خىتاي 1-ئۆكتەبىر بايرىمى مەزگىلىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى

خىتاينىڭ 1-ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمى كۈنى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلدى. چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلەردە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان بولۇپ، ئەرزدارلارنىڭ تيەنئەنمىن مەيدانىغا توپلىنىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغان.

0:00 / 0:00

رادىئومىز ئىگىلىگەن باشقا ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىمۇ جايلارغا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، بايرام مەزگىلىدە مەكتەپ، ئىدارە-ئورگانلاردا مەخسۇس نۆۋەتچى خادىملارنى ئورۇنلاشتۇرغان. قاتناش تۈگۈنلىرىدە تەكشۈرۈش كۈچەيتىلىپ، باشقا يۇرتلاردىن كەلگەنلەردىن 24 سائەت ئىچىدە تىزىملىتىش تەلەپ قىلىنغان.

ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ 1-ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەردە، ئېغىر قاتناش قىستاڭچىلىقى يۈز بەرگەندىن باشقا، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىمۇ ئالاھىدە كۈچەيتىلگەن. بولۇپمۇ بېيجىڭ شەھىرىدە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنىپ، ئەرزدارلار ھەم كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنغان.

چەتئەللەردىكى يېڭى ئىرا تور بېكىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭ دائىرىلىرى تەخمىنەن 20 مىڭ نەپەر قوراللىق ساقچى ئاجرىتىپ بېيجىڭ شەھىرىدە 2-دەرىجىلىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالغان. بېيجىڭدىكى خېنەنلىك بىر ئەرزدار يېڭى ئىرا گېزىتى مۇخبىرىغا بېيجىڭ ۋەزىيىتىنى تەسۋىرلەپ، 2012-يىللىق دۆلەت بايرىمى مەزگىلىنىڭ ئۇ ئەرز ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلگەن 3 يىلدىن بۇيانقى تيەنئەنمىن مەيدانىغا ساقچىلار ئەڭ كۆپ توپلانغان بىر يىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. شاڭخەيلىك جىڭ فامىلىلىك ئايال ئەرزدار بېيجىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، «ھازىر بېيجىڭ بەكلا جىددىيلىشىپ كەتتى، بېيجىڭ جەنۇبىي ۋوگزالىدا ئادەتتىكى ساقچىلار، ئالاھىدە ساقچىلار، قوراللىق ساقچىلار ھەممىسىلا بار، ساقچى ئاپتوموبىللىرى قاتار تىزىلىپ تۇرىدۇ. ئاجايىپ سۈرلۈك بۇ ۋەزىيەت خۇددى ھۆكۈمەت بىلەن خەلق ئۇرۇش قىلىدىغاندەك ھالەتنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىدۇ» دېگەن.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 7-ئاي مەزگىلىدىن باشلاپ بېيجىڭدىن قايتۇرۇپ كېتىلگەن ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ بەزىلىرى ئۆكتەبىر بايرىمى مەزگىلىدىمۇ ھېچقانداق سوت ھۆكۈمى بولمىغان ھالەتتە، ئۆز يۇرتلىرىدا قاماقلىق ھالەتتە تۇرغان. ئوغلىنىڭ خۇن دەۋاسى ئۈچۈن بېيجىڭغا بىرقانچە قېتىم بېرىپ، ئۇزۇن يىل ئەرزىنى داۋاملاشتۇرغان غازى ئاكا 7-ئاي مەزگىلىدە بېيجىڭدىن مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېلىنگەن. غازى ئاكا ئائىلىسىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى غازى ئاكىنىڭ ھېلىمۇ سولاقلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ 18-قۇرۇلتاي ھارپىسى ھەم 1-ئۆكتەبىر دۆلەت بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ يەنىمۇ كۈچەيتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خوتەندىن تېلېفونىمىزنى ئالغان بىر ئوقۇغۇچى، ئوقۇغۇچىلار بىر ھەپتىلىك دەپ ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇقىملىق خىزمىتى ئۈچۈن نۆۋەتچىلىككە قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئوقۇغۇچى يەنە ئۆز ناھىيىسىدىكى ۋەزىيەت ھەققىدە توختىلىپ، ئۇلارنىڭ ناھىيىسىدە سىرتتىن كەلگەنلەر ھەمدە ساقال قويغان، ئۇزۇن كۆڭلەك كىيگەنلەرنىڭ نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيىلىرىدىكى قاتناش تۈگۈنلىرىدە تەكشۈرۈش كۈچەيتىلىپ، باشقا يۇرتلاردىن كەلگەنلەرنى مەلۇم قىلىش، تۇغقان يوقلاشقا كەلگەنلەر 24 سائەت ئىچىدە شۇ جايدىكى ساقچىخانىغا بېرىپ ئۆزىنى تىزىملىتىش تەلەپ قىلىنغان. بۇ ھەقتە توختالغان بىر خانىم ئۆز يېزىسىدا مەخسۇس مەھەللە باشلىقى تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، ئۇلارنىڭ سىرتتىن كەلگەنلەرنى مەلۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيىلىرىدىكى ساقچىخانىلاردىمۇ 24 سائەت نۆۋەتچىلىك قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان. كېچىلىك نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر ساقچى دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ چىڭايغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېقىنىدىن بۇيان خىتاي ۋەزىيىتىدە يۈز بېرىۋاتقان بۇ خىل جىددىيلىك خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. مەتبۇئاتلار خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2012-يىللىق ئۆكتەبىر بايرىمى مەزگىلىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يىللاردىكىدىن كۈچەيتىشى، بۇ يىل 11-ئاي مەزگىلىدە ئېچىلىش قارار قىلىنغان 18-قۇرۇلتاي ھارپىسىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ھەرقانداق بىر نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.