خىتاي كونسۇلخانىسىغا ئىپتارغا بارغان ئۇيغۇر قىزى

مىسىرلىق پروفېسسور دوكتور جالالىدىن ئىسلامى ئۆزىنىڭ ئەلىمان تور بېتىدە، يېقىندا قىرغىزىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ قۇربان ھېيتنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان تەسىراتىنى بايان قىلغان.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز قۇتلۇق
2012.11.23
xitay-enqere-elchisi-gong-shyawsheng-305.jpg خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىسى گوڭ شياۋشەڭ خىتاي مەدەنىيەت يىلىنى ئېلان قىلدى. 2011-يىلى 6-دېكابىر، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim


ئۇ بايانىدا «قۇربانلىقتىن كېيىن، چوشقا گۆشى يېگەن شەرقىي تۈركىستانلىقلار» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى مىسىرلىق دوستى ژۇرنالىست يەھيا بوئادى ئۆزىنىڭ ئىلگىرى خىتاي كونسۇلخانىسىدا كۆرگەنلىرى ھەققىدە يازغان بىر قىسىم ماقالىلىرىنى جالالىدىن ئىسلامىغا يوللاپ بېرىپ، ئەلىمان تور بېتىدە ئېلان قىلىشنى ھاۋالە قىلغان.

ژۇرنالىست يەھيا بوئادى ماقالىسىنى مۇنداق باشلايدۇ:

2011 - يىلى 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئىدى. دۇبەيدىكى ئەرەب ژۇرنالىستلاردىن ئۈچىمىز خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن خىتاي كونسۇلخانىسى ئورۇنلاشتۇرغان ئىپتارلىق زىياپەتكە قاتناشتۇق. زىياپەتكە ئاساسلىقى خىتايدىكى مۇسۇلمانلاردىن ئۇيغۇر، تۇڭگانلاردىن بولۇپ،جەمئىي 150 يېقىن كىشى قاتانشقان ئىدى. ئالدى بىلەن خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ باش كونسۇلى جاڭ جىنباۋ ئىپتارلىق زىياپەتنىڭ نۇتىقىنى سۆزلەشكە باشلىدى ئۇ سۆزىدە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى جۇڭگولۇق ھەر مىللەت مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ۋەتەننى سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھىمايە قىلىش، كوممۇنىستىك پارتىيە بىلەن ئوخشاش قەدەم تاشلاپ،خىتاي دۆلىتىنىڭ پارلاق كېلەچىكى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشقا تىرىشىشىنى ۋە ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن بۇ قېتىمقى ئىپتارلىق زىياپىتىنى بېرىۋاتقانلىقىنى شۇڭلاشقا جۇڭگولۇق ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋە باشقا چەتئەللىك مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىدا بېرىلىدىغان زاكاتلىرىنى خىتايدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىغا ياردەم قىلىشىنى، چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرىگە زاكات بەرمەسلىكىنى ۋە بۇنداق ئەھۋاللار بايقالغاندا دەرھال كونسۇلخانىگە مەلۇم قىلىشنى ئۆتۈنۈپ سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمەليەتتە بۇ قېتىمقى ئىپتار، نامدا ئىپتار زىياپىتى دېگىنى بىلەن، تىگى - تەكىتىدىن ئالغاندا، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرىگە بېرىلىدىغان زاكاتنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات يىغىنى ئىدى. باش كونسۇلنىڭ سۆزى تۈگەش بىلەنلا، بىز باش كونسۇلنىڭ يېنىغا سالامغا بېرىپ، ئۇنىڭغا بىزنى زىياپەتكە تەكلىپ قىلغانلىقىغا مىنەتدارلىق بىلدۈرۈپ قويۇۋاتاتتۇق، توساتتىنلا ئۇنىڭ يېنىغا 30 ياشلار چامىسىدىكى چاچلىرى ئارقىسىغا ئەركىن قويۇۋىتىلگەن، ئاق پىشماق كەلگەن، چىراي شەكلى خىتايلاردىن كۆپ پەرقلىنىدىغان، رەڭلىك يىپەك ئارىلاش يېڭىچە پاسۇندا غەربچە نېپىز كىيىملەرنى كىيگەن، چىمچىلاق قولىغا تېخى بويتاقلىق بەلگىسى ئۈزۈكى سېلىنغان، كۆكسى يېرىم ئوچۇق بىر قىز دەرھال يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئۇنىڭ قۇلىقىغا قانداقتۇر بىرنىمىلەرنى پىچىرلىغاندىن كېيىن،باش كونسۇل دەرھال بىزدىن ھۆزۈر تىلەپ قويۇپ،ئۇ قىز بىلەن بىرگە ئالدىراپ سىرتقا چىقىپ كەتتى. بىز ئۈچەيلەن سورۇندا بىر ياقتا ئولتۇرۇپ رامىزان ئېيىنىڭ خاسىيىتى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق. شۇ ئەسنادا بايىقى بىزنىڭ باش كونسۇل بىلەن سۆھبىتىمىزنى بۆلۈۋەتكەن قىز قولىدا شەربەت قويۇلغان ئىستاكانىنى كۆتۈرۈپ، يېنىمىزغا كېلىپ سالام بېرىپ، بىزدىن باش كونسۇل بىلەن بولغان بايىقى سۆھبىتىمىزنى بۇزۇۋەتكەنلىكىگە ئەپۇ سوراپ، راۋان ئەرەب تىلىدا سۆزلەشكە باشلىدى. مەن بۇ قىزنىڭ ئەرەب تىلىدا بۇنداق تاتلىق سۆزلىشىدىن ھەيران قىلىپ، سىز لىۋانلىقمۇ دەپ سورۇدۇم. ئۇ، قىز ۋىللىدە كۈلۈپ قويۇپ، ياق، مەن لىۋانلىق ئەمەس، جۇڭگولۇق دېدى. مەن ئالدىراقسانلىقىمدىن، ھە بىلدىم...سىز خىتاي ئەمەس، سىز شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر دېيىشىمگە قىز قانداقتۇر بىر نېمىدىن چۆچۈگەندەك، چىرايى تاتىرىپ كەتتى ۋە ئاستاغىنا مەن ئۇيغۇر دەپ جاۋاب بەردى. يېنىمدىكى دوستۇم دەرھال ھە...مۇنداق دەڭ قىز....سىز جۇڭگولۇق، دەپ سۆھبەتتىكى جىددىي كەيپىياتنى تەڭشىدى. قىز سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ «مەن سىزنى پات - پات ئىستانبۇل قەھۋەخانىسىدا كۆرۈپ قالىمەن» دېدى. مەن جاۋابەن «شۇنداقمۇ...مېنىڭ دۇبەيدە بىر قىسىم ئۇيغۇر دوستلىرىم بار. مەن ئۇلار بىلەن پات - پات پاراڭلىشىپ تۇرىمەن، - دېدىم ۋە قىزغا نام شەرەپ كارتۇشكامنى سۇنۇپ، - خالىسڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ» دېدىم. قىز رازىمەنلىك بىلەن كارتۇشكامنى ئېلىپ، ئۆزىنىڭ كارتۇشكىسىنى ماڭا بەردى. مەن ئۇنىڭ كارتۇشكىسىنى سومكامغا سالغىچە دىققەت قىلسام، ئىسىم كارتۇشكىسىدا قەدىرىيە دېگەن ئىسىم بىلەن دۇبەيدىكى خىتاينىڭ سودا ئۇچۇر ئالاقە شىركىتى مۇلازىمەتچىسى دەپ يېزىلغان ئىدى. مەن بۇ شىركەتنى ناھايىتى ئوبدان بىلەتتىم. بۇ شىركەت سودا ئۇچۇر ئالاقە شىركىتى ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەرىكىتىنى، بولۇپمۇ دۇبەيدىكى سودا ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش ۋە سودىدا ئۇلارنى ۋەيران قىلىش قاتارلىق ھەرىكەتلەردە بولدىغان شىركەت ئىدى. مەن بۇ شىركەت توغرىسىدا تولۇق مەلۇماتقا ئىگە ئىدىم. مانا ئەمدى بۇ قىزنىڭ سالاھىيىتىنى بىلدىم. ئىپتار ئاخىرلىشىپ بىز ھەممىمىز خوشلىشىپ ئۆز يولىمىزغا راۋان بولدۇق.

