تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى بولسا سۆھبەتتىن چوڭ ئۈمىد كۈتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بەزى ئانالىزچىلار تىبەت ۋەكىللىرىنىڭ بەزى تەلەپلەردىن ۋاز كېچىپ، ۋەزىيەتكە "رىئالىستىك پوزىتسىيە" تۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئالدىنقى كۈنى دالاي لامانىڭ باش سۆھبەت ۋەكىلى لودى گيارى بىلەن كېلساڭ گيالتسېن باشچىلىقىدىكى تىبەت ۋەكىللەر ئۆمىكى خىتاينىڭ خۇنەن ئۆلكىسىگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، دارامسالادىكى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى تىبەت ۋەكىللىرىنىڭ خۇنەندىكى زىيارىتىدىن كېيىن جۈمە كۈنى بېيجىڭغا بارىدىغانلىقىنى، شەنبە كۈنى خىتاي بىلەن ئىككى كۈنلۈك رەسمىي سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ تىبەت ۋە تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا كەڭ دائىرىلىك ئاپتونومىيە بېرىش تەكلىپىنى تەكرار ئويلىشىپ كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
2008 - يىلدىكى تىبەت-خىتاي سۆھبىتىدە تىبەتلەر تىبەت ئاپتونوم رايونى ۋە ئەتراپتىكى ئۆلكىلەردە ياشايدىغان تىبەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، كەڭ دائىرىرىلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە تىبەت مەمۇرى رايونى قۇرۇش تەكلىپى بەرگەن. لېكىن خىتاي تەرەپ بۇ تەكلىپنى رەت قىلىپ، پەقەت دالاي لامانىڭ يۇرتىغا قايتىش مەسىلىسى ئۈستىدىلا سۆھبەتلىشىشكە بولىدىغانلىقىنى، لېكىن تىبەتنىڭ شتاتى ئۈستىدە سۆھبەتلىشىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە كومپارتىيە مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىدىكى دائىرىلەر سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ دالاي لاماغا تۇتقان پوزىتسىيىنىڭ "بىردەكلىكى ۋە ئىزچىللىقى"نى، تىبەت روھانى داھىسىنىڭ بېيجىڭنىڭ تەلىپىگە ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرۇشىنى كۈتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئامېرىكىدىكى بەزى خىتاي مۇتەخەسسىسلەر بولسا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىبەت مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى تەنقىدلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت مەسىلىسىدە دالاي لاما بىلەن ھەمكارلىشىشى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئوتتۇرا ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي ئىشلار مۇتەخەسسىسى پروفېسسور ياڭ لىيۈي ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ" :مەن جۇڭگو كومپارتىيىسى ناھايىتى غەلىتە دەپ قارايمەن. ئۇ دالاي لاماغا ئوخشاش مۆتىدىللىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىر كىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى بىلمەيۋاتىدۇ. دالاي لاما تىبەت مۇستەقىللىقىغە ئاشكارا قارشى تۇرىدۇ. بىز دالاي لاما بىلەن 3 سائەت سۆھبەتلەشكەن. ئۇ تىبەت مۇستەقىللىقىغە ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلدى. ئۇ تىبەت جۇڭگونىڭ بىر قىسىمى دېگەننى ئۆزلۈكسىز تەكىتلەپ كېلىۋاتىدۇ. جۇڭگو كومپارتىيىسى دالاي لامانىڭ ۋەكىلى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى. لېكىن بۇ بىر تۈرلۈك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشەلمەي كەلدى. كومپارتىيە بۇ تۈرلۈك سۆھبەتنى ئۇيغۇرلار بىلەن ئېلىپ بارسا بولىدىغۇ؟ دالاي لامانىڭ خەلقئارا ئورنى بار. ئۇ نوبىل مۇكاپاتىنىڭ لائۇرىياتى. مەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دىئالوگنى ھەممىدىن مۇھىم، دەپ قارايمەن."
بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ نېمە ئۈچۈن ئەسلىگە كەلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. دالاي لامانىڭ باياناتچىسى توپتېن سامپېل چارشەنبە كۈنى ئىككى تەرەپنىڭ تىبەتكە كەڭ دائىرىلىك ئاپتونومىيە بېرىش پىلانىنى تەكرار كۆرۈپ چىقىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ،"خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىز 2008 - يىلى ئوتتۇرىغا قويغان تىبەتكە كەڭ دائىرىلىك ئاپتونومىيە بېرىش توغرىسىدىكى ئەسلەتمە ئاساسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمىز" دېگەن. لېكىن خىتاي ئاشكارا سوۇنلاردىكى پوزىتسىيىسىدە تىبەت مەسىلىسىدىكى مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقان بولۇپ، كومپارتىيە مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا "بىز دالاي لامانىڭ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ تەلىپىگە ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز" دەپ تەكىتلىگەن، لېكىن نېمە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى دېمىگەن.
