خىتاي چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن يەنە بىر يېڭى بەلگىلىمە چىقاردى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا، دۇنياغا، ئەمەلدارلاردىكى چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن يېڭى بەلگىلىمە چىقارغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ بەلگىلىمىدە، ھۆكۈمەت خادىملىرى ئۆزلىرىنىڭ كىرىمى، خۇسۇسىي مۈلكى، سالغان مەبلەغلىرى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تۇرار جايى قاتارلىقلارنى راستچىللىق بىلەن مەلۇم قىلىشى لازىم، ئەگەر ساختا مەلۇم قىلسا جازالىنىدۇ، بۇ يېڭى بەلگىلىمە 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ، دەپ كۆرسىتىلگەن. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلار ئۆزى مەلۇم قىلغان سانلىق مەلۇماتلار ئاشكارىلانمايدۇ دەپ ۋەدە بەرگەن.

0:00 / 0:00

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ زۇۋانى بولغان خەلق گېزىتى بۈگۈن غەربچە كۆپ پارتىيە تۈزۈمىدىكى دېموكراتىك دۆلەتلەردە چىرىكلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان چارە يوق دەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى.

خىتاي ئەمەلدارلار شەخسى مۈلكىنى مەلۇم قىلىش توغرىسىدا بۇرۇن چىقارغان بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلمىغان

تەيۋەندە تۇرۇشلۇق سىياسىي مۇلاھىزىچى لىن باۋخۇا ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇلاھىزە ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا كوممۇنىست پارتىيە ئەمەلدارلارنىڭ مۈلكىنى مەلۇم قىلىش توغرىسىدا يەنە بىر بەلگىلىمە چىقارغانلىقى بىر يېڭى ئىش ئەمەس.1995 - يىلىدىلا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى مۈلكىنى مەلۇم قىلىش بەلگىلىمىسى دېگەن بىر بەلگىلىمىنى چىقارغان. 2006 - يىلىدىمۇ يەنە پارتىيىلىك رەھبىرى كادىرلارنىڭ شەخسىي مۈلكىنى مەلۇم قىلىش بەلگىلىمىسى دېگەن بىر بەلگىلىمىنى چىقاردى. ئەمما ئۇنىڭ ھېچقايسىنى ئىجرا قىلمىغان ئىدى. چۈنكى بۇنى ئىجرا قىلىدىغان ئەمەلدارلار ئۆزلىرى ئاللىقاچان چېرىكلىشىپ بولغان.

لىن باۋخۇانىڭ قارىشىچە، خىتاي ھازىر يەنە بۇنداق يېڭى بەلگىلىمە چىقارمىسا بولمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. بۇنىڭغا، ھازىر خەلقنىڭ قارشىلىقى كۈچلۈك بولۇپ كەتكەنلىكى، بۇنداق سرتقى بېسىم كۈچلۈك بولۇپ كەتكەندە، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەشنىڭ جىددىيلەشكەنلىكى سەۋەب بولغانلىقى ئېنىق. ھازىرقى بۇ يېڭى بەلگىمە بۇيىچە، ئەمەلدارلار شەخسى مۈلكىنى كمىگە مەلۇم قىلىدۇ؟ بۇ بىر مۇھىم مەسىلە. ئەگەر خۇ جىنتاۋنىڭ بىلىپ قېلىشى ئۈچۈنلا مەلۇم قىلىش بولسا ياكى مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغىلا مەلۇم قىلىش بولسا، ئەمما پۈتۈن جەمئىيەتكە ئاشكارىلانمىسا، بۇنداق يېڭى بەلگىلىمە نىڭ يەنىلا ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق.

