قەشقەردە يەنە بىر ئۇيغۇر بىر خىتاي كۆچمەننى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرگەن

6 نەپەر خىتاي كۆچمەننى پىچاق تىقىپ يارىلاندۇرغان ۋەقە يۈز بېرىپ 4 كۈندىن كېيىن، يەنە بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ ئوخشاش جايدا 40 ياشلىق بىر خىتاي ئايالنى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

0:00 / 0:00

مۇشۇ ئاينىڭ 18 ‏-كۈنى قەشقەر شەھىرىدە بىر نەپەر ئۇيغۇر ياش 6 نەپەر خىتاي كۆچمەننى پىچاق تىقىپ يارىلاندۇرغان ۋە ساقچىلار قورشاۋغا ئالغاندا پىچاق بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ئىدى. مۇخبىرىمىز مەزكۇر ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە قەشقەردىكى قانۇن ئورگانلىرىدىن مەلۇمات ئىگىلەش جەريانىدا، مەزكۇر ۋەقەدىن 4 كۈن كېيىن يەنە بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ ئوخشاش جايدا 40 ياشلىق بىر خىتاي ئايالنى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا قەشقەردە ئارال ۋەقەسى قاتارلىق خىتاي كۆچمەنلىرىگە زەربە بېرىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تۈر ھۇجۇملارنىڭ تەكرار يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېخى يېقىندىلا بۇلاردىن 12 كىشىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. ئارىدىن ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا قەشقەر شەھىرىدە بىر ئۇيغۇر ياش 6 خىتاي كۆچمىنىنى پىچاق بىلەن يارىلاندۇرۇپ ئارقىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ئىگىلىشىمىزچە، مانا بۇ ۋەقەدىن 4 كۈن كېيىن، قەشقەرنىڭ قۇمدەرۋازا ئاھالىلەر كومىتېتىدا يەنە بىر نەپەر ئۇيغۇر ياش، بىر نەپەر خىتاي كۆچمىنىنى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرگەن.

قەشقەر شەھىرىنىڭ شامالباغ بازارلىق ساقچىخانا باشلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ۋەقە قەشقەردىكى خىتاي كۆچمەنلىرى ئارىسىدا ئېغىر ۋەھىمە پەيدا قىلغان. نۆۋەتتە قەشقەردىكى دائىرىلەر بىر تەرەپتىن خىتاي كۆچمەنلىرىنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن تەشۋىقات پائالىيىتىنى كۈچەيتكەن، خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىم ۋە ئاتالمىش خەلق ئەسكەرلىرى قەشقەر شەھىرىدە جىددىي تەكشۈرۈش، ئاختۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتمەكتە.

ۋەقە ھەققىدە بۈگۈن رادىئومىزغا بايانات بەرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەردىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىن ساۋاق ئالمايۋاتقانلىقىنى، قەشقەر خەلقىنىڭ يۈرەك ساداسىغا قۇلاق سېلىشنىڭ ئورنىغا، خەلقنى قورقۇتۇش ئارقىلىق بېسىقتۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ بۇ تەھدىتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق روھىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.