خىتايدا تيەنئەنمېن ئانىلىرى ئۆز ئۆيلىرىدە قامالدى
تۆتىنچى ئىيۇن ۋەقەسىدە پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلغان ئانىلارنىڭ بىرى بولغان دىڭ زىلىن خانىمنىڭ مۇخبىرىمىزغا تېلېفون ئارقىلىق بايان قىلىشىچە، تۆتىنچى ئىيۇن ۋەقەسىنىڭ بۇ يىلقى 20 يىللىق خاتىرە كۈنلىرىدە، خىتاي ساقچىلىرى ئۇنى ئۆز ئۆيىگە قامىۋېلىپ، سىرتقا چىقارماي، ئۆز پەرزەنتىنىڭ قەبرىسىنى يوقلاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرغان. ئۇ پەقەت ئۆز ئۆيىدە تۇرۇپ 40 مىنۇت ھازا تۇتۇشقا ۋە ئىنتېرنېت ئارقىلىقلا سىرت بىلەن ئالاقە قىلىشقا مەجبۇر بولغان.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل مۇخبىرلىرىنى تيەنئەنمېن مەيدانى قاتارلىق سەزگۈر رايونلارغا كىرگۈزمىگەن. ئۇلارنىڭ كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشىنى تەقىپ ئاستىغا ئالغان.
خەلقنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقىنى قوغدىغۇچىلار ئىنتېرنېت ئارقىلىق ھېسيات ئالماشتۇردى
ھۆكۈمەت خىتايدىكى مۇستەقىل يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ چىسېڭ ئەپەندىنىمۇ ئۆيىگە قامىۋالغان. مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە، ئۇنىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۆيىدىن سىرتقا چىقىپ كۆكتات سېتىۋېلىشىغىمۇ رۇخسەت قىلمىغان. ئۇ پەقەت تۆتىنچى ئىيۇن كۈنى ئۆيىدە ئاق كېيىم كېيىش ئارقىلىق ئۆز ھېسياتىنى ئىپادىلىگەن.
ئۇنىڭغا خۇددى مەھبۇسلارغا ئوخشاش بىر قېتىم 'شامالداش' قا رۇخسەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇ مەكتەپ قوراسىغا چىققاندا، ساقچىلار ئۇنى يالاپ ماڭغان. ئۇ پەقەت ئۆيىدە تۇرۇپ، خەلقنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى ئادۋوكاتلار پۈتۈن مەملىكەتكە ئېلان قىلغان ئوچۇق خەتنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئوقۇغان ۋە ئۇنىڭغا ئىنكاس يازغان.
'ھازىرقى پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، سىياسىي جەھەتتە كەڭ ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇش ئاقىلانىلىق'
خوڭكۇڭدا يۈزمىڭلىغان ئامما كىچىدە شام يېقىپ تۆتىنچى ئىيۇننى خاتىرىلىگەندە، " پۇقرالىق كۈچى' دېگەن تەشكىلات ۋاشىنگتوندا ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىنىڭ ئالدىدا خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. بۇنىڭدىن 20 يىل بۇرۇن تيەنئەنمېن مەيدانىدا دېموكراتىك پائالىيەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلغان ۋاڭ دەن قاتارلىق كىشىلەر، تيەنئەنمېندە باشلانغان دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى قوللىغان يەن جاچى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئەربابلىرى، زىيالىيلار جەم بولدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە، ئەينى ۋاقىتتا ئازادلىق ئارمىيىنىڭ تانكىلىرى پۇتىنى ياكى قولىنى يەنجىۋەتكەن، ھازىر توك بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان ئورۇندوقىدا ئولتۈرغان مېيىپلارمۇ بار.
بۇ خاتىرىلەش پائالىيىتىدە، ئەينى ۋاقىتتىكى ئوقۇغۇچىلار يېتەكچىلىرىنىڭ بىرى بولغان سەي لىن خانىم ھازىرقى خىتاي رەھبەرلىرىگە نەسىھەت قىلىپ 'ئەينى ۋاقىتتىكى قانلىق باستۇرۇش بىلەن سىلەرنىڭ بىۋاستە مۇناسىۋىتىڭلار يوق، ھازىرقى پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، سىياسىي جەھەتتە كەڭ ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇش ئاقىلانىلىق' دەپ جاكارلىدى.