ھازىرقى يېڭى بەلگىلىمە بۇيىچە بولسا، ۋاڭ جۈننىڭ شۇنچىۋالا پۇلنى نەدىن تاپقانلىقىنى ھەرگىز سۈرۈشتۈرمەيدۇ

لىن باۋخۇا مۇلاھىزىسىدە 1949 - يىلى شەرقىي تۈركستاننى ئىشغال قىلغان كوممۇنىست ئارمىيىسىنىڭ كوماندىرى ۋاڭ جېننىڭ پۇشتى ۋاڭ جۈننى مېسالغا ئالدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ۋاڭ جۈن خىتاينىڭ خەلقئارا ئىناۋەتلىك قەرز ۋە مەبلەغ شىركىتى دېگەن دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئەڭ چوڭ شىركىتىدە 11 يىل باش پايچىك بولغان. ئۇ 2006 - يىلى پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن، ئۆز نامىدا خىتاي تەبىئىي گاز شىركىتى دېگەن بىر خۇسۇسىي شىركەتنى قۇرۇپ، دادىسى ئىشغال قىلغان زېمىنگە مەبلەغ سېلىشقا باشلىدى. ئۈرۈمچىدىكى سودا بانكىسىغىمۇ مەبلەغ سالدى. دېمەك ئۇ، ئېنىرگىيە ئۈچۈنلا ئەمەس، پۇل - مۇئامىلە ساھەسىگىمۇ مەبلەغ سالدى. خىتايدىكى پۈتۈن كۆمۈر زاپىسىنىڭ 30 پېرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان شىنجاڭدىكى كۆمۈرلۈكلەردىن ئۈچ كۆمۈر كان بازىسىنى 10 مىليارد يۇەنگە سېتىۋالدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر - خېمىيە سانائىتى ئۈچۈن 2 - 3 مىليارد يۇەن مەبلەغ سالدى، ھازىر ئۈرۈمچىدە يەنە ئەڭ چوڭ خەلقئارا كۆرگەزمە سېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ چەتئەللەردە يەنە بىر تالاي مۈلكى بار. ھازىر ئۇنىڭ تەيۋەنگىمۇ مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

لىن باۋخۇانىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ھازىرقى بۇ يېڭى بەلگىلىمەسى بۇيىچە بولسا، ۋاڭ جۈننىڭ شۇنچىۋالا كۆپ پۇلنى نەدىن تاپقانلىقىنى ھەرگىز سۈرۈشتۈرمەيدۇ. چۈنكى ئۇ ئاللىقاچان ئالىدىغاننى ئېلىپ، پېنسىيىگە چىقىپ بولغان، ھازىر ئۇ دۆلەت كادىرى ئەمەس. بۇ خۇددى، خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئۆزىلىرى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن چەتئەللەرگە چىقىپ، جەددى - جەمەتىنىمۇ چەتئەللەرگە ئەۋەتىپ بولغاندىن كېيىن، ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن چەتئەلگە چىقىشقا بولمايدۇ دەپ يېڭى بەلگىمە چىقارغانغا ئوخشاش ئىش.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ دېموكراتىك دۆلەتلەردە چىرىكلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان چارە يوق دېگىنى پۈتۈنلەي ئېغۋا

سىياسىي مۇلاھىزىچى لىن باۋخۇانىڭ قارىشىچە، خەلقتە پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكى بولۇش ياكى بولماسلىقى، بۇ مۇھىم مەسىلە. ئەگەر خەلقتە پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكى بولمىسا، ئۇنى يۇقىرىغا مەلۇم قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر ئەمەلدارلار شەخسى مۈلكىنى يالغان مەلۇم قىلغان بولسا، خەلقتە پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكى بولمىسا، ئۇنىڭ يالغانلىقىنى كىم پاش قىلالايدۇ؟ بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئېلىپ بېىرلغان چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش، بۇرۇنقىدەكلا يەنە يالغان قارشى تۇرۇش بولۇپ چىقىدۇ.

لىن باۋخۇانىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەندە ئەمەلدارلارنىڭ، ھەتتا پارلامىنت ئەزالىرىنىڭمۇ شەخسىي مۈلكىنىڭ تېزىمى تەكشۈرۈش ئىدارىسىغا يوللانغان، بۇ ئىدارە ئۇنىڭ تەپسىلاتىنى ئاللىقاچان ئىنتېرنېتكە ئاشكارا چىقىرىپ قويغان. قانداق ئۆزگىرىش بولسا خەلق ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ، چېرىكلىك كۆرۈلسىلا جازالىنىدۇ. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ دېموكراتىك دۆلەتلەردە چىرىكلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان چارە يوق دېگىنى پۈتۈنلەي ئىغۋا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.