دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى خىتاي بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئېلان قىلدى

دالاي لامانىڭ ۋەكىلى لودى گارىنىڭ پەيشەنبە كۈنى دارامسالادا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىشى يىغىنىدا بىلدۈرۈشىچە، تىبەت تەرەپ سۆھبەتتە 3 تۈرلۈك تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويغان. تەكلىپلەرنىڭ بىرىدە ، خىتاينىڭ نۆۋەتتە تىبەتتە داۋاملاشتۇرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشنى ۋە مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

0:00 / 0:00

ئىككىنچى تەلىپىدە، تىبەتكە چەتئەل مۇخبىرلىرى ۋە بىتەرەپ تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ كىرىشىگە يول قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۈچىنچى تەلىپىدە، نۆۋەتتە تىبەتتە "ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى" نامى ئاستىدا، راھىبلارنى دالاي لاماغا قارشى پىكىر قىلىشقا مەجبۇرلاش ھەركىتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.

لودى گارى: "14 ‏ - مارت لاسا ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان خىتاينىڭ سىياسىتى"

سۆھبەتتە خىتاي تەرەپ دالاي لامانىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە تىبەتلىكلەرنى ھۆكۈمەتكە قارشى قۇترۇتۇشنى توختىتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

لودى گارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۆھبەت داۋامىدا خىتاي تەرەپ، 14 ‏ - مارت لخاسا ۋەقەسىنى دالاي لامانىڭ پىلانلىغانلىقىنى تەكرار - تەكرار تىلغا ئالغان. تىبەت ۋەكىللىرى بۇنىڭغا قارىتا، 14 ‏ - مارت لخاسا ۋەقەسى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 30 - 40 يىلدىن بېرى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان، خاتا سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى دەپ جاۋاب بەرگەن. لودى گارى سۆزىدە، بۇ قېتىم كېلىشەلىگەن پىكىرلەردىن بىرى، قايتا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش بولغانلىقىنى بايان قىلغان.

پەيشەنبە كۈنى ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى چىنگاڭمۇ سۆھبەت ھەققىدە توختالغان. ئۇ سۆزىدە، دالاي تەرەپنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەركىتىنى، ئولىمپىك بۇزغۇنچىلىق سېلىشنى ، قوراللىق ھەرىكەتلەرگە قۇترۇتۇشنى توختىتىشقا چاقىرغان ۋە بۇنى سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ شەرتى دەپ كۆرسەتكەن. نۆۋەتتە ھەر ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنى سەمىمىي بولۇشقا چاقىرماقتا، ئەمما كۆزەتكۈچىلەر ئىككى تەرەپنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە سۆھبەت ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلالايدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قاراشماقتا.

يازغۇچى ئابراھام:" خىتاي نۆۋەتتە دالاي لامانىڭ تەلىپىنى ھەزىم قىلالمايدۇ"

خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى يازغۇچى توماس ئابراھام ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە دالاي لاما ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان يۈكسەك ئاپتونومىيە تەلىپىنى خىتاي ھەزىم قىلالىغۇدەك باسقۇچتا ئەمەس. يازغۇچى ئابراھام بۇ پىكرىنى جەنۇبىي جۇڭگو پوچتىسى گېزىتىنىڭ چارشەنبە كۈندىكى سانىدا ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان. ماقالىنىڭ تېمىسى" دالاي لامانىڭ ئاپتونومىيە تەلىپى خىتاي ئۈچۈن يەنىلا رادىكال تەلەپ" دەپ ئاتالغان.

ماقالىدە يېزىلىشىچە، خىتاي بىلەن دالاي لاما ئارىسىدا سۆھبەت غەيرىي رەسمىي شەكىلدە 1980 ‏ - يىللاردا باشلانغان؛ ئەينى چاغدا دىڭ شاۋپىڭ" ئەگەر دالاي لاما تىبەتنى خىتاينىڭ بىر پارچىسى دەپ تونۇسا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ھازىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. دالاي لامامۇ مۇستەقىللىق تەلىپىنى ئاپتونومىيىگە چۈشۈرگەن. ئارىدا بىر قانچە قېتىم غەيرىي رەسمىي كۆرۈشۈش بولغان. خىتاي تەرەپ، دالاي لاماغا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى بېرىشنى ۋەدە قىلغان . بۇ تەكلىپنى دالاي لاما رەت قىلغان .