تۆتىنچى ئىيۇن ھەرىكىتىگە قاتناشماي تۈرمىگە تاشلانغان بىر كىشى بۇ قېتىم خاتىرىلەشكە قاتناشتى
ئەينى ۋاقتتىكى ئۆزى تيەنئەنمېندىكى ھەرىكەتكە قاتناشمىغان، بەلكى چىڭخەيدە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان، ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىن تۆتىنچى ئىيۇن ۋەقەسىنى خاتىرىلەيدىغان كۈنلەردە، ئاڭسىز ھالدا خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقا كىشىلەرگە ئوخشايدىغان مايكا كېيىپ قويغانلىقى ئۈچۈن، ساقچىلار تۇتۇۋېلىپ تۈرمىگە تاشىلىغان گو باۋجېن بۇ قېتىم كالىفورنىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۆتىنچى ئىيۇن ۋەقەسىنى خاتىرىلەش پائالىيىگە ئاڭلىق ھالدا قاتناشتى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 20 يىلدىن كېيىن خەلقتىن ئەيمىنىدىغان بولدى
گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 89 - يىلى تۆتىنچى ئىيۇندا باشلانغان ھەرىكەتنى 20 يىل باستۇرۇپمۇ، خەلقنىڭ ئەركىنلىككە بولغان ئارزۇلىرىنى يوق قىلالمىدى. گەرچە بۇ ھەرىكەتكە دائىر ئۇچۇرلارنى كىتابخانىلاردىن يېراق تۇتۇپ، بۇ ھەقتە سۆز قىلغان خەلقنى 'دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىدى' دەپ جازالاپ، خۇددى تارىختىكى پادىشاھلاردەك تارىخنى خالىغانچە بورمىلاپ كېلىۋاتسىمۇ، ئەمما خەلق يەنىلا كوممۇنىست پارتىيىنىڭ بۇ پاسىق 'دۆلەت مەخپىيەتلىكى' نى ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئاشكارىلاپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۆزىنىڭ قىلىدىغىنىنى ئاشكارا ھالدا قىلالمايدىغان، بەلكى ئۆزىنى چاغلاپ ئىش قىلىدىغان ھالدا چۈشۈپ قالدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۆركەشنى تۇتۇشقا جۈرئەت قىلالمىدى
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، تۆتىنچى ئىيۇن ھەرىكىتى يېتەكچىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئۆركەش دۆلەت تۆتىنچى ئىيۇن كۈنى ماكاۋغا بېرىپ خىتاي دائىرىلىرىگە 'مىنى تۇتۇش ئۈچۈن بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئىدىڭلار، مەن ھازىر ئالدىڭلارغا كەلدىم، ھازىر تۇتۇشقا جۈرئەت قىلالامسىلەر' دەپ بىر كېچە ساقلىسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى تۇتۇشقا جۈرئەت قىلالمىدى.
ھازىر چىرىك ئەمەلدارلارغا خەنجەر سالىدىغان قىزلار پەيدا بولدى
مەشھۇر مۇلاھىزىچى گۇ يۇەن ئەپەندى تۆتىنچى ئىيۇن كۈنى 'كۆزىتىش ژۇرنىلى' دا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە بايان قىلىشىچە، خەلق مۇشۇ يىگىرمە يىل ئىچىدە، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ زىيالىيلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان، چىرايلىق تەشەببۇسنى ھەرگىز ئاڭلىمايدىغان، ئەگەشمىگەننىڭ ھەممىسىىنى دۈشمەن دەپ ئۆلتۈرىۋىرىدىغان ئەسلى تەبىئىتىنى ئىنتايىن ياخشى چۈشەندى. كوممۇنىست پارتىيىمۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى ھازىر كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىغان دېموكراتىك ھەرىكەتكە ئايلانغانلىقىنى كۆردى.
تۆتىنچى ئىيۇن ھەرىكىتىدە كوممۇنىست پارتىيىگە خۇددى ھۆر پەرىلەردەك مۇلاھىم ھالدا نەسىھەت قىلغان قىزلار ھازىر يوق، بەلكى ھازىر چىرىك ئەمەلدارلارغا بېۋاستە خەنجەر تىقىدىغان دېڭ يۈجاۋدەك قىزلار پەيدا بولغانلىقىنى چۈشەندى.