بۈگۈن خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى مېڭ جيانجۇ : بېيجىڭ ئولىمپىكىغا ئەڭ چوڭ تەھدىت تېررورلۇقتۇر دەپ بايانات بەرگەن ۋە بۇ تەھدىتنىڭ مەنبەسىنى شەرقى تۈركىستان كۈچلىرىنى دەپ كۆرسەتكەن.
رونالد نوبىل: " ئولىمپىك مەشئىلىگە قارشى كۆرۈلگەن ھۇجۇملار ئولىمپىك جەريانىدىمۇ كۆرۈلۈشى مۈمكىن"
مىنىستىر مېڭ جيانجۇ يۇقىرىقى سۆزلىرىنى نۆۋەتتە بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان ئولىمپىك بىخەتەرلىكى تېمىسىدىكى خەلقئارالىق يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان. يىغىندا خەلقئارالىق ساقچى ئورگىنىنىڭ باشلىغى رونالد نوبىل ئەپەندىمۇ مېڭ جيانجۇنىڭ سۆزلىرىنى توغرا دەپ بىلدۈرگەن ۋە بېيجىڭغا تېررورغا قارشى تەدبىر ئېلىشتا ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. . ئۇ، سۆزىدە يەنە ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشى ھەركەت ئېلىپ بېرىش ئېھتىماللىقىنىمۇ بايان قىلغان؛ ئۇ بۇنىڭغا ئۆتكەن يىل ئاخىرىدا ھىندۇنوزىيىدە ئايروپورتتا قولغا ئېلىنغان ئەلقائىدە ئەزالىرىنىڭ يېنىدىن بېيجىڭنىڭ خەرىتىسى چىققانلىقىنى پاكىت دەپ تىلغا ئالغان.
بېيجىڭ ئۆتكەن يىلىمۇ خەلقئارالىق ئولىمپىك ساقچىسىغا خىتاينىڭ تېرورلۇق تەھدىتى ئاستىدا ئىكەنلىگىنى مەلۇم قىلغان؛ ئەمما خەلقئارالىق ساقچى ئۇ چاغدا، مۇنداق بىر تەھدىتنىڭ بايقالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. نوبىل ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق ئىزاھات بەرگەن: بۇلتۇر 9 - ئايغا قەدەر بىزگە ئەزا بولغان 186 دۆلەتنىڭ ھىچ بىرىدىن بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشى تېرورلۇق تەھدىتى ھەققىدە ئۇچۇر يوق ئىدى. يېقىندا خىتاي پاش قىلغان تېرورلۇق پىلانلىرى ۋە ئولىمپىك مەشئىلىگە قارشى ھەرىكەتلەر بېيجىڭ ئولىمپىكىغا تېررورلۇق تەھدىتى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ، مەشئەل ئۇزۇتۇشقا قارشى ھۇجۇملارنى ئولىمپىك جەريانىدىمۇ يۈز بېرىش ئېھتىمالى بار.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى تۈنۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يېقىنقى 3 ئاي ئىچىدە نۇقتىلىق قولغا ئېلىش ئوبېكتى دەپ قارالغان 124 كىشىنى قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بىز بۈگۈن ج خ نازارىتىنىڭ تەشۋىقات باشقارمىسىغا تېلېفون قىلىپ، نۇقتىلىق قولغا ئېلىش ئوبېكتى دېيىلگەنلەرنىڭ قانداق كىشىلەر ئىكەنلىگىنى سورىدۇق. ج خ نازارىتىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق جاۋاپ بەردى:" بۇ ج خ مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن قويۇلغان نام، يالغۇز شىنجاڭ ئۈچۈن ئەمەس، جوڭگۇنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ."
بۇ باياناتچى سۆزىدە نۇقتىلىق قولغا ئېلىش ئوبيېكتلىرىنىڭ سىياسىي جىنايەتچىلەر ئەمەس ئىكەنلىگىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ يەنە 3 خىل كۈچلەرگە قارشى ھەرىكەتنىڭ سىياسىي بۆلۈم تەرىپىدىن ئايرىم داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي مۇتەخەسسىس: " شەرقى تۈركىستان كۈچلىرى خىتاينى بىسەرەمجان قىلغۇدەك قۇدرەتكە ئىگە"
خىتاي قانۇن ئورۇنلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئوخشاش بولمىغان ناملار ئاستىدا ئۈزلۈكسىز زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بارماقتا. خىتاي دائىرىلىرى بەزىدە شەرقى تۈركىستان كۈچلىرىنى ئاجىز دەپ تەسۋىرلىسە بەزىدە ئېغىر تەھدىت دەپ بايان قىلماقتا. شاڭخەيدىكى ئوتتۇرا شەرق تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ بىر خىتاي مۇتەخەسسىسى، پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر ۋىلايىتىدە ئۆتكەن يىل يۈز بەرگەن 3 خىتاي پۇقراسىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنى شەرقى تۈركىستان كۈچلىرى سادىر قىلغانلىقىغا ئائىت ۋىدىئو لىنتىسىنى تاپقانلىقىنى بايان قىلغان. بۇ ئەھۋالنى ئالدىنقى ھەپتە ھىندىستاندا چىقىدىغان د ن ئا گېزىتىنىڭ مۇخبىرىغا ئاشكارىلىغان بۇ مۇتەخەسسىس، تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسەن، شەرقى تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ خىتاينى بىسەرەمجان قىلغۇدەك قۇدرەتكە ئىگە ئىكەنلىگىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇ سۆزلىرىنى ئېلان قىلغاندا ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىقنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنى ئارقا - ئارقىدىن تېرورلۇق بىلەن ئەيىبلەش نەتىجىسىدە، دۇنيادا شەرقى تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرى دېگەن بىر كۈچ، شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقى دېگەن ئىرادىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا دۇنيانى ئىشەندۈرەلىگەن بولسىمۇ، بۇ كۈچنىڭ تېرورچى ياكى ئەمەسلىكىگە ئىشەندۈرۈشتە قىينالماقتا. مىنىستىر مېڭ جيانجۇنىڭ بۈگۈنكى باياناتىنى خەۋەر قىلغان ئامېرىكىنىڭ بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە مۇنداق يازىدۇ:" خىتاي بېيجىڭ ئولىمپىكىنى تېررورلۇقنىڭ تەھدىتى ئاستىدا دەۋاتىدۇ، مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە بولسا، خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر تەھدىت تېررورچىلار ئەمەس، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئىسلامىي بۆلگۈنچىلەردۈر." بىرلەشمە ئاگېنتلىق خەۋىرىدە يەنە، مىنىستىر مېڭ جيانجۇنىڭ تېررورلۇق دەپ كۆرسەتكەن پاكىتلىرىنىڭ تېرورلۇق ئۈچۈن يېتەرلىك پاكىت ئەمەسلىكىنى بايان قىلغان.