ئەي ۋېيۋېي پەيشەنبە كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، پۇقرالار تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ پىدائىيلىرى بىلەن بىرلىكتە، تېز سۈرئەتلىك پوچتا يوللانمىسى يوللاش ئارقىلىق، خىتاي دۆلەتلىك يەر تەۋرەش ئىدارىسى، سىچۈەن ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتى، سىچۈەن جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلاردىن 2008 - يىلى 12 - ماي يۈز بەرگەن سىچۈەندىكى يەر تەۋرەشكە ئائىت بارلىق ئۇچۇرلارنى ئاۋامغا ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، ئەگەر ھۆكۈمەت تەرەپ 15 كۈن ئىچىدە بۇ ئىمزالىق خەتكە جاۋاب قايتۇرمىسا، ئۆزلىرىنىڭ خىتايدا بەلگىلەنگەن قانۇن نىزاملىرى بويىچە، بۇ ئورۇنلار ئۈستىدىن ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەي ۋېيۋېي : "بىز سىچۈەندىكى يەر تەۋرەشتە ئۆلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي سانىنى ئىگىلەش جەريانىدا پەقەتلا ئاۋام پۇقرالار ئارىسىدىكى ئەمەلىي تەكشۈرۈشىمىزگە تايىنىپلا، ھەقىقىي سانلىق مەلۇماتلارغا ئىگە بولالمايمىز. شۇڭا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئۇچۇرلارنى ئاۋام پۇقراغا ئاشكارىلىشىنى تەلەپ قىلدۇق، بىز ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان ئۇچۇرلار ئىچىدە ھۆكۈمەت ھازىرغىچە ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئۇچۇرلارمۇ بار. بىز ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن 15 كۈنلۈك مۆھلەت ئىچىدە بىزگە بۇ مەسىلە توغرۇلۇق جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلدۇق. ئەگەر ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ مۆھلەت ئىچىدە جاۋاب قايتۇرمايدىكەن، بىز خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بەلگىلىگەن قانۇن، نىزاملارغا ئاساسەن بۇ ئورۇنلار ئۇستىدىن ئەرز قىلىمىز."
ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى مۇخبىرى، ئەي ۋېيۋېي قاتارلىق پۇقرالار تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ پىدائىي خادىملىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا يازغان بۇ ئوچۇق خەتلىرىدە، ئوخشىمىغان ئورگانلاردىن ئوخشىمىغان ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بايقىغان. ئۇلارنىڭ دۆلەتلىك يەر تەۋرەش ئىدارىسىگە يازغان خېتىدە، دۆلەتلىك يەر تەۋرەشنى تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ بۇ 10 يىل ئىچىدە مەركىزى ھۆكۈمەتتىن قانچىلىك مەبلەغگە ئېرىشكەنلىكىنى، بۇ پۇلنى يەر تەۋرەشكە دائىر قانداق تېخنىكىلىك تۈرلەرگە ئىشلەتكەنلىكىنى، بۇ پۇللار 12 - ماي يەر تەۋرەش بەلۋىقىنىڭ مەركىزى بولغان رايوننى تەكشۈرۈش ئۇچۇن ئىشلىتىلگەنمۇ؟ قۇتقۇزۇش خىزمىتى جەريانىدا يەر تەۋرەش ئىدارىسى قانداق تېخنىكىلىك قۇتقۇزۇشلارنى ئېلىپ باردى؟ دېگەن سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
ئۇلارنىڭ سىچۈەن جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىگە يازغان خېتىدە، سىچۈەن ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ 12 - ماي يەر تەۋرەش ۋەقەسىدىكى قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە قانداق قانۇن بەلگىلىمىلەرنى چىقارغانلىقىنى، قانداق ھۆججەتلەر بارلىقىنى، جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ تىزىملىكىنى خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىگە ھەم جەمئىيەتكە ئاشكارىلىدىمۇ؟ ئاشكارىلىغان بولسا قاچان، قايسى ۋاقىتتا ئاشكارىلىدى؟ ئۆلگەنلەرنىڭ ئەمەلىي سانى زادى قانچىلىك؟ دېگەن مەسىلىلەر سورالغان. سىچۈەن خەلق ئىشلىرى نازارىتىگە يازغان خېتىدە، يەر تەۋرەشتە مەجرۇھ بولغانلارنىڭ سانى قانچىلىك؟ بۇلارنىڭ ئىچىدە ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى قانچىلىك؟ دېگەن مەسىلىلەرگە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ جاۋاب بېرىشى تەلەپ قىلىنغان.
بۇلتۇر 5 - ئايدا سىچۈەندە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ يەر تەۋرەش جەريانىدا ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي سانىنى ئېنىق مەلۇم قىلماسلىقى، يەر تەۋرەش جەريانىدىكى قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە سۇسلۇق قىلغانلىقى سەۋەبلىك بۇ ۋەقە توغرۇلۇق خەلقنىڭ نارازىلىق قوزغالغان بولۇپ، ھۆكۈمەت ئەرز قىلغۇچىلارغا نىسبەتەن باستۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن. بۇ سەۋەبلىك ئەي ۋېيۋېي قاتارلىق بىر تۈركۈم زىيالىيلار ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ، سىچۈەندىكى يەر تەۋرەشتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئىگىلەش، ئاپەتتە ئۆلگەن ئوقۇغۇچىلار ھەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەقىقىي سانىنى ئاۋام پۇقرالار ئارىسىغا بېرىپ ئىگىلەش خىزمىتىنى باشلىۋەتكەن.