مەن دېڭىز ياقىسىكى پالما دەرەخلىرى ئارىسىدا ئۆيگە كىتىۋىتىپ، شەرقىي تۈركىستانلىق قىز قەدىرىيە ھەققىدە ئۆز - ئۆزۈمگە پىچىرلاشقا باشلىدىم: ھەي...بىچارە ئۇيغۇر قىزى، سەن بەلكى قۇرئان كەرىم نازىل قىلىنغان رامىزان ئايلىرىدىكى مۇبارەك قەدىر كېچىسى كۈنلىرىدە تۇغۇلغان بولساڭ، ئاتاڭ ساڭا قەدىر كېچىسىدىكى قەدىرنى نام قىلىپ قويغان بولۇشى مۇمكىن ۋە ياكى سېنى مەڭگۈ قەدىرلىك بولسۇن، خەلقىنى، تۇپرىقىنى، ۋەتىنىنى قەدىرلىسۇن دەپ ئويلىغانمىكىن. كىم بىلىدۇ، سېنىڭ رامىزان ئايلىرىدىمۇ كۆكسۈڭنى ئېچىپ، خەلقىڭنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ ئەتراپىدا كېپىنەكتەك ئۇچۇپ، ئۆز خەلقىنىڭ كۈرەشچىلىرىنى، خىتايلار بىلەن بىرگە ئوۋلاپ يۈرۈشۈڭنى. ئاللاھ ساڭا ئىنساپ بەرسۇن ئۇيغۇر قىزى، - دېدىم. مەن ئۆيۈمگە قانداق كېلىپ قالغىنىمنىمۇ بىلمەي قاپتىمەن.

ژۇرنالىست يەھيا بوئادى ماقالىسىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرىدۇ:

بىر مىللەتتىكى قىز - ئاياللارنىڭ ئەخلاقىنىڭ بۇزۇلۇشى، شۇ مىللەتتىكى ئەركەكلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر. قىز - ئاياللاردىكى ئەخلاق بۇزۇلغاندا مىللەت خارابىلىققا يۈزلىنىدۇ. مىللەتنىڭ ئاساسىي ئەخلاقتۇر.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ژۇرنالىست سىراجىدىن ئەزىزى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.