خىتاي دېموكراتلىرى تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقىدا يەر شارى خاراكتېرلىك زور كۆلەملىك ھەرىكەت قوزغاشنى پىلانلىماقتا

كېلەر يىلى، 1989 ‏ - يىلى 6 ‏ - ئاينىڭ 4 ‏ - كۈنى يۈز بەرگەن تيەنئەنمېن دېموكراتىيە ھەرىكىتى باستۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىدۇر. چەتئەلدىكى خىتاي دېموكراتلىرى مەزكۇر ۋەقەنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يەر شارى خاراكتېرلىك زور كۆلەملىك خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ، تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى ئاقلاش، ۋەقەگە قاتناشقانلارغا كەچۈرۈم ئېلان قىلىش توغرىسىدا خىتاي دائىرىلىرىگە بېسىم ئىشلىتىشنى پىلانلىماقتا.

0:00 / 0:00

خىتاي دېموكراتلىرى شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدىكى مونگومىرىي باغچىسىغا يىغىلىپ، تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقىنى قانداق خاتىرىلەش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

تيەنئەنمېن ۋەقەسى خىتاي ھۆكۈمىتى دىپلوماتىك سورۇنلاردا ياكى ئاشكارا مەيدانلاردا تىلغا ئېلىشنى خالىمايدىغان بىر "كۆڭۈلسىزلىك" بولۇپ، مەزكۇر ۋەقە خىتاي ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ سەرخوشلۇقى ۋە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يېڭى ئەۋلاد خىتايلار ئارىسىدا ئاستا - ئاستا ئۇنتۇلۇۋاتقان بىر تارىخىي ھادىسە. لېكىن خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەزكۇر ۋەقە بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر يەنى دېموكراتىك خىتايلار، تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە پەرزەنتى ئۆلگەن ئائىلىلەر ۋە كومپارتىيىگە قارشى ئۆكتىچى پىكىردىكى زاتلارنىڭ نەزىرىدە بۇ ۋەقە ئۇنتۇلغۇسىز، جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلۈشكە تېگىشلىك تراگېدىيىلىك قىرغىنچىلىقتۇر.

خىتاي ھۆكۈمىتى 1989 ‏ - يىلدىن بېرى بۇ كىشىلەرنىڭ جاۋابكارلارنى سۈرۈشتۈرۈش، ۋەقەگە قاتناشقان ھازىرغا قەدەر تۈرمىدىكى ۋە چەتئەلدە سۈرگۈندىكى زاتلارغا كەچۈرۈم ئېلان قىلىش، ۋەقەنى ئاقلاش ھەققىدىكى تەلەپ ۋە پىكىرلىرىدىن خالى بولالماي كەلدى. چەتئەلدىكى خىتاي دېموكراتلار ھەر يىلى 4 ‏ - ئىيۇن كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن خاتىرىلەپ كەلمەكتە ۋە كىشىلەرگە 1989 - يىلى 4 ‏ - ئىيۇن كۈنى يۈز بەرگەن بېيجىڭدىكى قىرغىنچىلىقنى خاتىرىلەتمەكتە ئىدى. كېلەر يىلى 6 ‏ - ئايدا تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقى تولىدۇ. چەتئەلدىكى دېموكراتىك خىتايلار بولسا كېلەر يىلى مەزكۇر ۋەقەنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى ئاقلاش، ۋەقەگە قاتناشقۇچىلارغا كەچۈرۈم ئېلان قىلىش، ئەپۇ سوراش، چەتئەلدىكىلەرنىڭ يۇرتىغا قايتىشىغا رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلىشنى مەزمۇن قىلغان يەر شارى خاراكتېرلىك زور كۆلەملىك خاتىرىلەش پائالىيىتى تەشكىللەشنى، خىتاي دائىرىلىرىگە ۋەقەنى ئاقلاش توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىشنى پىلانلىماقتا.

