نۆۋەتتە دالاي لاما، تىبەتنىڭ خىتاينىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دالاي لامادىن تىبەتنىڭ ھازىرلا ئەمەس، تارىختىمۇ خىتاينىڭ بىر پارچىسى بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
تىبەت سۈرگۈندە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى تەيۋەن ئاخباراتىغا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ مەزكۇر تەلىپىنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن بولمىغان بىر تەلەپ دەپ بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە، ھىندىستان مەتبۇئاتلىرىغا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ تىبەت رايونىنى پارچىلاپ باشقۇرۇشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى، پۈتۈن تىبەت رايونىدا ئاپتونومىيىنى تولۇق يولغا قويۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نۆۋەتتە، تىبەتنىڭ رايون چېگرىسى مەسىلىسى ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى چوڭ ئىختىلاپلاردىن بىرى بولۇپ، تىبەت تەرەپ نۆۋەتتە، چىڭخەي، گەنسۇ، سىچۈەن قاتارلىق ئۆلكىلەر ئىچىدىكى تىبەتلىكلەر ئولتۇراقلاشقان جايلارنى تىبەت تۇپرىقى دەپ قارايدۇ. ئالدىنقى ئايدىكى خەۋەرلەردە، تىبەت تەرەپنىڭ بۈيۈك تىبەت پىلانىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى، يەنى تىبەت چېگرىسىنىڭ ھازىرقى شىزاڭ ئاپتونوم رايونى چېگرىسى ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. تىبەت سۈرگۈندە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقى باياناتى، تىبەتنىڭ چېگرا مەسىلىسىدە تېخى بىر نۇقتىغا كەلمىگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ دالاي لامادىن، تىبەتنىڭ تارىختىمۇ خىتاينىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلىشى، ئۇنىڭ تىبەت تەرەپنىڭ ئاپتونومىيە پىلانىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى؛ يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە بولسا، بۇ خىتاينىڭ ئەسلىدە تىبەت تەرەپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق ئىكەنلىكىنىڭ ئاشكارىلىنىشى. بېيجىڭدىكى ئاساسىي قانۇن تەتقىقاتچىسى Chen Xiao miao نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئۆز - ئارا ئىشەنچ يوق. مانا بۇ سۆھبەتنىڭ راۋان داۋاملىشالمايۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى. ئۇنىڭ قارشىچە يەنە، بۇ قېتىمقى سۆھبەت پۇرسىتى خىتاي ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم، چۈنكى دالاي لاما تەسىرىنى يوقاتمىغان مۇشۇ كۈنلەردە تىبەت مەسىلىسى ھەل قىلىنىشى كېرەك. ئەگەر ئىش تىبەت ياشلار تەشكىلاتىنىڭ قولىغا قالسا، تىبەت ھەرىكىتى تېنچلىق سىزىقىدىن چىقىپ كېتىدۇ، زوراۋانلىق يولىغا ماڭىدۇ.
گەرچە سىياسىي پروگراممىدا بىر نۇقتىغا كېلەلمىسىمۇ، سۆھبەت ئۈچۈن بىر ئۈستەلگە كەلگەنلىكىنىڭ ئۆزى بىر ئىلگىرىلەش دەپ بىلدۈرگەن يۇقىرىقى مۇتەخەسسىس، خىتاينىڭ مىللىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ھەربىي كۈچكە ئىشەنمەسىلىكى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.
بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى خۇ پىڭنىڭ پىكرىچە، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ئۆز - ئارا ئىشەنچسىزلىكتە مەسئۇلىيەت خىتاي تەرەپتە. چۈنكى دالاي لامانىڭ مۇستەقىللىق ئويى بار دېگەندىمۇ، ئۇ بىر نىيەت، رېئاللىق ئەمەس، خىتاينىڭ تىبەتلىكلەرنى باستۇرۇۋاتقانلىقى دۇنيا كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان ئاشكارا بىر رېئاللىق.
يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ سۆھبەتتە بۇ خىل يولسىز تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ھەربىي كۈچىگە ئارتۇقچە ئىشىنىشنىڭ مەھسۇلى. خىتاي يازغۇچىسى ۋاڭ لىشيۇڭنىڭ قارىشىچە، ھەربىي كۈچ دۆلەتلەر ئارا ماجىرالارنى ھەل قىلىشتا كارغا كەلگەن بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى ماجىرالارنى ھەل قىلىشتا كارغا كەلمەيدۇ، ئۇ ماجىرالارنى ۋاقىتلىق بېسىقتۇرالىشى مۇمكىن، ئەمما ئاخىرقى غەلىبىنى قازاندۇرالمايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، مىللىي مۇستەقىلچىلەر، خەلقئارانىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلمىگەن تەقدىردە، دۆلەتنىڭ ئاجىز نۇقتىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، جەمئىيەتتە ئۈزلۈكسىز پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلىدۇ، دۆلەت ئۇلارغا قۇلاق سېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ۋاڭ لىشيۇڭنىڭ بۇ قارىشى، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىدىن ئىزچىمەننىڭ 'مۇستەقىللىقىمىزدا ئۈمىد بارمۇ؟' ناملىق كىتابىدىمۇ تەكرارلىنىدۇ. كىتابتا، خىتاينىڭ تەلەپ ۋە تەكلىپلەر بىلەن سۆھبەت ئۈستىلىگە كەلمەيدىغانلىقى، كەلسىمۇ مەسىلە ھەل بولمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. كىتابتا، خىتايغا پەقەت تېنچ تەرەققىيات پۇرسىتى بەرمەسلىك ئارقىلىقلا، ئۇنى سۆھبەت ئۈستىلىگە ئەكىلىش ۋە سەمىمىي سۆزلىشىشكە كۆندۈرۈش مۇمكىن دەپ كۆرسىتىلىدۇ.
ئالدىنقى ھەپتە ئەنگلىيىدە زىيارەتتە بولغان دالاي لاما بۇ ھەپتە، يەنى 11 - ئىيۇندىن 15 - ئىيۇنغا قەدەر ئاۋسترالىيىدە زىيارەتتە بولماقچى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېجى يەكشەنبە كۈنى بايانات ئېلىپ قىلىپ، دالاي لامانى بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىشنى توختىتىشى كېرەك دەپ ئەيىبلىدى.