' خىتاي كومپارتىيىسىدىن دېموكراتىيە تەلەپ قىلىش، يولۋاستىن تېرىسىنى سوراشتۇر'

خىتاي دېموكراتچىلىرى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، 2008 نىزامنامىسىنى ئېلان قىلىپ، خىتايدا سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ئىچى - سىرتىدا بۇ ھەقتە كۆپلىگەن تالاش - تارتىشلار كېلىپ چىقتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2008-12-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺖ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯧﻜﺮﯦﺘﺎﺭﻯ ﺟﺎﯞ ﺯﯨﻴﺎﯕﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﻛﺎﺗﯩﭙﻰ، 2008 ﻧﯩﺰﺍﻣﻨﺎﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﺎﯞ ﺗﻮﯓ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺖ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯧﻜﺮﯦﺘﺎﺭﻯ ﺟﺎﯞ ﺯﯨﻴﺎﯕﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﻛﺎﺗﯩﭙﻰ، 2008 ﻧﯩﺰﺍﻣﻨﺎﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﺎﯞ ﺗﻮﯓ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ.
RFA Photo

بۇ تالاش - تارتىشلاردىن بېرى، خىتاي كومپارتىيىسىدىن دېموكراتىيە تەلەپ قىلىشنىڭ ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكى مەسىلىسىدۇر. بۇ توغرىدا مەسىلىگە ئۈمىدسىز قارىغۇچىلار، خىتاي كومپارتىيىسىدىن دېموكراتىيە تەلەپ قىلىش، يولۋاستىن تېرىسىنى سوراش دەپ چۈشىنىدۇ.

بۈگۈن خىتاي دېموكراتچىلىرىنىڭ 2008 ‏نىزامنامىسىگە ئىمزا قويغۇچىلار ۋە ئۇنى قىزغىن قوللىغۇچىلاردىن بىرى يازغۇچى خۇ پىڭ بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىدا بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، نىزامنامىنىڭ بارلىق كىشى ۋە بارلىق گۇرۇپپىلارنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرىنى ئەكس ئەتتۈرەلمىگەنلىكى رېئاللىق، ئەمەلىيەتتە بىر نىزامنامىدىن بۇنى كۈتۈشنىڭ ئۆزىمۇ توغرا ئەمەس؛ ئەمما نىزامنامە كىشىلەرگە ئەركىن پىكىر بايان قىلىش، ئوخشىمىغان كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەشنىڭ ئەقلىي سورۇنىنى ھازىرلاپ بەرگەن.

خۇ پىڭنىڭ قارىشىچە، بۇ نىزامنامىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر،يېڭى پىكىرلەر ئەمەس، خىتاي دېموكراتچىلىرى خىتاي ئىچى - سىرتىدا، ھەر خىل سورۇنلاردا يىللاردىن بېرى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان مەسىلىدۇر. نىزامنامىنىڭ قىممىتى، ئالدى بىلەن ئۇنىڭدا خىتاي خەلقىنىڭ ئارزۇ ‏ - ئارمانلىرىنىڭ - سىياسىي ئىسلاھات تەلىپىنىڭ ئوچۇق بىر شەكىلدە بايان قىلىنىشىدۇر، ئۇنىڭدىن كېيىن، بۇنىڭ خىتاينىڭ ئىچىدىكى بىر تۈركۈم زىيالىيلار تەرىپىدىن ئاشكارا ئېلان قىلىنىشى ۋە بۇ نىزامنامىگە كىشىلەرنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ئىمزا قويۇۋاتقانلىقىدۇر.

خۇپىڭ ئۆزىنىڭ 2008 نىزامنامىسىنىڭ ئەھمىيىتى ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ: بەزىلەر، بۇ خىل شەكىلدىكى قارشىلىق خىتاي كومپارتىيىسىگە تەسىر قىلارمۇ دەپ ئويلايدۇ، ھەتتا خىتاي كومپارتىيىسىدىن دېموكراتىيە تەلەپ قىلىشنى يولۋاستىن تېرىسىنى سوراشقا ئوخشىتىدۇ. بۇ قارىماققا ئەقىلگە ئۇيغۇن، ئەمەلىيەتتە توغرا ئەمەس. چۈنكى 2008 ‏نىزامنامىسىگە ئىمزا قويغۇچىلار، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ دېموكراتىيىنى مەرھەمەت قىلىپ بېرىۋېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىۋاتقىنىمۇ يوق؛ ئەگەر بۇنداق بولغان بولسا، كومپارتىيە رەھبەرلىرىگە قارىتىپ خەت يازغان، ئۇنى جامائەتكە ئاشكارىلىمىغان بولاتتى. بۇ يەردىكى مەقسەت، خىتاي خەلقىنى ئاڭ جەھەتتىن يېتەكلەشتۇر.

