ۋەدىنامە چۈمبەل ئارتقان ئاياللارنى ئۆيىگە كىرگۈزمەسلىك ۋە چۈمبەل ئارتقان ئاياللارنى بايقىسا ھۆكۈمەتكە پاش قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ ۋەدىنامە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر ھۆكۈمەت ئورگىنى تەرىپىدىن تەييارلانغان ۋە مەلۇم بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىگە ئىمزا قويدۇرۇلغان. مانا بۇ ۋەدىنامە نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىماقتا.
ۋەدىنامە تۆت ماددىدىن تۈزۈلگەن. بىرىنچى ماددىدا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىشقا؛ ئىككىنچى ماددىسىدا ئائىلىسىدە ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە يول قويماسلىق ۋە دىنىي ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى ساقلىماسلىققا ۋەدە بېرىلگەن. ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى ماددىسىدا بولسا، ئائىلىسىدە چۈمبەل ئارتقان ئاياللار بولماسلىققا، چۈمبەل ئارتقان ئاياللارنى ئۆيىگە كىرگۈزمەسلىككە ۋە چۈمبەل ئارتقان ئاياللارنى بايقىسا ھۆكۈمەتكە پاش قىلىشقا ۋەدە بېرىلگەن. ۋەدىنامىنىڭ ئاخىرىدا ئەگەر يۇقىرىقى 4 ماددىنىڭ ھەرقانداق بىرىگە ئەمەل قىلماي قالسا، تۆۋەن كاپالەت پۇلىنىڭ كېسىلىشىگە رازىمەنلىك بىلدۈرۈلگەن.
بۇ يىل 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئىمزالانغان بۇ ۋەدىنامە، دەسلەپتە تۈركىيىدىكى ئىستىقلال رادىئوسىنىڭ توربېتىدە سۈرەتلىك خەۋەر قىلىپ بېرىلگەن. نۆۋەتتە فەيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ تۈردە تارقالماقتا ۋە بەس-بەستە ئىنكاسلار يېزىلماقتا. ئىنكاسلاردا، مەزكۇر ۋەدىنامە، دىنىي ئېتىقادقا قارىتا ئاشكارا تاجاۋۇزچىلىق، ئەركىنلىككە قارىتا ئىپتىدائىي چەكلىمە دەپ ئەيىبلەنگەن. ئىنكاسلاردا ئومۇميۈزلۈك ھالدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ باشقۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە بۇ چېكىدىن ئاشقان رەزىللىك دەپ ئەيىبلەنگەن. يەنە بەزى ئىنكاسچىلار خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى دىنىدىن تاندۇرۇشقا، مىللىي بىرلىكىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ۋە بۇ قىلمىشنى شۇم نىيەتلىك دەپ ئەيىبلىگەن. نۆۋەتتە مەزكۇر ۋەدىنامىگە قارىتا پىكىر ۋە ئىنكاسلار جامائەت سورۇنلىرىدىمۇ داۋاملاشماقتا.
ئاڭلىغىنىڭلار، تۈركىيىدە ياشاۋاتقان جامائەت ئەربابلىرىدىن ئابدۇلئەزىز ئەپەندىنىڭ بايانلىرى. ئابدۇلئەزىز ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ «خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ساقىلى، بۇرۇتى، رومىلى ۋە كۆينىكى بىلەن ھەپىلىشىپ، ئۇيغۇرلارنى دىنىدىن تاندۇرماقچى، مەدەنىيىتىدىن ئۇزاقلاشتۇرماقچى، قىسقىسى ئۆزىگە ئوخشىتىۋالماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ قۇدرەتلىك بىر دۆلەتنىڭ، كۈچلۈك بىر ھاكىمىيەتنىڭ چارىسى ئەمەس؛ بۇ ئاجىزلىقنىڭ، چارىسىزلىقنىڭ ئىپادىسى. دېمەكچىمەنكى، خىتاينىڭ ئارمىيىسى، ساقچىسى، يەنى بارلىق دۆلەت ئاپپاراتلىرى، ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىگە بويسۇندۇرۇشتا ئاجىزلىق قىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار قورالغا تايىنىپ ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتكە تايىنىپ تۇرۇپ خىتاينى ئەندىشىگە سېلىۋاتىدۇ.»
ئابدۇلئەزىز ئەپەندى سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىگە تايىنىپ، گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي جۇغراپىيىسىنى يەنى شەرقى تۈركىستان زېمىنىنى ئۆز ئىلىكىدە تۇتۇپ تۇرالاۋاتقان بولسىمۇ، مەنىۋى جۇغراپىيىسىنى ئىشغال قىلالمىغانلىقىنى يەنى مىللىي ۋە دىنىي كىملىكلىرىنى ئۆزگەرتەلمىگەنلىكىنى، شۇڭا بۇ جۇغراپىيىگە توختاۋسىز ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى دۆلەت پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن چارە تاللىمايۋاتقانلىقىنى يەنى بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئابدۇلئەزىز ئەپەندى سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى «بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلىساق- شەرقى تۈركىستان زېمىنىنىڭ ئەزەلدىنلا خىتايغا تەۋە ئەمەسلىكىدەك ھەقىقەت، خىتايدا ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ئەندىشىسى توغرا، ئەمما چارىسى توغرا ئەمەس، ھامان بىر كۈنى خىتاي مەغلۇپ بولىدۇ، شەرقى تۈركىستاندىن چېكىنىپ چىقىدۇ.»