خىتاي، فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىيغا ھۇجۇم قىلماقتا

فرانسىيە پرېزىدېنتى نىكولاس ساركوزىي شەنبە كۈنى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، خىتاي ئاخباراتى ساركوزىيغا ھۇجۇم باشلىدى. ئىنگلىزچە چىقىدىغان خىتاي كۈندىلىك گېزىتى بۈگۈنكى خەۋىرىدە ساركوزىينى تەكەببۇر دەپ ئەيىبلىدى.

گېزىت يەنە، خىتاي ئىستىمالچىلارنىڭ فرانسىيە ماللىرىنى بايقۇت قىلىش ئېھتىماللىقىنى ئەسكەرتتى. پرېزىدېنت ساركوزىي بولسا، نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىر شەخستىن ئۆزىنى قاچۇرۇش فرانسىيىنىڭ تارىخىغا يات قىلمىشتۇر دەپ ئىنكاس قايتۇردى.

بۇ قېتىمقى ساركوزىي ۋە دالاي لاما كۆرۈشۈشى فرانسىيە - خىتاي دىپلوماتىيىسىدە جىددىي بىر سۈركۈلۈشنى باشتىن كەچۈردى. ساركوزىي پولشا پايتەختىدە دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي تەرەپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى ۋە كېچىكتۈرۈشنىڭ سەۋەبىنى ساركوزىينىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي تەرەپ يەنە ئۆزلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك يىغىنىغا، 150 نەپەر شىركەت ساھىبى بىلەن كەلمەكچى ۋە ياۋروپا تەرەپ بىلەن سودا كېلىشىمى تۈزمەكچى ئىكەنلىكىنى، يىغىننىڭ كېچىكىشى بىلەن ياۋروپانىڭ مانا بۇ مەنپەئەتتىن قۇرۇق قالغانلىقىنى بىلدۈردى: ئەمما بۇ تەھدىت ياۋروپاغا تەسىر قىلمىدى. پولشا پرېزىدېنتى شۇ كۈنى خىتايغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ياۋروپانىڭ كىم بىلەن دوستلىشىشىنى ياۋروپا بەلگىلەيدۇ، خىتاي ئەمەس دەپ ئەسكەرتتى.

بۇ كۈنلەردە يەنە خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ بىلەن چىن گاڭ ئارقا - ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، ساركوزىينىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇشىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق دەپ ئەيىبلىدى ۋە مەزكۇر كۆرۈشۈش ئەمەلىيلەشكەن تەقدىردە، خىتاي - ياۋروپا ۋە خىتاي ‏ - فرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاقىۋەت بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ ھېچبىرى كارغا كەلمىدى.

ساركوزىي شەنبە كۈنى پولشادا ئېچىلغان پولشا پرېزىدېنتى لېخ ۋالىسانىڭ نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا دالاي لاما بىلەن كۆرۈشتى ۋە كۆرۈشۈشتىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىر شەخىس بىلەن قايسى مىللەت، قايسى دىن، قايسى سىياسىي گۇرۇپپىغا تەۋە بولۇشىدىن قەتئىنەزەر كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ كۈنى، خىتاي تاشقى ئىشلار ياردەمچى مىنىستىرى خې يافېي فرانسىيىنىڭ باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، مەزكۇر كۆرۈشۈشكە قارىتا نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە بۇ كۆرۈشۈشنىڭ خىتاي خەلقىنىڭ قەلبىنى رەنجىتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ساركوزىي بۈگۈن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە ئۆزىنىڭ فرانسىيىنىڭ پرېزىدېنتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە " نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىر كىشى بىلەن كۆرۈشمەسلىك فرانسىيىنىڭ تارىخىغا يات كېلىدىغان قىلمىش " دەپ ئەسكەرتتى.

خىتاي كۈندىلىك گېزىتى بۈگۈنكى ئىنگلىزچە سانىدا يەنە، ساركوزىي ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى قىلىپ كېلىۋاتقان ئەمگىكىنى بىكار قىلدى دەپ كۆرسەتتى ھەم ساركوزىي ئۆزىنىڭ ئىشەنچسىز ئادەم ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى دەپ ئەيىبلىدى.

خىتاي ساركوزىينىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشىنى نىمە ئۈچۈن توسۇپ قالالمىدى؟ مانا بۇ نۆۋەتتىكى مەزكۇر تېمىغا ئالاقىدار خەۋەرلەردە تەكىتلىنىۋاتقان مۇھىم نۇقتىدۇر. خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ، خىتاينىڭ " ئىگىلىك ھوقۇق كىشىلىك ھوقۇقتىن ئۈستۈندۇر" دېگەن قارىشىنىڭ غەربتە بازار تاپالمىغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر. ساركوزىي بۈگۈنكى سۆزىدە خىتاي خەلقىغە تەسەللىي بېرىپ، خىتاينىڭ چوڭ بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خىتاينىڭ خەلقئارا مەسىلىلەردە چوڭراق رول ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تىبەت روھانىي داھىسى دالاي لاما 4 ‏ - دېكابىر كۈنىدىكى سۆزىدە بولسا، خىتاينىڭ نوپۇس جەھەتتىن ۋە ھەربىي جەھەتتىن چوڭ دۆلەت بولسىمۇ، ئەخلاقىي جەھەتتىن چوڭ دۆلەت ئەمەسلىكىنى، شۇڭا خەلقئارا مەسىلىلەردە ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن ۋە مۇنداق دېگەن: "خىتايدا دىنىي ئەركىنلىك يوق، سۆز ئەركىنلىكى يوق، ئاخبارات ئەركىنلىكى يوق؛ دېمەك خىتاي ئەخلاقىي جەھەتتىن گاداي دېمەكتۇر."