بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان ئىككى چوڭ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ئەمەلدارلىرى جاڭ چۈنشەن ھەم نۇر بەكرىلەر، 7-مارت كۈنى مۇخبىرلارنىڭ 28-فېۋرال قاغىلىق ۋەقەسى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، قاغىلىق ۋەقەسى قاتارلىق بىر قاتار قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى تېررورلۇق ھەرىكىتى دەپ ئەيىبلەپ، بۇنىڭدىن كېيىن بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق ۋەقەلەر يۈز بەرسە، بۇ خىل ۋەقەلەرنى قاتتىق باستۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
چەتئەل ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەرلىرىدە، جاڭ چۈنشەن ھەم نۇر بەكرى قاتارلىقلارنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىشنى تەكىتلەپ، رايوندا تېخىمۇ قاتتىق بولغان باستۇرۇش سىياسىتى ئېلىپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىشىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىقنى ساقلىشىنىڭ بارغانچە تەسلىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
جاڭ چۈنشەن سۆزىدە، ئۇيغۇر رايونىدىكى يېقىنقى ۋەقەلەر ئۈستىدە نۇقتىلىق توختىلىپ، تېررورچى ۋە زوراۋانلارغا بۇندىن كېيىن ئىنسانىي مۇئامىلە قىلىنمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. نۇر بەكرى بۇ ھەقتە توختىلىپ، «بۇلتۇردىن بۇيان قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى بۇ رايونلاردىكى دىنىي رادىكالىزىملىق ئىدىيىسىدىن كېلىپ چىققان. بۇ رايونلاردا بىر مەزگىل ئەۋج ئالغان قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر رايوندا دىنىي ئەسەبىيلىكنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، بۇ خىل تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولدى.» دېگەن. نۇر بەكرى سۆزىدە يەنە «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ بارلىق قانۇنسىز دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلەرنى چەكلەپ، بۆلگۈنچى كۈچلەرگە ۋە تېررورلۇق ھۇجۇملارغا زەربە بېرىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئاۋسترالىيىدىكى ھۈسەن ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، جاڭ چۈنشەن ھەم نۇر بەكرى قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزىدىغانلىقى ھەققىدىكى بايانلىرىغا ئىنكاس قايتۇردى.
ھۈسەن ئەپەندى جاڭ چۈنشەننىڭ 28-فېۋرال قاغىلىق ۋەقەسى ھەققىدە ئېيتقان «بۇ مىللىي مەسىلە ئەمەس، دىنىي مەسىلە ئەمەس، بۇ ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇشنى ئاساس قىلغان ۋەھشىي تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق ۋەقەسى» دېگەن سۆزىگە رەددىيە بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان نۆۋەتتىكى سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا جاڭ چۈنشەننىڭ دۇنيادا ئېزىلگەن مىللەتلەر ئۆز مۇستەقىللىقىنى قولغا ئېلىپ ئەركىن ياشاۋاتقان بۈگۈنكى جەمئىيەتتە، ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ھۈسەن ئەپەندى يەنە 28-فېۋرال قاغىلىق ۋەقەسى قاتارلىق بىر قاتار قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە ئۆز قارىشىنى بايان قىلدى.
ھۈسەن ئەپەندى يەنە نۇر بەكرىنىڭ بۇ خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى دىنىي ئېتىقاد بىلەن باغلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى داۋاملىق باستۇرىدىغانلىقى ھەققىدىكى سۆزىگە رەددىيە بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادىنى، ئۆرپ-ئادىتىنى، تىلىنى يوقىتىپ، ئاخىرىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئامېرىكىنىڭ نېۋيورك شەھىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ليۇ چىڭ رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلەر ھەم ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى تۈزىتىشى لازىملىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ رايونلاردا يۈز بېرىۋاتقان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدى بىلەن مەسىلىنى ئۆزىدىن ئىزدىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ليۇ چىڭ مۇنداق دېدى: «مەيلى تىبەتلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق نارازىلىقىنى ئىپادىلىشى بولسۇن، ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەتلىرى بولسۇن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دالاي لاما ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشى بىلەن يۈز بەرگەن ھەرىكەت دەپ تەرىپلىشى تولىمۇ بىمەنىلىك ھەم كۈلكىلىك. ئەسلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ، مەسىلىنى ئۆزىدىن ئىزدىشى كېرەك ئىدى.»
ليۇ چىڭ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت ھەم ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان مىللىي سىياسىتىدە ئالدى بىلەن شۇ رايوندىكى يەرلىك خەلقنىڭ سىياسىي ئارزۇ-تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا پۇرسەت بېرىپ، ھېقىقى دېموكراتىيىنى يولغا قويۇپ، يەرلىك خەلققە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بېرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت جاڭ چۈنشەننىڭ «قاتتىق زەربە بېرىش ئارقىلىق، كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك» دېگەن سۆزى ھەققىدە توختىلىپ،«ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ مەقسىتى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن دەيدىكەن، ئۇ ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇت مەسىلىلەرگە قارىتا ئۆزىنىڭ ئوخشىمايدىغان قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، يىغىلىش ئارقىلىق نارازىلىقىنى ئىپادىلەش، نامايىش قىلىش، تەشكىلات جەمئىيەتلەرگە ئۇيۇشۇش، ئۆز زېمىنى، بايلىقى، تىلى، ئۆرۈپ ئادىتى قاتارلىقلارنى قوغداش، جۈملىدىن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش، ئۆزىنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا ئۆزى ئىگە بولۇش كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەك ئىدى. ئەمما ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ئۇيغۇرلارغا قارىتا قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بارماقتا. بۇ ئەھۋال مۇشۇنداق داۋاملاشسا رايون ۋەزىيىتى تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ، رايوندىكى توقۇنۇشلار توختىمايدۇ.» دېدى.