2002 ‏ - يىلىغا كەلگەندە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا رەسمىي سۆھبەت باشلانغان ۋە 6 قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىپ، 2006 ‏ - يىلى ئۈزۈلۈپ قالغان . بۇ جەرياندىكى ئىككى چوڭ كېلىشەلمەسلىكتىن بىرى: تىبەت رايونىنىڭ مەمۇرىي چېگرىسى بولۇپ، دالاي تەرەپنىڭ لايىھىسىدە تىبەتنىڭ چېگرىسى ھازىرقى تىبەتتىن باشقا، چىڭخەي، سىچۈەن ۋە گەنسۇ ئۆلكىلىرىدىكى تىبەتلىكلەر ئولتۇراقلاشقان جايلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان.

"چېگرا مەسىلىسىنى كېلىشەلەيدۇ، ئەمما تۈزۈلمە مەسىلىسىدە كېلىشەلىشى مۈمكىن ئەمەس"

ئارىدىكى ئىككىنچى چوڭ مەسىلە، دالاي لامانىڭ لايىھىسىدە، تىبەتنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىدە 3 خىل كۈچنى ئايرىش بولۇش تەشەببۇس قىلىنغان. يەنى تىبەت ھۆكۈمىتى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋە تىبەت سوت مەھكىمىسىنى دېموكراتىك يول بىلەن تەسىس قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەگەر بۇ يولغا قويۇلسا، خىتاي كومپارتىيىسى تىبەتتە ھاكىمىيەتتىن سىقىپ چىقىرىلىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، تىبەتتە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار بىلەن ھەربىي ئىشلاردىن باشقا ساھەگە قول تىقالمايدىغان بولىدۇ. يازغۇچى ئابراھامنىڭ قارىشىچە، بۇ تىبەتنىڭ مۇستەقىللىققا بىر باسقۇچ ئىلگىرىلىشى، خىتاينىڭ تىبەتتىن بىر قەدەم كەينىگە چېكىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئابراھامنىڭ قارىشىچە، چېگرا مەسىلىسىدە ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىككە كېلەلىشىنى تەخمىن قىلىش مۇمكىن، ئەمما، سىياسىي تۈزۈلمە مەسىلىسىدە ھازىرقى باسقۇچتا بىرلىككە كېلەلىشى مۇمكىن ئەمەس. بېيجىڭ باھارى جۇرنىلىنىڭ تەھرىرى خۇپىڭمۇ يازغۇچى ئابراھام بىلەن ئوخشاش قاراشتا. ئۇنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي تىبەتلىكلەرنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقى ئېنىق. ئەمما ئىككى تەرەپنىڭ مەيدانىدىن ۋاز كېچىشى ئېھتىماللىقى ئويلىشىلسا، تىبەتلىكلەر ئۈچۈن ھاياتلىقتىن ۋاز كېچىش دېمەكتۇر، خىتاي ئۈچۈن بولسا، مۇستەملىكىچىلىكتىن ۋاز كېچىش دېمەكتۇر. شۇڭا ئاخىر ۋاز كېچىدىغان تەرەپ خىتاي بولىدۇ. خىتايدىكى مىللىي مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇشى مۇتلەق، بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى.

يازغۇچى ئابراھامنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتىكى سۆھبەتتىن نەتىجە چىقمايدىغانلىقىنى ھەر ئىككى تەرەپ بىلىدۇ، ئەمما ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ۋاقتىنچە يەتمەكچى بولغان مەقسىتى بار. خىتاينىڭ مەقسىتى ھەممىگە ئايان بولغىنىدەك، خەلقارا بېسىمنى يۇمشۇتۇش ۋە ئولىمپىكنى توسالغۇسىز ئۆتكۈزۈش. دالاي ۋەكىللىرى بولسا بۇ سۆھبەتنى، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن تىبەت خەلقىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىشى دەپ تونۇيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سۆھبەتنىڭ 14 ‏ - مارت لاسا ۋەقەسىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىشى تىبەتلىكلەر ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە؛ بۇ، تىبەتلىك نامايىشچىلارنىڭ خىتاينى ئۆز ئىرادىسىگە مەلۇم دەرىجىدە بويسۇندۇرغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.