ئالدىنقى كۈنى خىتاي دېموكراتىيە سېپىدىكى يېتەكچى زاتلارنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدىكى مونتگومېرىي باغچىسىدا ئېلىپ بارغان 2 كۈنلۈك يىغىنى بۇ مەزمۇندا بولۇپ، ئۇلار كېلەر يىلى ئېلىپ بېرىلىدىغان يەر شارى خاراكتېرلىك خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ كونكرېت كۈنتەرتىپىنى مۇزاكىرە قىلغان ۋە بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بارغان. "جۇڭگو دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ 2008 ‏ - يىلقى لوس ‏ - ئانجېلىس قۇرۇلتېيى"دېگەن نامدىكى بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا خىتاي "پۇقرالار كۈچى" ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ياڭ جيەنلى، 4 ‏ - ئىيۇن ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى چەتئەلدە ۋە خىتاينىڭ ئىچكى قىسىمىدا تەڭ قانات يايدۇرۇش، ھەرىكەتنى بىر ئاي داۋاملاشتۇرۇشنى ۋە ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان تەلەپلەرنى ساناپ ئۆتكەن.

ياڭ جيەنلى مۇنداق دەيدۇ":‏ 1 ‏ - تەلەپ تۈرمىدىكى 4‏ - ئىيۇن بىلەن مۇناسىۋەتلىك زاتلارنى قويۇۋېتىش، 2‏ - تەلەپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئوقۇغۇچى ۋە زىيالىيلارنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىش، 3‏ - تەلەپ چېگرىدىن كىرىشى چەكلىنىدىغان كىشىلەر قارا تىزىملىكىنى بىكار قىلىش، 4 ‏ - تەلەپ ھۆكۈمەتنىڭ 4‏ - ئىيۇن مەسىلىسى توغرىسىدا ھەر قايسى ساھەلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىنى تەلەپ قىلىشتۇر". خىتاي ھۆكۈمىتى 1989 ‏ - يىلى تيەنئەنمېن دېموكراتىيە ھەرىكىتىنى باستۇرغاندا ھەرىكەتكە يىتەكچىلىك قىلغان ئاز دېگەندە 22 نەپەر ئوقۇغۇچى ۋە بىر قاتار زىيالىي ۋە ئاكتىپلار ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان. تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلارنىڭ بىر قىسىمى قولغا ئېلىنغان، يەنە بىر قىسىمى چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن ئىدى.

چەتئەلگە قاچقانلار ئىچىدە ئۆركەش دۆلەت، سەي لىڭ، شياڭ شاۋجى قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار رەھبەرلىرى بار بولۇپ، ۋاڭ دەنگە ئوخشاش بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار رەھبەرلىرى قولغا ئېلىنغان، زىيالىيلاردىن خىتاي فىزىكا ئالىمى، جۇڭگو پەن - تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى فاڭ لىجى ئايالى بىلەن بىرگە ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا قېچىپ كىرىۋالغان، خىتاي يازغۇچى ليۇ يەنبىڭ، جاۋ زىياڭنىڭ مەسلىھەتچىسى يەن جياچى، خىتاي خەلق قۇرۇلتېيى مۇدىرى ۋەن لىنىڭ ئوغلى، سىتوڭ گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ۋەن رۇڭنەن قاتارلىقلار ئامېرىكىغا قاچقان ئىدى.

چەتئەلدىكى خىتاي دېموكراتىيە ھەرىكىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بىرى تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى ئىتتىپاقسىزلىقلار ئىدى. خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ لوس ئانجېلىستىكى قۇرۇلتىيىدا جۇڭگو دېموكراتىيە بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى شۆ ۋېي، 4 ‏ - ئىيۇننى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ داغدۇغا پەيدا قىلىشى ئۈچۈن تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى مەنمەنچىلىكنى تۈگىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ،" تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى چەك ‏ - چېگرىنى بۇزۇپ تاشلاش، ھېچقانداق تەشكىلاتنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالماي، خاتىرىلەش پائالىيىتىگە پۈتۈن بىر دېموكراتىك ھەرىكەت سۈپىتىدە تەييارلىنىش ئىنتايىن زۆرۈر،" دەيدۇ.

