ساۋ چاڭچىڭ: 'ئۈرۈمچى قانلىق توقۇنۇشىغا خىتاي كومپارتىيە ھاكىمىيىتى جاۋابكار '

"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" گە قارىتا خىتاي دېموكراتلىرى ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىدى. ئۇلار ماقالە - ئوبزورلىرىدا بىردەك، " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" نىڭ كېلىپ چىقىشىدا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتى سەۋەب بولدى " دەپ قارىماقتا.

0:00 / 0:00

ئامېرىكىدىكى خىتاي دېموكراتلىرىدىن ساۋ چاڭچىڭ ئەپەندى ھەم ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ خىتاي تىلى پروگراممىسىدا ھەم "يونۇلۇش ژۇرنىلى" دا ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇ قېتىملىق ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئالدى بىلەن خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھەم ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەيىنلىگەن سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن جاۋابكار بولۇشى كېرەك دەپ كۆرسەتتى.

ساۋ چاڭچىڭ ئەپەندى 13 - ئىيۇل كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ خىتاي تىلى بۆلۈمىدە ئېلان قىلغان " ئۈرۈمچى قانلىق توقۇنۇشىغا قانداق قاراش كېرەك" سەرلەۋھىلىك ئوبزورىدا بۇ ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ھەققىدىكى قارىشىنى مۇنداق بايان قىلدى.

"بۇ ۋەقەنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغان ئوت پىلتىسى گۇاڭدۇڭ شاۋگۈەندە يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنىڭ خىتاي ئىشچىلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى. بۇ ۋەقەدە خىتاي ئىشچىلىرى توردىكى "ئۇيغۇر ئىشچىلار 2 نەپەر خىتاي قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلدى" دېگەن ساختا خەۋەرگە تايىنىپلا، تومۇر كالتەكلەر بىلەن قوراللىنىپ، بىگۇناھ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىپ، نۇرغۇن ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنىڭ يارىلىنىشى ھەتتا ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇ ئەھۋال خۇددى ئامېرىكىدا ئەينى يىللىرى ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ئىدىيىسىدىكى ئاق تەنلىكلەرنىڭ ك ك ك پارتىيىسى ئەزالىرىنىڭ " قارا تەنلىكلەر ئاق تەنلىك ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلدى" دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاش بىلەنلا قارا تەنلىكلەرنى ئۆزلىرى توپلىنىپ جازالىغىنىغا ئوخشايدۇ، ئۇيغۇرلارنى كۆرگەنلا يەردە ئۇرۇشتەك بۇ خىل قىلمىش ك ك ك چىلار ھەم ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىيلارنى قىرىشىدەك ئىرقىي كەمسىتىش ئىدىيىسىنىڭ ئىپادىسى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئىشتا مەسئۇلىيەتنىڭ پۈتۈنلەي خىتاي ئىشچىلىرىدا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇقلۇق، بۇ قاتىللارنى ۋاقتىدا جازالىمىدى. نەتىجىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ غۇرۇرىغا تېگىپ "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشى"نىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولدى."

ساۋ چاڭچىڭ ئەپەندى " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"نىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ئارقا كۆرۈنۈش ھەققىدە توختىلىپ، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن يۈرگۈزگەن ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى دەپ كۆرسەتتى. ئۇ بۇ قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى.

"ئۇيغۇرلار ئۆز ئانا تۇپرىقىدا ياشاپ تۇرۇقلۇق، بارغانسېرى 2 - دەرىجىلىك پۇقراغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. ھازىر بۇ رايوندا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ نوپۇسى 1949 - يىلدىكى 5% تىن شىددەت بىلەن كۆپىيىپ، 40 نەچچە پىرسەنتكە يەتتى،چوڭ شەھەرلەردە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ نوپۇسى مۇتلەق كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ، مەركەز ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 20% كە چۈشۈپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەرلىك ھۆكۈمەت خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارىتا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى قوللانغانلىقى ھەم خىتاي كۆچمەنلىرى يەرلىك خىتاي ئەمەلدار تۇغقانلىرى ۋە يۇرتداشلىرىنىڭ ھوقۇقىغا تايىنىپ زومىگەرلىك قىلىپ، ئۇيغۇر ئىلىدىكى بايلىق مەنبەلىرىگە ئىگە بولۇۋالغانلىقى، كارخانا - شىركەتلەرنىڭ ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇر خىزمەتچىلەرنى ئىشقا ئېلىشنى رەت قىلغانلىقى ئۇچۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ تىرىكچىلىك مۇھىتى تارىيىپ كەتتى. دېمەك بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىغا يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتى سەۋەب بولماقتا."

