خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىقات ۋاستىلىرىنىڭ چىرىك ئەمەلدارلار توغرىسىدا چىقىرىلغان يېڭى بەلگىلىمىسى توغرىسىدا خەۋەر بەرمەسلىكىنى سورىدى

خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتى تۈنۈگۈن ئەمەلدارلارنىڭ شەخسىي مۈلكىنى مەلۇم قىلىش ھەققىدە بىر بەلگىلىمە چىقارغان ئىدى. خىتايدىكى ھەر قايسى گېزىتلەر بۇ يېڭى ئۇچۇرنى باش سەھىپىلىرىدە ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتى كېچىدىلا جىددىي يىغىن چاقىرىپ، ئەمدى خەلق ئىچىدە كونترول قىلغىلى بولمايدىغان قىزغىنلىق پەيدا بولۇشى مۇمكىن، دېگەن خولاسىغا كېلىپ، بۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن قورقۇپ كەتكەن.

0:00 / 0:00

خىتاي تۈنۈگۈن چىقارغان بەلگىلىمىسىدىن بۈگۈن قورقۇپ كەتتى

تۈنۈگۈن، خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېت كاتىبات مىنىستىرلىقى بىلەن دۆلەت كابىنىتى كاتىبات ئىشخانىسى بىرلىكتە، ئەمەلدارلارنىڭ شەخسىي مۈلكىنى مەلۇم قىلىش ھەققىدە بىر يېڭى بەلگىلىمە ئېلان قىلغان ئىدى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتى بۇ يېڭى بەلگىلىمىنى ئېلان قىلىنغان ھامان، خىتايدىكى ھەر قايسى گېزىتلار بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى باش سەھىپىلەردە، بەلكى چوڭ ماۋزۇ قويۇپ خەۋەر قىلىشقا باشلىغان ئىدى.

خەلققە ياقىدىغان ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان بەلگىلىمە

بوشۈن تور گېزىتى مۇخبىرلىرىنىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان بۇ يېڭى بەلگىلىمىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مۇئاۋىن ھاكىم دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئەمەلدارلار ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك شىركەتلەرنىڭ باشلىقلىرى خۇسۇسىي مۈلكى، نىكاھلىنىش ئەھۋالى، ئائىلە تەۋەلىرى ۋە بالا - چاقىلىرىنىڭ چەتئەللەرگە كۆچۈرۈلۈش ئەھۋالى، سالغان مەبلەغلىرى، قولىدىكى پاينىڭ قىممىتى قاتارلىقلارنى راستچىللىق بىلەن يۇقىرىغا مەلۇم قىلىش لازىم، ئەگەر يالغان مەلۇم قىلسا، ۋەزىپىدىن قالدۇرىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. گەرچە بۇنىڭدىن بۇرۇن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق بەلگىلىمىلەرنى بىر نەچچە قېتىم چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇچۇر ۋاستىلىرى بۇ قېتىم چىقىرىلغان بەلگىلىمىنى خەلققە ياقىدىغان ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان بەلگىلىمە دەپ قارىغان.

تەشۋىقات مىنىستىرلىقى بۇ يېڭى بەلگىلىمە ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى باش سەھىپىلەردىن دەرھال ئېلىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلدى

بوشۈن تور گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدىكى ھەر قايسى ئۇچۇر ۋاستىلىرى، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ بۇ يېڭى بەلگىلىمەسىنى باش سەھىپىلەردە، بەلكى چوڭ ماۋزۇ قويۇپ خەۋەر قىلغان. تۈنۈگۈن بۇ بەلگىلىمىنى خەۋەر قىلىشقا ئۆلگۈرەلمىگەن گېزىتلار، بۈگۈن ئېلان قىلىش ئۈچۈن ئالاھىدە سەھىپىلەرنى لايىھىلەپ چىققان. دەل مۇشۇنداق ۋاقىتتا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېت تەشۋىقات مىنىستىرلىقى بىلەن خىتاي دۆلەت كابىنىتى ئۇچۇر - ئاخبارات ئىشخانىسى بىرلىكتە جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ھەر قايسى گېزىتلاردىن، بۇ يېڭى بەلگىلىمە ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى باش سەھىپىلەردىن دەرھال ئېلىپ تاشلاشنى، بەلكى پارتىيە مەركىزى كومىتېت تارقاتقان بۇ بەلگىلىمىگە سوغۇق مۇئامىلە قىلىشنى، بۇ ھەقتىكى ھەر قانداق خەۋەر شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تەلەپپۇزىنى ئۆلچەم قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

