ئۇيغۇر ئېلىدە قايتىدىن قاتتىق باستۇرۇش ۋەزىيىتى شەكىللەندى

قەشقەر ۋە خوتەندە ئارقا-ئارقىدىن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇم ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى بۇ باھانىدە، پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارى مىقياسىدا يەنە بىر قېتىملىق قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلىدى.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ باستۇرۇش ھەرىكىتىگە «تېررورلۇق، زوراۋانلىق جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى" دەپ نام بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ھەرىكەت 11-ئاۋغۇستتىن 15-ئۆكتەبىرگىچە داۋام قىلىدىكەن. بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە قىلىدۇ.

يېقىندا ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان خىتاينىڭ مەملىكەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش يىغىنىدىكى قارارغا ئاساسەن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك، ئەدلىيە تارماقلىرى بىرلىشىپ 11-ئاۋغۇست ئۇيغۇر دىيارى مىقياسىدا تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق جىنايەتلىرىگە قاراتمىلىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى باشلىدى. بۇ قېتىملىق قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئىككى ئايدىن ئوشۇق داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدە چىقىدىغان قانۇن گېزىتىدە 15-ئاۋغۇست بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ نىشانى «بىر تۈركۈم تېررورچى زوراۋان گۇرۇپپىلارنى ئۇجۇقتۇرۇش، بىر تۈركۈم تېررورچى جىنايەتچىلەرنى قولغا چۈشۈرۈش، يەنە بىر تۈركۈم تېررور ھەرىكەت پىلانلىغۇچىلىرىنى، تەشكىللىگۈچىلەرنى قېزىپ چىقىش بۇ ئارقىلىق تېررورلۇق، زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ قايتا يۈز بېرىشىگە ئىمكان قالدۇرماسلىق» ئىكەن.

دائىرىلەر بۇنىڭ ئۈچۈن جاي-جايلاردا 24 سائەتلىك قاراۋۇللۇق ۋە كوچا چارلاشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن. ئادەم كۆپ يىغىلىدىغان ئاممىۋى قاتناش بېكەتلىرى، سودا-سېتىق ئورنى، كوچا-بازارلارغا كىرىپ چىقىشتا بىردەك سومكا تەكشۈرۈش، گۇمانلانغان كىشىلەرنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىدىكەن شۇنداقلا كامېرا ئارقىلىق كۆزىتىشنىڭ دائىرىسى كېڭىيىدىكەن. جىنايەتچىلەرنىڭ تور ۋە ئاممىۋى ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ تۈردىكى كونتروللۇقنى قايتا كۈچەيتىدىكەن.

شىنجاڭ تىنچلىق تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، بولۇپمۇ زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە ئىدىيىۋى تۇپراق بولۇۋاتقان قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرگە قەتئىي يول قويماسلىق، قانۇنسىز دىنىي تەشۋىقات بۇيۇملىرىغا قاتتىق زەربە بېرىش، بۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس خادىم ۋە تەكشۈرگۈچىلەرنى ئاجرىتىپ جىددىي ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىققا تەرەپ-تەرەپتىن قورشاپ چىقىش يولى قويماسلىق، زەربە بېرىشتە قەتئىي يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىق، تېررورچىلار باش كۆتۈرۈپ بولغۇچە ئۇجۇقتۇرۇپ يوقىتىش، ۋەقەنى كىچىك ھالىتىدە زەربە بېرىپ يوقىتىش شەرت دېيىلگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى بۇ ھەقتە ھەر دەرىجىلىك تارماقلىرىغا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، تېررورلۇق، زوراۋانلىققا قارىتا نۇقتىلىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى ۋەزىپىسى.

نۆۋەتتىكى سەزگۈر پەيتتە مۇقىملىقنى جان تىكىپ قوغداپ، 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلىدىغان جۇڭگو ياۋرۇ ئاسىيا سودا يەرمەنكىسىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش دەپ كۆرسىتىلگەن.

18-ئىيۇل خوتەن ناۋاغ ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى، 30-ئىيۇل قەشقەردە خىتايلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ۋەقە يۈز بەرگەن جايلاردا ھەربىي ھالەت داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىدى، شۇنداقلا مەزكۇر ھەرىكەتلەرنى پىلانلىق ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق زوراۋانلىق ھەرىكەت، بۇ ۋەقەلەرنى چېگرا سىرتىدىكى بۆلگۈنچى تېررورچى كۈچلەر پىلانلىغان دەپ كۆرسىتىپ، ئۇلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن 5-ئاۋغۇست مەخسۇس تېررورلۇققا قارشى تەربىيىلەنگەن يىلپىز پىدائىيلار ئالاھىدە ئەۋرىتىنىمۇ ئۇيغۇر ئېلىگە كىرگۈزگەن ئىدى. بۇ قېتىمقى تېررورلۇققا قارشى قاراتمىلىق زەربە بېرىشمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا سىستېمىلىق باشلىغان قاتتىق زەربە بېرىش زەنجىرسىمان ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرى. يېڭىدىن باشلىغان بۇ قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ جايلاردا قانداق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، يېقىندا ۋەقە يۈز بەرگەن قەشقەر ۋە خوتەنگە قارىتا تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

قەشقەرنىڭ پەيزاۋات ناھىيىسىدىن بىر ئايال ئۆز يېزىسىدا قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بولۇپمۇ نۇقتىلىق ھالدا يۈرۈش-تۈرۈش،كىيىنىشلىرىدە ئېتىقاد ئالاھىدىلىكى كۈچلۈك كىشىلەرگە بەكرەك قارىتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسىدىكى بىر ياش ھەتتا تەتىل ۋاقتى بولسىمۇ، مەكتەپ بالىلىرىنىڭمۇ ھەر جۈمە كۈنى مەكتەپكە يىغىلىشى تەلەپ قىلىنىپ قاتتىق كونترولۇققا ئېلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن ئىستانسىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق ئاخبارات ئورگانلىرىغا مەخسۇس بايانات بېرىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشلىرىنى توختىتىشقا چاقىرىپ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارغا بولغان بېسىمنى كۈچەيتىشى بۇ جايدا يەنىمۇ كۈچلۈك قارشىلىقلارنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.