پروفېسسور سۇن ۋىنگاڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئادىل بولمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

پروفېسسور سۈن ۋىنگاڭ، خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنەن شەھىرىدە ياشايدۇ. ئۇ ھازىرغا قەدەر 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى ھەققىدە 7 پارچە ماقالە يازغان. بۇنىڭ بىر پارچىسى خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋغا، يەنە بىر پارچىسى خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىگە، قالغىنى خىتاي خەلقىغە خىتابەن يېزىلغان.

0:00 / 0:00

سۈن ۋىنگاڭ ماقالىلىرىدە باشتىن ئاخىر، 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىدە مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپتە ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەقەدە ھەم ۋەقەدىن كېيىن ئىزچىل زىيانكەشلىككە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇنىڭ ئەڭ يېقىندا يازغان ماقالىسى خىتاي ئالىي سوتىغا قارىتىلغان ئوچۇق خەت بولۇپ، ئوچۇق خەتتە مۇنداق دېيىلىدۇ: " دائىرىلەر 5 - ئىيۇل دېلوسىدا ھۆكۈمنىڭ تېز، جازانىڭ ئېغىر بولۇشىنى تەكىتلەۋاتىدۇ؛ مەن بولسام ئۇنىڭ ئەكسىنى يەنى ھۆكۈمنىڭ ئاستا، جازانىڭ يەڭگىل بولۇشىنى، بولۇپمۇ ئۆلۈم جازاسى بېرىشتە قاتتىق ئېھتىياتچان بولۇشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىمەن. چۈنكى چوڭ ۋە مۇرەككەپ بىر ۋەقەنى تېز ۋە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش دېمەك، خاتالىق ۋە ئۇۋالچىلىق پەيدا قىلىش دېمەكتۇر."

سۈن ۋىنگاڭ يەنە، بۈگۈن دۇنيادا ئۆلۈم جازاسىنىڭ بارا - بارا ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، خىتاي ئەمەلدىن قالدۇرالمىغان ئىكەن، ھېچ بولمىدى دېگەندە ئۆلۈم جازاسى بېرىشتە ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەكلىكىنى، 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىدەك چوڭ بىر ۋەقەدە كىشىلەرگە 3 ئاي ئىچىدە ھۆكۈم چىقىرىپ ئۆلۈمگە بۇيرۇشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛

ئۇ 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىدە جاۋابكار تەرەپ ھۆكۈمەتتۇر دەپ قارايدۇ، ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: "5 - ئىيۇل ۋەقەسى ئەسلىدە تېنچلىق بىلەن باشلانغان بىر نامايىش، نامايىشچىلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغىنىمۇ ھەققانىي بىر تەلەپ، شاۋگۈەن ۋەقەسى ھەققىدە ھوكۇمەت بىر مەلۇمات بەرسىلا مەسىلە ھەل بولىدىغان گەپ، ئەمما ھۆكۈمەت بۇنداق قىلىشنىڭ ئورنىغا قوپاللىق قىلىپ مەسىلىسىنى چوڭايتقان؛ شۇڭا جاۋابكار تەرەپ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى.

سۈن ۋېنگاڭ يەنە، ۋەقەدىن كېيىن تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى ئۈزۈۋېتىشىنىمۇ خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ دەپ قارايدۇ.

سۈن ۋېنگاڭنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىق ۋاستىلار بىلەن ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشىك قىلىۋاتىدۇ؛ يەنى خىتاي ساقچىلىرى نامايىشتا ئۇيغۇرلارغا ئوق چىقاردى؛ خىتاي سوتى ئۇيغۇرلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىۋاتىدۇ؛ خىتاي ئاخباراتى ئۇيغۇرلارنى قارىلاۋاتىدۇ؛ مانا بۇنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان ھەقسىزلىق.

ئۇ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە، خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىۋاتقان ئۇرۇپ چېقىش ھەرىكەتلىرىنىڭ 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ھەممىسى ئەمەس، پەقەت بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، خىتاي مەتبۇئاتىنىڭ ۋەقەنىڭ باش قىسمىنى يەنى تېنچلىق شەكلىدىكى نامايىش قىسمىنى پەقەتلا كۆرسەتمەيۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ. ئۇ ئۇرۇپ - چېقىش 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە سەۋەب ئەمەس، بەلكى نەتىجە دەپ كۆرسىتىدۇ ۋە بۇ نەتىجىگە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى جاۋابكار دەپ قارايدۇ.

پروفېسسور سۈن ۋىنگاڭ بۇ يىل 76 ياش، ئۇ ئەسلىدە شەندۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا ئوقۇقتقۇچىسى. ئۇ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە پەرقلىق بىر قاراشقا ئىگە. ئۇنىڭ قارىشىچە، 5 ‏- يۇل ۋەقەسىدە ئۇرۇپ چېقىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلار بىر قاانچە ياكى بىر قانچە ئون ئەمەس، بەلكى بىر قانچە مىڭ؛ دېمەك بۇ بىر ئاددىيلا ۋەقە ئەمەس، بۇ بىر ئۇرۇش، بىر ئۇرۇش ھەققىدە سوت ئېچىلغاندا، ئۇرۇشقا قېتىلغانلار يەنى جەڭچىلەر ئەمەس، بەلكى ئۇرۇشنى قوزغىغانلار سوتلىنىشى كېرەك. شۇڭا بۇ ئىشتا ئالدى بىلەن ۋاڭ لېچۈەن سوتلىنىشى كېرەك.

سۈن ۋېنگاڭ زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ تىپىك بىر خىتاي ئىكەنلىكىنى، ئەمما بولۇۋاتقان ھەقسىزلىق تۈپەيلى ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ناھاىيىتى ئاسان، ئۇ بولسىمۇ ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى باشقۇرۇش دەپ كۆرسىتىدۇ.