خىتاي چەتئەللەردىكى خىتاي تىلىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى يولى ئارقىلىق قۇتراتقۇلۇق قىلىۋاتامدۇ؟

كانادادا چىقىدىغان سىياسىي خاراكتېردىكى "ماكلېئانس" ژۇرنىلىدا،"تەسىر كۆرسىتىش ھەققىدە سوئاللار" ناملىق ماقالە بېسىلدى. بۇ ماقالىدە، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى خىتاي تىلىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئۇلارنى تىزگىنلەش ئارقىلىق، غەرب دۇنياسىغا سىڭىپ كىرىۋاتقانلىقى، ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن غەرب دۇنياسى بىلەن قارشىلىشىۋاتقانلىقى بايان قىلىنىدۇ. چارلىئې گىللىس تەرىپىدىن يېزىلغان بۇ ماقالە، كانادانىڭ مونترېئال شەھىرىدە چىقىدىغان خىتاي تىلىدىكى "مۇھاجىرلار ۋاقتى" گېزىتى بىلەن فالۇڭگۇڭچىلارغا مايىل "ئۇلۇق ئىرا"گېزىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز - ئارا ھاقارەت قىلىش داۋاسىنى بايان قىلىش بىلەن باشلىنىدۇ. ئاپتورنىڭ تىلغا ئېلىشىچە،مەزكۇر دىلوغا مەسئۇل بولغان مونترېئال يوقىرى سوت مەھكىمىسى كانادادا چىقىدىغان "مۇھاجىرلار ۋاقتى"گېزىتىنىڭ خىتاينىڭ تەشۋىقات ئورگانلىرى بىلەن زىچ ئالاقىسى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان.

0:00 / 0:00

چارلىئې گىللىسنىڭ ئەسكەرتىشىچە، داۋادا ئۇتتۇرۇپ قويغان"مۇھاجىرلار ۋاقتى" گېزىتىنىڭ ئىگىسى جۇ، شاڭخەيدە چاقىرىلغان چەتئەلدىكى خىتاي تىلىدا چىقىدىغان ئاخبارات ۋاستىلىرىگە،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادى ياردەم بېرىشى ناملىق يىغىندا سۆزلىگەن ئېچىش نۇتقىدا، "چەتئەللەردىكى خىتاي ئاخبارات خادىملىرىنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىجابى ئوبرازىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنىڭ بار"لىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ شەخىس يەنە "مۇھاجىرلار ۋاقتى" گېزىتىنىڭ نامىدا فالۇڭگۇڭچىلارغا قارشى مەخسۇس 4 سان گېزىت چىقارغان ۋە ئادەتتە بۇ گېزىتنىڭ تىراژى 4 مىڭ ئەتراپىدا بولغان بولسىمۇ، ئەمما مەخسۇس چىقىرىلغان بۇ 4 سان گېزىتنىڭ ھەربىر نۇسخىسىنى 100 مىڭ تىراژدىن بېسىپ، ھەقسىز تاراتقان. يەنە كېلىپ، فالۇڭگۇڭچىلارغا قارشى بۇ مەخسۇس سان - خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان مەتبۇئاتى - "خەلق گېزىتى" تەرىپىدىن ئالاھىدە خەۋەر قىلىنغان. مەزكۇر گېزىتنىڭ يوقىرىقىدەك سىرلىق ھەرىكەتلىرى ۋە يوشۇرۇن ئىقتىسادى ئارقا تۈۋرۈكى كانادا سوت مەھكىمىسىنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان.

ئاپتور ماقالىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ:"بېيجىڭ دائىرىلىرى كانادادىكى خىتاي تىلىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنى ئۆزىنىڭ قۇتراتقۇلۇق ۋە تەتۈر تەشۋىقات ۋاستىسىگە ئايلاندۇرۇۋاتامدۇ - يوق؟ بۇ سوئالغا ھەيران قېلىش - مېنىڭچە ئوشۇقچە. كانادادىكى بىر قىسىم ئۆكتىچىلەر شىمالىي ئامېرىكىدا چىقىدىغان خىتاي تىلىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىگە بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىۋاتقانلىقى ۋە خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلىرىنىڭمۇ بارا - بارا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ قولىغا ئۆتىۋاتقانلىقى ھەققىدە، ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەنىدى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىنى سېتىۋېلىشى ئۇياقتا قالسۇن، ھەتتا ئۇلار يەنە، چەتئەللەردە ئۆزلىرىگە سادىق ئاخباراتچى خادىملارنىمۇ پائال يېتىشتۇرمەكتە،" دەپ يازىدۇ.

