نيۇيوركتىكى كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتچىسى خې چىڭليەن ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009.08.04
2009.08.04

AFP Photo
خې چىڭليەن خانىم ئالدى بىلەن "ئۈرۈمچى ۋەقەسى"نىڭ پارتلاش سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "مېنىڭچە "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" ئەمەلىيەتتە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى زىددىيىتىنىڭ ئاشكارا مەيدانغا چىقىشى. بۇنىڭ يىلتىزى يەنىلا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىدىكى تەڭسىزلىكىدۇر. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىدە كۆرۈنۈشتە ئېتىبار بېرىش ئاساسى ئورۇندا تۇرغاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە نىسبەتەن بايلىقلىرىنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلىشى، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش ئارقىلىق، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تارلاشتۇرۇشى، ئۇيغۇرلارنى ئۆز يۇرتىدا ئىشسىزلىق، نامراتلىق ھالىتىدە قويغانلىقى، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى قوللىنىپ، مىللىي ئېتىقادىنى چەكلەش، مىللىي ئۆرپ - ئادەت ۋە مەدەنىيىتىگە تاجاۋۇز قىلىش، ئانا تىلغا نىسبەتەن خىتايلاشتۇرۇلۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، مىللىي مائارىپنى يوقىتىۋاتقانلىقى قاتارلىقلار يەرلىك ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان ئىدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"نىڭ پارتلىشىدىكى ئاساسى سەۋەبلەر بولۇپ قالدى."
خې چىڭليەن خانىم خىتاينىڭ 20 يىلدىن بۇيانقى غەربنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمەلىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:" خىتاي بۇ 20 يىلدىن بۇيان ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق بايلىقلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇغاندىن باشقا، ئۇيغۇر ئېلىدە ئاشكارا ھالدا مىللىي كەمسىتىش سىياسىتىنى يۈرگۈزدى. مەسىلەن، ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرغان شىركەتلىرىدە خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا،خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن خىتاي تىلى بىلىش شەرتىنى قويۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتىدا كەمسىتىلىش ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسەتلىرىنى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئىگىلىۋېلىشى، ئەمما ئۇيغۇر ياش قىز - ئوغۇللىرىنىڭ مەجبۇرىي ھالدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەرزان ئەمگەك كۈچى قىلىپ يوتكىلىشى، ئەلۋەتتە يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى."
خې چىڭليەن خانىم ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنىڭ بۇ قەدەر كەسكىنلىشىپ كېتىشىدە،ۋاڭ لېچۈەننىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى :"ئۇيغۇر ئېلىدە مىللىي زىددىيەتنىڭ بۇ قەدەر كەسكىنلىشىپ كىتىشىدە، ئەلۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىگە تەيىنلىگەن ئەمەلدار ۋاڭ لېچۈەننىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار. ئۇ ھوقۇق تۇتقان بۇ 20 يىل جەريانىدا خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىنى خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىدىنمۇ ئاشۇرۇپ ئىجرا قىلدى. ئۇ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدە ھە دېسىلا مۇقىملىقنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇرلارغا قاتتىق قوللۇق باستۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزدى. بولۇپمۇ يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا ئۇ ئۇيغۇر مائارىپىغا نىسبەتەن خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن يۈرگۈزۈپ، بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق كەيپىياتىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتتى. ئەلۋەتتە ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز ئىچىدىمۇ ۋاڭ لېچۈەننى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دە مەسئۇلىيىتى بار دەپ قاراۋاتىدۇ، لېكىن بۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن قاتتىق قول سىياسىتىنى تەنقىدلەش نۇقتىسىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ 5 - ئىيۇل نامايىشى كۈنى نامايىشنى دەل ۋاقتىدا كونترول قىلماي، بۇ ئىشنىڭ كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشىدە مەسئۇلىيىتى بار دەپ قارىغانلىقىدىن بولماقتا."