گېرمانىيىدىكى جۇڭگو دېموكراتىيە فرونتىنىڭ رەئىسى فېى لياڭيۇڭ بولسا ئەينى چاغدا تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى باستۇرۇشنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى، دەپ قارالغان كومپارتىيىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ھۆكۈمدارى دېڭ شاۋپىڭنىڭ 200" مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، 20 يىللىق تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرىمىز " دېگەنلىكىنى تەنقىد قىلدى. فېي لياڭيۇڭ، " ئادەم ئۆلتۈرۈپ مۇقىملىققا ئېرىشىش دېگەنلىك بۇ بىر مۇستەبىتنىڭ سۆزى" دەپ تەكىتلەيدۇ. دېموكراتىك زاتلارنىڭ 4‏ - ئىيۇننى يېڭى ئۇسۇللار بىلەن خاتىرىلىشىنى تەلەپ قىلغان فېى لياڭيۇڭ مۇنداق دەيدۇ": دېموكراتىك تەشكىلاتلار چوقۇم زىلزىلە پەيدا قىلالايدىغان چاقىرىقلارنى، ھەر خىل رەسىملىك ۋە شۇئارلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. خىتاي دېموكراتىك پارتىيىسى غەربىي ئامېرىكا كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى جېن چۈنجۇ، مەزكۇر پارتىيىنىڭ كېلەر يىلى بىر قاتار پائالىيەتلەرنى پىلانلاپ قويغانلىقىنى، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ 56 كۈن ئاچلىق ئېلان قىلىش، دېموكراتىيە ئىلاھىنىڭ ھەيكىلىنى ياساش، 4 ‏ - ئىيۇن مارشى كەشپ قىلىش ۋە پىيادە مېڭىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يىغىندا خىتاي " پۇقرالار كۈچى " ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ياڭ جيەنلى خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچىدە 4 ‏ - ئىيۇنغا ئائىت لىكسىيە سۆزلەش پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، چەتئەلدە ھەر قايسى دۆلەت پارلامېنتلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، " 4‏ - ئىيۇنغا ئائىت لېكسىيىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، مەملىكەت ئىچىدىكى زاتلارنى لىكسىيە سۆزلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ھەقىقىي ئەھۋالنى سۆزلەش، پەرزەنتلەرگە تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئۆلگەن كىشىلەرنى خاتىرىلىتىش لازىم .... شۇنداقلا ھەر قايسى دۆلەت پارلامېنتلىرىنى 4 ‏ - ئىيۇن ۋەقەسىگە دائىر قارار لايىھىلىرىنى چىقىرىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. چەتئەل پارلامېنتلىرى چىقارغان قارار لايىھىلىرىنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى بىز ئوتتۇرىغا قويغان 4 تەلەپنى قاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. تيەنئەنمېن دېموكراتىيە ھەرىكىتى خىتايدا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىدىمۇ ياكى دېموكراتىيىنىڭ كېچىكىشىگە سەۋەب بولدىمۇ ؟ دېگەن مەسىلىدە يەنىلا ئوخشىمىغان پىكىر ۋە كۆز قاراشلار مەۋجۈت.

تيەنئەنمېن دېموكراتىيە ھەرىكىتىگە قاتناشقان ۋە ھازىر چەتئەلدە پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ كۆپچىلىكى مەزكۇر ۋەقەنى "جۇڭگودا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدىكى زور ئىجابىي ھەرىكەت " دەپ قارىماقتا. لېكىن يەنە بەزى ئانالىزچىلار بولسا، تيەنئەنمېن ۋەقەسى خىتايدا دېموكراتىيىنىڭ تەرەققىياتىنى كېچىكتۈرۈش رولىنى ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

بۇ قاراشتىكى ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىنى ئۇزۇن مۇددەت بېسىپ يېتىۋېلىشى ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ پالەچ ھالغا چۈشۈپ قېلىشى كومپارتىيە ئىچىدىكى قاتتىق قوللارنىڭ تۈگمىنىگە سۇ قۇيۇپ بەرگەن. ئۇلار تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى باھانە قىلىپ، تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى باستۇرۇپلا قالماي، كومپارتىيە ئىچىدىكى ئىسلاھاتچى، دېموكراتىيىنى ياقلايدىغان لىبېراللار گۇرۇھىنى ھاكىمىيەت قاتلىمىدىن تازىلاپ چىقارغان.