ساۋ چاڭچىڭ ئەپەندى "يونۇلۇش ژۇرنىلى" دا ئېلان قىلغان "خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ "ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىكى 8 خاتالىقى" ناملىق ماقالىسىدە، خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدىكى خاتالىقىنى مۇنداق 8 نۇقتىغا يىغىنچاقلىغان:

1. خىتاينىڭ بۇ 20 يىلدىن بۇيان ئۆز خەلقىگە ئېلىپ بارغان چوڭ خىتاي مىللەتچىلىكى تەشۋىقاتى، شاۋگۈەندىكى خىتاي پۇقرالىرىدا بىزنى خىتاي ھۆكۈمىتى قوغدايدۇ دېگەن قاراشنى پەيدا قىلىپ، ئۇلارنىڭ قولىغا تومۇر كالتەكلەرنى ئېلىپ، ئۇيغۇر ئىشلەمچىلىرىنى توپلىشىپ ئۇرۇش ھەتتا ئۇرۇپ ئولتۇرۇش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

2. خىتاي پۇقرالىرى ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈشتەك قانلىق ۋەقە 5 سائەت داۋاملاشقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەگە نىسبەتەن سۈكۈت قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولۇپ، ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئالمىغان، بەلكى خىتاي پۇقرالىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئەدەپلەپ قويۇش پوزىتسىيىسىدە بولغان، بۇ گىتلېرچە ناتسىستلىق ئىدىيىسى بولماي نېمە ؟

3. شاۋگۈەن قان تۆكۈلۈش ۋەقەسىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلىمىدى. ئۆلۈم ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان خىتاي قاتىللىرىنى دەل ۋاقتىدا جازالىمىدى، بۇ ئىشنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە ئېلىپ كېلىدىغان روھىي زەربىسىنى ئېتىبارغا ئالمىدى.

4. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە تەيىنلىگەن پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىقلار شاۋگۈەن ۋەقەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي غۇرۇرىغا تەسىر قىلىدىغان نازۇك مىللىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتمىدى، چوڭ ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللانمىدى.

5. ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىقلار شاۋگۈەن ۋەقەسى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇقلۇق، بۇ ئىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللانمىدى.

6. 10 مىڭلىغان ئۇيغۇر خەلقى ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىغا يىغىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ شاۋگۈەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ناھەق ئۆلۈشىدەك ۋەقەنى ھۆكۈمەتنىڭ ئادىل بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، تىنچلىق نامايىشى ئېلىپ بارغىنىدا، ۋاڭ لېچۇەن ھۆكۈمىتى بۇ ئىشنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانماستىن، ئەكسىچە قورال كۈچى ئارقىلىق قانلىق باستۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللاندى.

7. ئۈرۈمچى قانلىق ۋەقەسى پارتلىغاندىن كېيىن خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 1 - ئىنكاسى ئۇچۇرنى قامال قىلىش بولدى. ئىنتېرنېت ھەم تېلېفون ئالاقىسىنى ئۈزۈۋېتىپ، ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى خەلقئارادىن يوشۇرۇش بولدى.

8. شۇنچە ئېغىر قان تۆكۈلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن تۇرۇقلۇق، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۇەن قاتارلىقلار، بۇ ۋەقەدە ئۆلگەن خەلقنىڭ مىللەت تەركىبىنى تېخى ئېنىق ئايرىماي تۇرۇقلۇق، بۇ ئىشنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ۋە رابىيە قادىر خانىم قاتارلىقلارغا ئارتىش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان قاتتىق قول سىياسىتىنىڭ بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغانلىقىدەك ئېغىر مەسئۇلىيەتتىن قاچماقچى بولۇۋاتىدۇ.

ساۋ چاڭچىڭ ئەپەندى ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"نىڭ بۇندىن كېيىن ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ۋەقەدە خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ۋەقەنى قانلىق باستۇرۇش ئارقىلىق ۋەزىيەتنى ۋاقتىنچە كونترول قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ۋەقە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈلۈك جاراھەتنى قالدۇرغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بېسىلمايدىغانلىقىنى، بەلكى بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ساۋ چاڭچىڭ ئەپەندى يەنە،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەنى قانلىق باستۇرۇشى سەۋەبلىك ئەمدى ئۇيغۇر ئىلىگە كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا كۆچمەن بولۇپ بارغان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ، بولۇپمۇ مۇسۇلمان ئەللىرىدە سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭمۇ بىخەتەرلىكىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى. ساۋ چاڭچىڭ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدىكى قىرغىنچىلىقى خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ئىناۋىتىنى تۆكۈپ، خىتاينى دۇنياغا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان زوراۋان دۆلەت قىلىپ تونۇتقانلىقىنى تەكىتلىدى.