مۇمكىن بولسا، ھەقسىزلىككە قارشى تۇرىدىغان، مۇمكىن بولمىغاندا، دىكتاتور ھاكىمىيەتكە چوماقچى بولمايدىغان ھايات پرىنسىپى ۋە مەيدانىغا ئىگە قىلىشتۇر. ئۇ بۇ ھەقتە ماقالىسىدە مۇنداق يازىدۇ: كۆپىنچە كىشىلەر ئەركىنلىك ئۈچۈن ياكى جاننى ئالقانغا ئېلىپ كۈرەش قىلىش ياكى زۇلۇمنى قوبۇل قىلىپ جان بېقىش كېرەك دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا يەنە كۆپلىگەن يوللار بار: ئەركىنلىك جەڭچىسى بولالمىغان تەقدىردىمۇ، زالىمنىڭ قامچىسى ۋە يانتايىقى بولۇشتىن ساقلىنىش؛ ھەقنى سۆزلىيەلەيدىغان بولالمىغان تەقدىردىمۇ، ھەقسىزلىككە چاۋاك چالمايدىغان ئىنسان بولۇش، مانا بۇ بىزنىڭ يەنى خىتاي دېموكراتچىلىرىنىڭ خىتاي خەلقىدىن جۈملىدىن، خىتاي ھاكىمىيىتى ئىچىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ۋىجدان ساھىبى كادىرلاردىن كۈتىدىغىنىمىز. 2008 نىزامنامىسى مانا بۇ ئارزۇيىمىز ئۈچۈن يېتەرلىك خىزمەت قىلالايدۇ.

ئاپتور ماقالىسىدە يەنە، 2008 ‏نىزامنامىسىگە قول قويغىنى ئۈچۈن تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئائىلە - تاۋاباتلىرىغا ئىگە چىقىش، ئۇلارغا ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ياردەمدە بولۇشى،خىتاي دېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى دەپ كۆرسەتكەن.

ئاپتور خۇ پىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى بىرقىسىم رەھبەرلەرنىڭ سۆزلىرىگىمۇ جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: "بەزى كادىرلار، نۆۋەتتە بەلگىلىك دەرىجىدە دىكتاتورلۇقنىڭ داۋام قىلىۋاتقىنى راست، بىراق ماۋ زېدۇڭ دەۋرىگە قارىغاندا ۋەزىيەت كۆپ ئەركىن" دېيىشىدۇ؛ بۇ خىل كىشىلەرگە مېنىڭ جاۋابىم مۇنداق: "ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدىكى كادىرلار نادان ئىدى، دۇنيانى چۈشەنمەيتتى، پارتىيىنىڭ سىياسىتىنىڭ توغرىلىقىغا گۇمان قىلمايتتى، ئەمما سىلەر ئۇلارغا ئوخشىمايسىلەر، سىلەر ھەممىنى بىلىسىلەر، كومپارتىيىنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنىڭ جىنايەت ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىسىلەر، بىلىپ تۇرۇپ قوللاۋاتىسىلەر؛ شۇڭا ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدىكىلەرنى تارىخ ئەپۇ قىلىشى مۇمكىن، ئەمما سىلەرنى تارىخ ئەپۇ قىلمايدۇ."

داغدۇغىسى ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان 2008 نىزامنامىسىنىڭ فېدېراتسىيە تۈزۈمى، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئەڭ خەتەرلىك بۆلۈم دەپ قارالماقتا.

چۈنكى فېدېراتسىيە تۈزۈمى ھەقىقىي مەنىسى بىلەن ئىجرا قىلىنغان تەقدىردە فېدېرال دۆلەت ئىچىدىكى رايونلار ياكى مىللەتلەر، خالىغان ۋاقىتتا فېدېرال دۆلەتتىن بۆلۈنۈپ چىقىپ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان بولىدۇ. شۇڭا تۈنۈگۈن خۇنەن ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، خىتاي ئىچىدىكى ئۆكتىچى زات ياۋ لىشىننى خىتاي ساقچىلىرى بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاي دۆلىتىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە زىيانلىق بولغان، 2008 ‏چاقىرىقنامىسىگە ئەگەشمەسلىكىنى ئۇقتۇرغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت