ئۇيغۇرلار: ئۇيغۇرلارغا قارىتا دىنىي چەكلىمە كۈچەيدى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە قارشىلىقىمۇ كۈچەيدى

دىنىي ئېتىقاد ھەم مىللىي ئۆرۈپ-ئادەتلەرگە قويغان چەكلىمىلەرنىڭ بارغانچە كۈچەيگەنلىكى، تۈرلۈك نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولدى.

0:00 / 0:00

خوتەندىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ 18-ئىيۇل خوتەن ۋەقەسى ھەققىدىكى ئىنكاسلىرى، بۇ يىللاردا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى خوتەندە يولغا قويغان باستۇرۇش سىياسەتلىرى ۋە تۈرلۈك چەكلىمىلەرنىڭ بارغانچە كۈچەيگەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا.

خوتەن شەھىرىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى يىلدىن بۇيان يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى خوتەن شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا «تىرىكلەرنى ئۆيىدىن؛ ئۆلۈكلەرنى گۆرىدىن كۆچۈش» كە مەجبۇرلاش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يەر-زېمىنلىرىنى ئىگىلىۋالغاندىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ۋە ئۆرۈپ-ئادەتلەرگە قارىتا قويۇلىدىغان چەكلىمىلەرنىمۇ كۈچەيتكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە مەسچىتلەردىكى ئىمام-مەزىنلەر ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەندىن باشقا، ھەتتا مېيىتلارنى يۇيۇپ-تارىغۇچىلارمۇ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بەلگىلىنىپ، بىنا ئۆيلەردە ئولتۇراقلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارغا مېيىتنى مەخسۇس بەلگىلەنگەن ئۆيدە، بەلگىلەنگەن مېيىت يۇغۇچىلارغا تاپشۇرۇپ، مېيىتنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشىغا ھاۋالە قىلىش تەشەببۇس قىلىنغان. ئەمما، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل چەكلىمىلىرى كۈچەيگەنسېرى خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ھەم ئۆرۈپ-ئادەت قارىشى تېخىمۇ كۈچىيىپ، ئەسلىدە ئوچۇق-ئاشكارا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دىنىي ئېتىقاد ئادەتلىرى ئەمدى يوشۇرۇن ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەتتا ئەسلىدىكىدىنمۇ كېڭەيگەن ھالەتكە ئۆتكەن.

تۈركىيە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلاھىيەت فاكۇلتېتىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان دىنىي ئۆلىما ئاتاۋۇللا شاھيار ئەپەندى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلاردىكى دىنىي ئېتىقاد قارىشىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتى چەكلىگەنسېرى كۈچىيىپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختالدى.

دىنىي ئۆلىما دوكتور ئاتاۋۇللا شاھيار ئەپەندى ئۆز بايانىدا، خوتەن ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى ھەم دىنىي ئېتىقاد ۋە ئۆرۈپ-ئادەت قاتارلىقلارغا قويۇلغان چەكلىمىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار قوبۇل قىلالمايدىغان ھالەتكە يەتكەنلىكى سەۋەبىدىن قوزغالغان نورمال بىر قارشىلىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقانداق جايىدا بۇ خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشى نورمال ئەھۋال ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ بۇ ھەقتىكى باياناتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە قارىتا يەرلىك ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نارازىلىق ھەرىكەتلىرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.