خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى خىتاينىڭ 2020 ‏ - يىلى دېموكراتىيىگە ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئەنگلىيىدە چىقىدىغان كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ بۈگۈن شاڭخەيدىن خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىلىرىدىن بىرى بۈگۈن، خىتاينىڭ 2020‏ - يىلى سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ دېموكراتىيىگە ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

0:00 / 0:00

بۇ خىتاينىڭ سىياسىي ئىسلاھات ھەققىدە تۇنجى قېتىم ئېنىق ۋاقىت كۆرسىتىشى دەپ قارالماقتا. كۆزەتكۈچىلەر يەنە بىر تەرەپتىن، خىتايدا 2020 ‏ - يىلى بىر پارتىيىلىك ھاكىمىيەت تۈزۈمىگە خاتىمە بېرىلىدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا.

خىتاي ئۆتكەن يىلى ئېچىلغان 17 ‏ - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا، خىتاينىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى، ئەمما غەربنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىدىن ئۈلگە ئالمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن ئىدى. خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى سۆزلىرىدە، بولۇپمۇ خىتايدا سۈت پاراشۇكى ۋەقەسى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى تېمىسى خىتاينىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرى تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنىشقا باشلىدى.

ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرى ب د ت يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن نيۇيوركقا كەلگەن ۋېن جياباۋ تۇنجى قېتىم خەلقئارا مەتبۇئاتقا، غەربچە سىياسىي تۈزۈلمىنىڭ ئادىللىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئۇ شۇ قېتىمقى سۆزىدە خىتاينىڭ دېموكراتىيە قانۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەدلىيە ئورگانلىرى مۇستەقىل بولماي تۇرۇپ ئادالەتتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدىغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنى خەلقنىڭ نازارەت قىلىشى ۋە تەنقىدلىيەلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى. يەنە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋمۇ، 2020‏ - يىلىغا كەلگەندە خىتايدىكى دېموكراتىك ھەقلەردە چوڭ ئىلگىرىلەش بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەمما بۇ دېموكراتىك ھەقلەر ھەققىدە كونكرېت ئىزاھات بەرمىگەن.

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بۇ يىل 3 ‏ - ئاينىڭ16 ‏ - كۈنى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، دېموكراتىيە، قانۇن، ئەركىنلىك،كىشىلىك ھوقۇق، باراۋەرلىك قاتارلىق ئۇقۇملار يالغۇز كاپىتالىزم دۇنياسىغىلا خاس ئۇقۇملار ئەمەس، ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بايلىقى " دەپ چۈشەندۈرگەن. ۋېن جياباۋنىڭ بۇ قېتىم نيۇيوركتا مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە يەنە مۇنداق دېگەن: " مەن باش مىنىستىرلىقنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، جۇڭگودا ئارقا - ئارقىدىن چوڭ كېلىشمەسلىكلەر يۈز بەردى، دەسلەپتە سارس كېسىلى تارقالدى، ئارقىدىن قار ۋە مۆلدۈر ئاپەتلىرى يۈز بەردى، يەر تەۋرەشتە نەچچە ئونمىڭ ئادەم ئۆلدى، بۇ قېتىم سۈت پاراشۇكى ۋەقەسى يۈز بەردى، بۇ ۋەقەلەر بىزگە ناھايىتى مۇھىم بىر نەرسىنى ئۆگەتتى". ئەمما ۋېن جيا باۋ بۇ مۇھىم نەرسىنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى بايان قىلمىغان. كۆزەتكۈچىلەر بۇ يەردە ۋېن جياباۋنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىدىكى خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى بايان قىلىشماقتا.

خىتاي كومپارتىيىسنىڭ سىياسىي بيۇرو ئەزاسى شى جىنپىڭ يېقىندا مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە قىلغان سۆزىدە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيەت كرىزىسىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. چەتئەلدىكى خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋېن جياباۋ ۋە شى جىنپىڭلارنىڭ بۇ قاراشلىرى يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر تەرىپىدىن ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن تەنقىدكە ئۇچرىماقتا.

خىتاي سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى Chen gua yuan مەزكۇر تەتقىقات ئورنىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر سۆھبەتتە، خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشىنىڭ خەۋپ - خەتىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: " جۇڭگو دېموكراتىيىگە ئۆتۈپ ئومۇمى سايلام ئېلىپ بارسا، جۇڭگونىڭ 4 - 5 كە پارچىلىنىپ كېتىش ۋە ئىچكى ئۇرۇش كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى تۇغۇلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا ھوقۇق دېھقانلارنىڭ قولىغا مەركەزلىشىپ قالىدۇ، چۈنكى خىتايدا ئاساسىي نوپۇس دېھقان.

دېھقانلار ھۆكۈمىتى دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىيلىشىش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلالمايدۇ". ئۇ شۇ قېتىمقى سۆزىدە يەنە، خىتايدىكى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ، غەرب قىممەت قاراشلىرىغا چوقۇنماسلىقىنى، ئۆز دۆلىتى ۋە كومپارتىيىنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى كەمسىتمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلغان. بۇ خىل تەۋسىيىلەر، ۋېن جياباۋغا ئوخشاش پىكىردىكىلەرگە قارىتا دارىتما ۋە يوشۇرۇن تەنقىد دەپ قارالماقتا.