۇ رايوندىكى بېرما ھۆكۈمىتىگە قارشى 20 مىڭ ئەسكىرى بار ۋا قۇشۇنلىرى دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر ھەربىي كۈچ بىلەن بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشقا يۈزلىنىپ، ۋەزىيەت تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىۋاتىدۇ. بۇ، مەيلى قايسى جەھەتتىن بولمىسۇن، خىتاينىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىنتايىن زىيانلىق. خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نوقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ، بېرما ھازىر خىتايدىن ئىبارەت بۇنداق بىر چوڭ دۆلەتنىڭ تەلەپلىرىگە پسەن قىلمايۋاتىدۇ، خىتاي بۇنىڭدىن قاتتىق خاپا بولىدىغانلىقى ئېنىق.
بېرمىدىكى خىتاي قاچقېچى بېرما قىسىملىرى بىر ماشىنىسازلىق زاۋۇتىغا كىرمەكچى بولغاندىن كېيىن پەيدا بولغان
يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەبلىغى ئۆتكۈزىۋېلىنغان . دوۋېي ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن ئاشكارىلىشىچە، بېرمىدىكى خىتاي قاچقېقى، بېرما ھۆكۈمىتى 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى دۇنيانىڭ زەھەرلىك چېكىملىك مەركىزى دەپ ئاتىلىدىغان بۇ رايونغا زور ئەسكىرىي كۈچى بىلەن كېلىپ، بىر ماشىنىسازلىق زاۋۇتىغا كىرمەكچى بولغاندا پەيدا بولغان توقۇنۇشتىن كېيىن كېلىپ چىققان. ھازىر بۇ رايوندىكى خىتايلار تىجارىتىنى ۋە پۈتۈن مۈلكىنى تاشلاپ خىتايغا قاچماقتا.
خىتاي - بېرما چېگرىسىدا جىددىيلىك پەيدا بولۇۋاتقاندا، سېككىمدىمۇ خىتاي قىسىملىرى بىلەن ھىنىدستان قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا ئېتىشىش يۈز بەرگەن
بۇ ئاگېنتلىقنىڭ ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى، س ن ن ۋە IBN لەرنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ بايان قىلىشىچە يەنە، خىتاي - بېرما چېگرىسىدا جىددىيلىك پەيدا بولۇۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە يەنە، 25 - ئاۋغۇست كۈنى خىتاي - ھىندىستان چېگرىسىدىمۇ، سېككىمنىڭ نادۇلا تاغ ئېغىزىدا خىتاي قىسىملىرى بىلەن ھىنىدستان قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا ئېتىشىش يۈز بەرگەن، ئېتىشىش 26 - چىسلا كۈنى تېخىمۇ جىددىي تۈس ئالغان، ئەمما بۇنىڭ تەپسىلاتى تېخىچە مەلۇم ئەمەس.