خەلقئارا ھېرالد گېزىتى مۇخبىرىنىڭ بۈگۈن خوتەندىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ مەزكۇر چارىلىرى كۈتكىنىدەك ئۈنۈم بەرمىگەن. خىتاي رامىزان مەزگىلىدە ئاشخانىلارنى تاقىماسلىقنى بۇيرىغان بولسىمۇ، قەشقەر شەھىرىدىكى ئاشخانىلارنىڭ كۆپىنچىسى رامىزان مەزگىلىدە ئاساسەن دېگۈدەك تاقالغان.
ماقالىدە بىلدۈرۈشىچە، قەشقەر، خوتەن ۋە يەكەن قاتارلىق جايلاردا خىتاينىڭ رامىزان مەزگىلىدىكى چەكلىمىلىرى نەتىجە بەرمىگەن. ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزى تۇتۇشى ئاشكارا چەكلەنگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار بۇ تۈزۈمگە ئاكتىپ ماسلاشمىغان. بۇ سەۋەبلىك قەشقەردىكى مەكتەپلەر، ئىپتار مەزگىلىدە مەكتەپ ئىشىكىنى تاقىۋېلىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ سىرتىدا يوشۇرۇن ئىپتار قىلىشىنى چەكلىگەن.
بىر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: "دىنىمىزغا قارىتا چەكلىمىلەر كۆپ، ئەمما قەشقەردە دىن كۈچلۈك، شۇنىڭ ئۈچۈن رامىزان مەزگىلىدە كۆپىنچە ئاشخانىلار تاقالدى."
خەلقئارا ھېرالد گېزىتىنىڭ مۇخبىرى قەشقەرنىڭ دىنىي مۇھىتى ھەققىدە مۇنداق يازىدۇ:" توپا تاملار بىلەن قورۇلغان، كونا كىگىزلەر بىلەن بېزەلگەن مەسچىتلەر ھەر ۋاقىت بوش قالمايدۇ، ئەمما مەسچىتنىڭ تاملىرى ئىسلامىي تەلىماتلاردىن كۆپ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تەلىماتلىرى يېزىلغان لوزۇنكىلار بىلەن تولغان."
مۇخبىر يەنە مۇنداق يازىدۇ: " قەشقەرنىڭ خالتا كوچىلىرىدا، بازار مەركەزلىرىدە، كوچا دوقمۇشلىرىدا ۋە ھەتتا مەسچىتلەرنىڭ ئىچىدە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرگە قارشى تەشۋىقاتلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ."
ئاپتور يەنە ماقالىسىدە، ئۇيغۇر رايونىدا جەمئىي 24 مىڭ مەسچىت، 29 مىڭ ئەتراپىدا ئىمام بارلىقى؛ ئىماملارنىڭ جامائەت تەرىپىدىن ئەمەس، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغانلىقى، ئۇلارغا ئاز مىقداردا مائاش بېرىلىدىغانلىقى، مەسچىت ۋە ئىماملارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ھاياتى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا مەجبۇرلىنىدىغانلىقى، مىساللار ئارقىلىق بايان قىلىنغان. ئەمما چەكلىمىلەر كۈچەيگەنسېرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامغا بولغان باغلىنىشىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى، قارشىلىق ھەرىكەتلەرنىڭ ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن؛ پاكىت سۈپىتىدە قەشقەردە يۈز بەرگەن 4 - ئاۋغۇست سەمەنيولى ۋەقەسى ئەسلەپ ئۆتۈلگەن.
ئۇيغۇر رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى دىنىي مۇھىتنى مۇقىملىقنى ئۆلچەيدىغان تېرمومېتىر دەپ ئاتىغان ئىدى. ھېرالد گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ماقالىسىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ يىلتىزى ئىسلام دىنى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان تەڭسىز مىللىي سىياسەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ؛ ئومۇمى نوپۇسنىڭ 46%نى ئىگىلەيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ، رايوننىڭ ھاكىمىيەت قاتلىمىدا ئورۇن ئالالمىغانلىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن بەھرىمان بولالمىغانلىقى، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئىزچىل كۆپىيىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەۋلادلىرىلا ئەمەس، كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىنىڭمۇ رىزقىغا توپا چېچىلىۋاتقانلىقى، تەقدىرىگە تەھدىت كېلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن ۋە بۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ يىلتىزى دەپ كۆرسىتىلگەن.
ماقالىدە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج پائالىيىتىنىڭ چەكلىنىۋاتقانلىقى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، 2007 - يىلى ئۇيغۇر رايونىدا 3100 نەپەر ھاجى ھەج ئىبادىتىنى تاماملىغان، ئەمما بۇ ھاجىلارنىڭ ھەج سەپىرى ئاسانغا توختىمىغان. ھەج نامزاتلىرىنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى ئىنچىكە تەكشۈرۈلگەن، ھاجىلار ھۆكۈمەتكە 6000 دوللار زاكالەت پۇلى تاپشۇرغان؛ 3700 دوللار سەپەر خىراجىتى تاپشۇرغان، بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ھاجى نامزاتلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆپىنچىسى ئارقا ئىشىك مېڭىشقا ۋە پارا بېرىشكە مەجبۇر بولغان.
بۇ مىقداردىكى چىقىمنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىگە نىسبەتەن ناھايىتى چوڭ بىر چىقىم ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن ماقالىدە، خىتاينىڭ ھەج چەكلىمىسىدىكى مەقسىتى، ئۇيغۇرلارنى تاشقى دۇنيادىن خەۋەرسىز قالدۇرۇش، ئىسلام دۇنياسى بىلەن ئالاقىسىنى ئاجىزلىتىش، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى ئۇنتۇلدۇرۇش ۋە ئىسيانكارلىقىنى پەسەيتىش دەپ كۆرسىتىلىدۇ.