تور بەتلەردىمۇ بۇ سەزگۈر تېما ئۈستىدە مۇنازىرە باشلاندى

بوشۈن تور گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدىكى ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ مەركىزى كومىتېتقا يېقىندىن ئەگەشكەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، بۇ بەلگىلىمىنى باش سەھىپىلەردە ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈپ خەۋەر قىلغانلىقى زىيالىيلارغا تازا ياققان. تور بەتلەردىمۇ بۇ سەزگۈر تېما ئۈستىدە مۇنازىرە باشلانغان.

خىتاي مەركىزى كومىتېتى بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، تۈنۈگۈن كېچىدىلا جىددىي يىغىن چاقىرىپ، خەلق ئىچىدە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ سىرلىرىنى بىلىشكە بولغان پەۋقۇلئاددە قىزغىنلىق پەيدا بولۇشى مۇمكىن، بەلكى بۇنداق قىزغىنلىق كونترول قىلغىلى بولمايدىغان ھالەتكە يېتىشى مۇمكىن دەپ تەھلىل قىلىپ، بۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئۆزلىرى قورقۇپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن تەشۋىقات مىنىستىرلىاى دەرھال ھەرىكەتلىنىپ، ھەر قايسى گېزىتلەردىن، مەركىزى كومىتېتىنىڭ بۇ يېڭى بەلگىلىمسىگە سوغۇق مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

بۇ بەلگىلىمىنى پىلانلىغان كىشىنىڭ مەقسىتى باشقا ئىدى، ئەمما بۇ خەلق ئۈچۈن بىر پۇرسەت بولدى

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، مەركىزى كومىتېت تەشكىلات مىنىستىرلىقىنىڭ باشلىقى لى يۇەنچاۋ، ئەسلىدە، ئەمەلدارلارنىڭ شەخسىي مۈلكىنى مەلۇم قىلىش ھەققىدىكى بۇ تەشەببۇسىنى خۇ جىنتاۋنىڭ چېرىكلىككە قارشى تۇرمىساق، ئەمدى كوممۇنىست پارتىيە گۇمران بولىدۇ دېگەن سۆزىگە ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بۇ ئارقىلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا، بولۇپمۇ مەنپەئەتدار گۇرۇھلارغا تەھدىت سېلىپ، ئۇلارنى بۇيرۇققا بوي سۇنىدىغان قىلىشنى، ئاخىرىقى ھېسابتا كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان.

ئەمما، بوشۈن مۇخبىرلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئۆز مەقسىتى ئۈچۈن تەييارلىغان بۇ يېڭى بەلگىلىمىسى، قانۇننى دەپسەندە قىلىۋاتقان ئەمەلدارلارغا غەزەپ - نەپرىتى تازا ئۆرلەپ تۇرۇۋاتقان خەلق ئۈچۈن بىر پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن.

بۇ ھەقتە خىتايغا نەزەر تور گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر قىسقا ئوبزوردا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ھېلىسى كۆپ، ئۇلار ھازىرمۇ يەنىلا ئادەم ئالداشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ، ئەمما ھازىر سەھرالىقلارمۇ ئۇلارغا ئالدانمايدىغان بولۇپ قالدى، بۇ قېتىم خەلققە بىر پۇرسەت كەلدى دەپ بايان قىلىنغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.