خې چىڭليەن خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىم "ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دە سانلىق مەلۇماتلارنى يوشۇرغانلىقى ھەم ئىنتېرنېت قامالى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى :"ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇمات بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ سانلىق مەلۇماتى ئوتتۇرىسىدا زور پەرق بار. ئەلۋەتتە خەلقئارا تەشكىلاتلار خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتىنىڭ راستلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدۇ، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن بۇ خىل ھەرىكەتلەردە ھەقىقىي ساننى دۇنياغا ئېلان قىلغان ئەمەس. ئەمما خىتاي ھازىر ئىنتېرنېتنى ۋە تېلېفون ئالاقىسىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلى بىلەن سىرتنىڭ ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئۆلگۈچىلەر، يارىلانغۇچىلار ھەم قولغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي سانىنى ئىگىلەش تەس بولۇۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېت ھەم تېلېفونغا نىسبەتەن قامالنى يەنە بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن، چۈنكى ھازىرقى ئەھۋالدا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەزىيەتنى تېخى كونترول قىلىپ بولالمىدى. بەلكىم بۇندىن كېيىن تېلېفون ۋە ئىنتېرنېتنى ئېچىۋەتكەن ھالەتتىمۇ، بەلكىم بۇ ناھايىتى تار دائىرىدە بولۇشى مۇمكىن،چۈنكى ھازىرقى مەسىلە پەقەتلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭلا ۋەزىيىتى ئەمەس، بەلكى پۈتۈن خىتاي داۋالغۇش ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ. خىتاي ئۆلكىلىرىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كەسكىنلىشىپ كەتتى،زاۋۇت، كارخانىلار تاقىلىپ، ئىشسىزلىق نىسبىتى ئېشىپ كىتىۋاتىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇندىن كېيىنكى سىياسىتىدە ئۇيغۇرلار ھەم تىبەتلەرگە نىسبەتەن كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ھەم خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئىشسىز قالغان خىتايلار بىرلا ۋاقىتتا نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بارسا، خىتاي كومپارتىيىسى ۋەزىيەتنى كونترول قىلالماسلىقى مۇمكىن، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى بىر مەزگىلگىچە قاتتىق قوللۇق بىلەن دۆلەت ئىچىگە نىسبەتەن قامال قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈشى مۇمكىن."
خې چىڭليەن خانىم سۆھبەت جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2 - ئاۋغۇست كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلغان رابىيە خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ رابىيە خانىمنى ئەيىبلەپ يازغان خېتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى: "خىتاينىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرى ھەم تۇغقانلىرىغا خەت يارغۇزۇپ ئۇنى گېزىتتە ئېلان قىلىشى، بۇ كوممۇنىستلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان قوللىنىپ كېلىۋاتقان كونا ئۇسۇلى. ئىلگىرى ستالىن ھۆكۈمىتىمۇ ئەركىن ياۋروپا رادىئو ئىستانسىسىدا ئىشلەيدىغان خىزمەتچى خادىملارنىڭ ۋەتەندىكى ئائىلە تاۋاباتلىرىغىمۇ بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلارنى ئۆز تۇغقانلىرىنى تىللاشقا مەجبۇرلىغان ئىدى. بۇ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر خانىمغىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ ھۇجۇم قىلماقتا. رابىيە خانىمنىڭ بالىلىرى ھەم تۇغقانلىرى ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نازارىتى ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. بۇ خەتنى ئۇلار يازدى دېگەندىمۇ بېسىم ۋە تەھدىت ئاستىدا يېزىلىپ، مەجبۇرىي قول قويدۇرغانلىقى ھەممىگە ئايان. ھازىرقى بۇ خىل ھالەت بىزگە ماۋزېدۇڭ دەۋرىدىكى مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى ئەھۋالنى ئەسلەتمەكتە."
خې چىڭليەن خانىم سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرىنى بۇ قەدەر كۆزگە ئىلماسلىقىدا، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق ۋەقەدە خىتايغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقىنىڭمۇ يەنە بىر سەۋەب بولغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى: " خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر دۆلەت ئىچىگە نىسبەتەن قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈشى، سىرتقا نىسبەتەن ئۇچۇرنى قامال قىلىپ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشىدا ئۆزىگە نىسبەتەن مەلۇم ئىشەنچى بار دەپ قارايمەن. بولۇپمۇ بۇ قېتىملىق "ئۈرۈمچى ۋەقەسى"گە نىسبەتەن ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى،شىمالىي كورىيە يادرو قوراللىرى مەسىلىسى، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق مەسىلىسى، بولۇپمۇ خەلقئارا ئىقتىسادى قىيىنچىلىقنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇپ، "ئۈرۈمچى ۋەقەسى"نى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى دەپ قاراپ، بۇ ئىشقا نىسبەتەن ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلدۈرمەسلىكى، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىدە" ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى بىزنى ئەيىبلىمەيدۇ" دېگەن قاراشنى شەكىللەندۈرۈپ،خىتاينىڭ خورىكىنى ئاشۇرۇۋەتتى. خىتاي بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالماستىن يەنە " دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى" غا پائالىيەت مۇھىتى ھازىرلاپ بەرگەن دۆلەتلەرگە نىسبەتەن تەھدىت سېلىش پوزىتسىيىسىنى قوللىنىۋاتىدۇ."
خې چىڭليەن خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرىنىڭلا ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەتلەرنىڭمۇ ئادالەتنى ياقلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ھەم خىتاي خەلقىگە قاراتقان سىياسىتىدىكى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى تۈرلۈك چەكلىمىلەرگە نىسبەتەن تەنقىدىي پوزىتسىيىدە بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.