ئۇ ماقالىسىدە، كانادا جاسۇسلۇققا قارشى ئورگىنىنىڭ باشلىقى رىچارد فاددېننىڭ،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كاناداغا سىڭىپ كىرىش تەھدىتى ھەققىدە كانادالىقلارنى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنىمۇ تىلغا ئالىدۇ. ئۇ ماقالىسىدە، خوڭكوڭ گېزىتى بولغان "شىڭداۋ"، "مىڭباۋ" گېزىتلىرى ۋە تەيۋەنگە تەئەللۇق "دەۋىر تېلىۋىزىيە"سىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، خىتاي تىلىدىكى بىر تۈركۈم ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ يېقىنقى 10 ئىچىدە بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ بولغانلىقى، بۇلارنىڭ نۆۋەتتە ئاخبارات ئەركىنلىكى پرىنسىپلىرىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى ئەسكەرتىدۇ.

چارلىئې گىللىس كانادادىكى نوپۇزلۇق ژۇرنال بولغان "ماكلېئانس"ژۇرنىلىدىكى بۇ ماقالىسىدە، كانادا بىخەتەرلىك ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئاسىيا رايونىغا مەسئۇل سابىق ئەمەلدارى مىچېئال كاتسۇيانىڭ "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلكىگە ئۆتكەن ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن، ئەركىن ئاخبارات پرىنسىپلىرىغا بويسۇنۇشنى تەلەپ قىلىش ياكى شۇنداق خىياللاردا بولۇشنىڭ ئۆزى - ئۆتۈپ كەتكەن سەبىلىكتۇر دېگەن سۆزلىرىگىمۇ يەر بەرىدۇ. ئۇ ماقالىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ: "چەتئەللەردىكى خىتاي تىلىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى، ئەگەر بېيجىڭ تەشۋىقات مىنىستىرلىقى بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتى قۇرسا، ئۇلار خىتاي قۇرۇقلۇقىدىن كېلىدىغان غايەت زور مىقداردىكى ئىقتىسادى ياردەمدىن بەھرىمان بولالايدۇ، ئەكسىچە بولغاندا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى مەنبەسىنى ھامان كېسىپ تاشلايدۇ. ھەتتا، ئۆزلىرىگە قارىتا بىر ئازلا تەنقىدلەش پوزىتسىيىسىدە بولغانلارنى چەتكە قاقىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ دەككىسىنى بېرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن چەتئەللەردىكى خىتاي تىلىدىكى بۇ مەتبۇئاتلار تىبەت قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلىرى، ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ۋە فالۇڭگۇڭچىلارنىڭ مەسىللىرىدە، بېيجىڭ دائىرىلىرى بىلەن ئوخشاش مەيداندا تۇرىدۇ،" دەپ يازىدۇ.

ئۇ ماقالىسىدە، يۇقىرىقى مەتبۇئاتلارنىڭ تىبەتلىكلەرنى تىلغا ئالغاندا، تىبەتلىك بۆلگۈنچىلەر، كىشىلىك ھوقۇقنى تىلغا ئالغاندا، ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق دەپ ئاتايدىغانلىقىنى ئالاھىدە قىستۇرۇپ ئۆتىدۇ. ئۇ ماقالىسىدە، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرى بىلەن بىۋاستە ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇش، دۆلەت ئىچىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەنچىلىكلىرىنى پەدازلاش ۋە دۇنيادىكى باشقا دىكتاتور دۆلەتنى قوللاشنى ھەقىقانىي كۆرسىتىش ئۈچۈن، 6مىليارد 600 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ، ئەلجەزىرە ۋە ئامېرىكىنىڭ س ن ن تېلىۋىزىيە قاناللىرىغا ئوخشاش، 24 سائەت ئېنگلىز تىلىدا پروگرامما تارقىتىدىغان تېلىۋىزىيە قانىلىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەنلىكى، بۇ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ نۆۋەتتە شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدە پروگرامما تارقىتىشنى باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

چارلىئې گىللىس "ماكلېئانس"ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ، غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن خىتاي خەلقىنىڭ بېشىنى قايمۇقتۇرۇۋاتىدۇ، مېڭىسىنى يۇيۇۋاتىدۇ دەپ قورقۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن چەتئەللەردە كۆرۈنۈشتە مۇستەقىل، ئەمما ئاستىرىتتىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىزگىنلىشىدىكى ئاخبارات ئورگانلىرىنى قۇرۇشنى ھەدەپ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ غەرب جامائىتىنىڭ دۇنيا قارىشىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشى مۇۋاپپەقىيەت قازانسا، ئۇ زامان ئۇلارنىڭ، نۆۋەتتە ئۆزلىرى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان گۇپپاڭچىلارغا ھەم ئېھتىياجى قالمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە بايان قىلىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.