ياڭ لىيۈي ئەپەندى، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى سەمىمىي بولسا سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بەزى ئاكتىپ تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ "ماڭا كۆرە جۇڭگو كومپارتىيىسى تۆۋەندىكى ئىككى تەدبىرنى يولغا قويۇشى كېرەك. بىرىنچىسى، سۆھبەت چوقۇم شەرتسىز بولۇش، شەرتلىك سۆھبەت بولماسلىقى كېرەك. ھەممە مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سۆھبەتنىڭ يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ئىككىنچىسى، سىز ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى، تارىخىي ۋە دىنىي - ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىشىڭىز كېرەك. سىز بۇلارغا ھۆرمەت قىلغاندىلا سۆھبەتنىڭ ئاساسى شەكىللىنىدۇ. مانا بۇ سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تەدبىرلەردۇر" دەپ كۆرسەتتى.
خوڭكوڭدىكى"جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى"نىڭ بۈگۈنكى بىر خەۋىرىدە، بەزى ئانالىزچىلار دالاي لاما ۋەكىللىرىنىڭ بۇ قېتىم خىتايغا بەزى مەسىلىلەردە يول قويۇپ،"رىئالىستىك" پوزىتسىيە تۇتۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى، ئەگەر تىبەتلەر بۇرۇنقى پىلانىدىن ۋاز كەچسە، خىتاينىڭ ئۇلار بىلەن ئەمەلىي مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنىڭ ئالامىتى بار، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر گېزىتنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ دالاي لاما تەرەپنىڭ پىلانىنى رەت قىلىپ، "باشقىچىرەك بىر پىلان ئوتتۇرىغا قويسا، بولمىدى دېگەندە ئويلىشىپ كۆرۈشكە بولىدۇ" دېگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئوتتۇرا ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ياڭ لىيۈي ئەپەندى دىئالوگنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتىپ، سۆھبەتنىڭ ئۆزى بىر ئىلگىرىلەش، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ" :مەن 2005 - يىلى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇلار 6 قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ بولغان ئىدى. مەن ئۇنىڭدىن بىرەر ئىلگىرىلەش بولدىمۇ، دەپ سورىسام ئۇ، سۆھبەتنىڭ ئۈنۈمى بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا سۆھبەتنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، سۆھبەت ئۆتكۈزمىگەندىن ئۆتكۈزگەن ياخشىراق، دېگەن ئىدى. چۈنكى سۆھبەت ئۆتكۈزۈلسە پىكىر ئالماشتۇرۇش بولىدۇ. دالاي لاما، مېنىڭ ۋەكىلىم بولمىدى دېگەندە بېيجىڭغا بارسا، جۇڭگو ئەمەلدارلىرىنىڭ پويىز ئىستانسىسى ياكى ئايرودرومدا كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشىدۇ. ئۇچرىشىشلار ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ ۋە زىياپەتكە تەكلىپ قىلىنىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. قىسقىسى مەن سۆھبەتنى چوقۇم زۆرۈر، دەپ قارايمەن."
بەزى خەۋەردە، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ مەتبۇئاتلارغا ئۇچۇر بېرىپ، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ يېقىندا دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى، بۇ خىتاينىڭ دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىگە تۈرتكە بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي دالاي لاما بىلەن ئوبامانىڭ پات يېقىندا كۆرۈشۈشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، چۈنكى خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ يىل 4 - ئايدا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا، كانادا ۋە ئەنگىلىيە بولسا، خىتاي بىلەن دالاي لاما ۋەكىللىرىنىڭ ئارىسىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەتنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، سۆھبەتنىڭ ئىجابىي نەتىجىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى فىلىپ كروۋلېي ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا "ئامېرىكا خىتاي بىلەن دالاي لاما ۋەكىللىرىنىڭ ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پەرقلەرگە چارە تېپىش يولىدىكى سۆھبەتنى كۈچلۈك دەرىجىدە قوللايدۇ." شۇنداقلا، "ھۆكۈمەت يەنە بۇ سۆھبەتنىڭ ئىجابىي نەتىجە يارىتىشىنى ۋە ئارىدىكى جىددىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتلەرگە ئاساس بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ،" دېگەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.