ئەي ۋېيۋېي قاتارلىق پىدائىيلارنىڭ بۇ تەكشۈرۈش خىزمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەم سىچۈەن يەرلىك دائىرىلىرىنىڭ كۆپ قېتىملىق توسقۇنلۇقى ۋە تەھدىتلىرىگە ئۇچرىغان، ئەي ۋېيۋېي بۇ سەۋەبلىك كۆپ قېتىم، سىچۈەن ۋە بېيجىڭدىكى ساقچىخانىلارغا قاماپ قويۇلغان، ئۇنىڭ شەخسى تور بېتىمۇ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تاقىۋېتىلىپ، ھۆكۈمەت ئۇنىڭ ئۆيىگە كۆزىتىش ئاپپارات ئورنىتىپ،ئىش ھەرىكەتلىرىنى تەقىب ئاستىغا ئالغان.
ئەي ۋېيۋېينىڭ خوڭكوڭدا چىقىدىغان "يېڭى دەۋر ژۇرنىلى" مۇخبىرى رېن يەنفاڭنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا بىلدۈرۈشىچە، ھەتتا بۇ يىل 12 - سېنتەبىر كۈنى ئەي ۋېيۋېي ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى ساقچىلار تەرىپىدىن قاتتىق ئۇرۇلغان، ساقچىلارنىڭ شۇ قېتىملىق قاتتىق ئۇرۇشى نەتىجىسىدە ئەينىڭ بېشى ئېغىر زەخىملىنىپ مېڭىسىگە قان ئۇيۇغان، ئەمما خىتايدىكى دوختۇرلار ئەي ۋېيۋېيگە يېنىك دەرىجىدە زەخمىلەنگەن دەپ دىئاگنوز قويۇپ، ئۇنى داۋالاشنى رەت قىلغان. 14 - ئۆكتەبىر كۈنى گېرمانىيىنىڭ فرانكفورت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسىگە قاتنىشىش ئۇچۇن گېرمانىيىگە بارغان ئەي ۋېيېۋېي بېشى قاتتىق ئاغرىپ كەتكەنلىكى ئۇچۇن، دوختۇرخانىغا بارغىنىدا گېرمانىيە دوختۇرلىرى ئۇنى ھاياتى خەۋپ ئىچىدە دەپ دىئاگنوز قويۇپ، ئوپېراتسىيە قىلىپ مېڭىسىدە ئۇيۇپ قالغان قاننى تازىلاپ، ئۇنىڭ ھاياتىنى خەۋپتىن ساقلاپ قالغان.
ئەي ۋېيۋېي، "يېڭى دەۋر ژۇرنىلى" مۇخبىرى رېن يەنفاڭنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، ئۆز ئىرادىسىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېگەن: "مەن ھەر ۋاقىت ھەققانىيەت تەرەپتە تۇردۇم، ئاۋام خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلدىم، ھۆكۈمەتنىڭ ئاشۇ ئازغىنە مائاشىنى دەپ ۋىجدانىمنى ساتمىدىم. كۆرۈپ تۇرۇپسىز، ھازىر خىتايدا پۇقرالار ئەركىنلىكى ھەم دېموكراتىيىدىن سوز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس، ئۇلار مېنى تەقىب ئاستىغا ئېلىشتى، ئۆيۈمگە تىل كامېرا ئورنىتىپ ھەرىكەتلىرىمنى تەقىب ئاستىغا ئېلىشتى، تور بېكىتىمنىمۇ تاقىۋەتتى، ئەسەرلىرىمنى نەشر قىلىشىمنى توستى، ئەمما مەن قورقمايمەن. چۈنكى مېنىڭ ئارقامدا تۇرغىنى ئاشۇ ئاۋام خەلق - پۇقرالار ھەم ئۇلارنىڭ ھەقىقانىي تەلىپى."
ئەي ۋېيۋېي "يېڭى دەۋر ژۇرنىلى" مۇخبىرى رېن يەنفاڭغا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ شۇنداق دېگەن: "بۇ يىل ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىدىكى باراۋەرسىزلىك، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا كەمسىتىش سىياسىتى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن. ھۆكۈمەت ئۆز خاتالىقىنى تۈزىتىشنىڭ ئورنىغا ئىنتېرنېت ۋە تېلېفوننى ئۈزۈۋېتىپ، ئۇچۇرنى قامال قىلىش ئارقىلىق خەلقنى باستۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ، شىنجاڭنى دۇنيادىن ئايرىۋەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. مانا بۇ ئۇلارنىڭ خەلقنىڭ غەزىپىدىن قورققانلىقى، ئۆز قىلمىش - ئەتمىشلىرىنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلىنىشىدىن قورققانلىقى سەۋەبىدىن بولۇۋاتىدۇ.چۈنكى ھەققانىيەت خەلق تەرەپتە، شۇڭا ھازىرقى ھۆكۈمەت خەلقتىن قورقىدۇ. مەن ۋە مېنىڭ دوستلىرىم بۇ ھەقىقەتنى ياخشى بىلىمىز، شۇڭا بىز ھۆكۈمەتنىڭ بۇ تەقىپلىرىدىن قورقۇپ قالمايمىز."