چەتئەللەردىكى خىتاي سىياسىي ئانالىزچىلىرى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ئەمەلدارلىرىدىكى بۇ خىل يۈزلىنىشنىڭ ئەمەلىيەتتە، خىتاي كومپارتىيىسى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆز كەلگۈسى ئۈچۈن چىقىش يولى ھازىرلاۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
چەتئەللەردىكى خىتايچە چىقىدىغان «بوشۈن» تور بېتىدە، ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن جيا چىڭلىننىڭ قىز نەۋرىسى جاسمىنى لىنىڭ ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرىگە قوبۇل قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر بېرىلدى. چەتئەللەردە تارقالغان خىتاي ئەمەلدارلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 80-يىللاردىن بۇيان، خىتايدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى بەس-بەستە چەتئەللەردىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇتۇش ھەم ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شۇ دۆلەتلەردە يەرلەشتۈرۈش خاھىشى ئومۇملىشىشقا باشلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، 80-يىللاردىن كېيىن چەتئەللەردىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇغان خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن ماۋ زېدوڭ، جۇ ئېنلەي، دېڭ شياۋپىڭ، جياڭ زېمىن، يې جىيەنيىڭ، چېن يۈن، قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئەمەلدارلارنىڭ پەرزەنتلىرى بار ئىكەن.
ئۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاي رەئىسى ماۋ زېدوڭنىڭ قىز نەۋرىسى سۈن دوڭمېي، دېڭ شىياۋپىڭنىڭ ئوغلى دېڭ جىفاڭ، دېڭ شىياۋپىڭنىڭ ئامېرىكىدا تۇغۇلۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، فامىلىسىنى دېڭ شىياۋپىڭنىڭ ئايالى جۇو لىننىڭ فامىلىسىگە ئۆزگەرتىپ ئامېرىكىدىكى مەلۇم ئاۋدۇكاتلىق ئورنىدا ئىشلەۋاتقان ئوغۇل نەۋرىسى، جياڭ زېمىننىڭ ئوغلى جياڭ مىيەنخېڭ ھەم جياڭ زېمىننىڭ بىردىن-بىر ئوغۇل نەۋرىسى جياڭ جىچېڭ قاتارلىقلار بار ئىكەن.
ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى چەتئەللەردە باشقا فامىلە ياكى باشقا ئىسىملارنى قوللانغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىنى خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى باش ئەلچىخانىسىدىكىلەرلا بىلىدىكەن.
«بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنى چەتئەللەردىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇتۇشى، بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنى خىتاي ئىچىدە يۇقىرى ئىمتىيازغا ئېرىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن نۆۋەتتىكى كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
خۇ پىڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ھازىر خىتايدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئامال قىلىپ، چەتئەللەردىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇتۇۋاتىدۇ. ئۇلار بۇنداق قىلىش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن، پەرزەنتلىرى ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ خىتايغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى شىركەتلەرگە پەرزەنتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق تېخىمۇ نۇرغۇن بايلىق توپلاۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆز پەرزەنتلىرى ھەم ئۇرۇق تۇغقانلىرىنى ئوقۇش تۈگەتكەندىن كېيىن چەتئەللەردە يەرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ خىتايدا پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىك بىلەن توپلىغان مال-مۈلۈكلىرىنى چەتئەللەرگە يۆتكەۋاتىدۇ. چۈنكى ھازىرقى مۇستەبىت كوممۇنىست ھاكىمىيەت ۋە ئۇنىڭ چىرىكلەشكەن ئەمەلدارلىرى ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇزۇن داۋاملاشمايدىغانلىقىنى ئەلۋەتتە بىلىدۇ.»
خوڭكۇڭدا چىقىدىغان «شەپە» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى جاڭ ۋېيگو ئەپەندى خىتاي كومپارتىيىسى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى چەتئەللەردە ئوقۇتۇشى ھەم يەرلەشتۈرۈشتىكى سەۋەبلەر ھەققىدە ئۆز مۇلاھىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
جاڭ ۋېيگو ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بىر پارتىيىلىك مۇستەبىت ھاكىمىيەت بولغىنى ئۈچۈن، داۋاملىق تۈردە دېموكراتىيىنى تەلەپ قىلغۇچى خەلقنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچراپ كەلمەكتە ئىكەن. بۇنداق شارائىتتا خىتاي كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنىڭ بېشىنى قاتۇرۇۋاتقان، ئۇلارنى ئەڭ ئەنسىرىتىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى قانداق قىلىپ ساقلاپ قېلىش، پەرزەنتلىرى ھەم ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ كەلگۈسىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ئىكەن. ئەنە شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ئەمەلدارلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆز پەرزەنتلىرى ھەم ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى چەتئەللەرگە يەرلەشتۈرۈپلا قالماي، بەلكى مۈلۈكلىرىنىمۇ چەتئەل بانكىلىرىغا يۆتكىمەكتە ئىكەن.
جاڭ ۋېيگو ئەپەندى سۆزىدە مىسىر خەلقىنىڭ دېموكراتىيىنى تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بارغان نامايىشى نەتىجىسىدە، بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان مىسىر پرېزىدېنتى مۇبارەك بىلەن خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بايلىقىنى سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:«ھازىر مەتبۇئاتلار مۇبارەك 30 يىل ئىچىدە توپلىغان مال-مۈلۈكنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بايلارنىڭكىدىنمۇ جىقلىقىنى خەۋەر قىلىشماقتا. ئەمما، مەن كېسىپ ئېيتالايمەنكى ئەگەر خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى ئادىللىق بىلەن ئېنىقلىغاندا ئۇلارنىڭ قانۇنسىز توپلىغان مال-مۈلكى مۇبارەكنىڭ بايلىقىدىن نەچچە ئون ھەسسە جىق بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت تۇتقان بۇ 60 يىل جەريانىدا خەلققە قارىتا مۇستەبىت سىياسەت يۈرگۈزدى. خىتاي ئەمەلدارلىرى بولسا ئۆز ئەمىلىنىڭ قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ بيۇروكراتلىق، چىرىكلىك، ھەم پارىخورلۇقتا دۇنيادىكى ھەرقانداق دۆلەت ئەمەلدارلىرىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى. ئەنە شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن كوممۇنىست ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ھەر ۋاقىت ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش كويىدا خەلقنى باستۇرۇپ كەلدى. ئۇلار ئۆز ھاكىمىيىتىدىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۈچۈن، پەرزەنتلىرىنى ھەم مال-دۇنياسىنى تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق چەتئەللەرگە يۆتكەپ، ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ھازىرلىق كۆرمەكتە.»
ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى باشلىغان يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان، پارىخورلۇق ھەم چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن خىتاي ئەمەلدارلىرى نەچچە ئون مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى پاش بولۇپ قېلىشتىن ئىلگىرىلا، پەرزەنتلىرى يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، ھەم مال مۈلۈكلىرىنى چەتئەللەرگە يۆتكەپ بولغان ئىكەن.